رامىزان

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ئوتتىن ئازات بولىدىغان مۇبارەك كۈنلەردۇر

2020-05-11
A-
A+

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ئوتتىن ئازات بولىدىغان مۇبارەك كۈنلەردۇر

پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات ئۇستاز

2010 – يىلى 8 – ئاينىڭ 27 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ئوتتىن ئازات بولىدىغان مۇبارەك كۈنلەردۇر، بارلىق مۇئمىنلەر بۇ كۈنلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇرتۇلۇشقا تىرىشىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

روھىي ئۈستۈنلۈك ۋە قەلبنىڭ ئازادىلىكى، ئەقىل ئېگىلىرىگە نېسىپ بولىدىغان نېمەتتۇر، بۇ نېمەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئىبادەتكە تېخىمۇ بېرىلىپ ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشىش، ئاقىللارنىڭ ئىشىدۇر. ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئېھساننىڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە ئېرىشىش مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھساننى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئېھسان دېگەن، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىسەن، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ساھابىلەر شۇ ئېھسان پىرىنسىپىنى قوللىنىپ بارلىق ئىشلىرىدا ئېھسان قىلىپ كەلگەن، ئۇلار ھەممە ئىشىدا ئاللاھنىڭ كۆزەتچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان. بۈگۈنكىدەك رامىزان مەۋسۈمىدە ئېھساننىڭ ۋە ئاللاھنىڭ كۆزەتچى ئىكەنلىكى تېخىمۇ روشەن ئايان بولىدۇ. رامىزان ئېيىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنلىرى ئاخىرقى ئون كۈنى بولۇپ، ئەڭ مۇبارەك كۈنلەرىدۇر. بۇ كۈنلەردە ئاللاھ بەندىلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالدىراش ۋە ئۇنىڭدا مۇسابىقىلىشىشكە چاقىرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ئەھمىيەتلىك كۈنلەر ھېسابلىناتتى. ئاخىرقى ئون كۈندە باشقا كۈنلەردە كۆرسىتىلمىگەن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا ۋاقىتتا كۆرسەتمىگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا كۆرسەتكەن تىرشچانلىقلىرى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشتا نامايەن بولاتتى.

بىرىنچى: ئىشتان بېغىنى چىڭ باغلايتتى،(يەنى ئاياللىرىدىن يىراق بولاتتى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرگەندە كەمىرىنى چىڭىتىپ، كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىسىنى ئويغىتىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى.

ئىككىنچى: كېچىدە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىش بولۇپ، تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق قىيامۇللەيل قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە دۇئا-تەسبىھ ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتى.

ئۈچىنجىسى: ئائىلىسىنى ئويغىتىپ ناماز ئوقۇتۇش. زەينەب بىنتى ئۇممۇسەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى قالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇشقا تاقىتى بار ھەر قانداق كىشىنى ئويغىتىپ ئىبادەت قىلدۇراتتى. بۇ بولسا بىر خىل نەبەۋى تەربىيە ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ ئىبادەتلىرىدىن مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىلگىرىكى سەلەف-سالىھلار بۇ مۇبارەك ئايدىن پەقەت ئۆزى يالغۇز بەھرىمەن بولۇش بىلەن چەكلەنمەستىن، ئائىلىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ئەزانىڭ ئوخشاش بەھرىمەن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرەتتى. مۇبارەك رامىزاننىڭ پەزىلىتىگە ئەۋلادلىرىنىمۇ شېرىك قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا مەسجىدتە ئېتىكاف قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىغا بۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ ئەلۋەتتە بىر چۈشەنچىسى بولىشى تەبىئىي، چۈنكى ئاخىرقى ئون كۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە رەھمەت قىلىش ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكدۇر. بۇ ئون كۈندە بارلىق كۈچىنى ئىبادەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىبادەت قىلغان ئادەمنىڭ دۇنيالىقتىكى غەم-ئەندىشىلىرى تامامەن يوقۇلۇپ، روھىي جەھەتتىن ئارام ئالىدۇ. ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ قەدرىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. بۇ ئون كۈن ئىچىدە قەدرى كېچىسى بار بولۇپ، ئۇ مىڭ ئايلىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر. بۇ ياخشىلىقتىن مەھرۇم بولغان كىشى بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇمدۇر. ئەمما ۋاقىت كېتىپ پۇرسەت قولدىن كەتكەندە پۇشايمان قىلغاننىڭ پەقەت پايدىسى يوق.

رامىزان ئېيى ھېچقاچان ھورۇنلۇق، بىكار تەلەپلىك ئېيى ئەمەس. ئويۇن -  تاماشا كۈنلىرىمۇ ئەمەس. بۇ ئاي ئىش قىلىش، جىھاد قىلىش، سەۋرچانلىق ۋە دىن-دۇنيالىق جەھەتتە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش ئېيىدۇر. ئەھلى ئىلىملەر ئېيتقاندەك، بۇ ئايدا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق بولالىغان ئادەم، يىلنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدىمۇ شۇ ياخشىلىققا مۇشەررەپ بولىدۇ. مۆمىنلەر بۇ ئايدا ھەقىقەتەن ياخشىلىققا ئېرىشىش يولىدا مۇسابىقىگە چۈشۈش كېرەك. بۇنداق ئالتۇن پۇرسەت يىلدا بىر ئاي كەلگەن بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت بولىشى مۇمكىن.

ئاللاھ ھەممىمىزنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلسۇن، قەدرى كېچىسىنى تاپقىلى نېسىپ قىلسۇن، ئاخىرىدا جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسۇن! ئامىن.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى