ئۆلىمالىرىمىز

ئۇستاز ئوبۇلقاسىم ئەھمىدىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

2018-10-23
A-
A+

ئۇستاز ئوبۇلقاسىم ئەھمىدىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى 1968- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى، مەكىت ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ۋە دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا، ئائىلسىدە دىنى تەلىم ئېلىشقا باشلىغان. 1983- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە يەكەن خاڭدى مەدرىسىدە ئەرەب تىلى، فىقھى، ھەدىس، تەپسىر ئىلىملىرىنى ئوقۇپ ئىجازەتنامىگە ئېرىشكەن. 1990- يىلىدىن 1994- يىلغىچە ۋەتەندە دەرس ئۆگىتىش، دەۋەت قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1994- يىلى قانۇنسىز دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن باھانە بىلەن 2- يىللىق قاماق جازىسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ، پايلاقچىلارنىڭ  نازارەتلىرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقتىن بىر مەزگىل چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇش نىيىتى بىلەن، 1997- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ۋەتەندىن ئايرىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن ۋە شۇ يىلى ھەجدىن يېنىپ مىسىرغا بېرىپ، بىر قانچە ئاي مىسىر ئۆلىمالىرىنىڭ دەرس ۋە سۆھبەتلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن، سۈرىيىدە 1997- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1997- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە داۋاملاشقان ئىمام، خەتىپ ۋە مۇدەررىسلەر كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان ۋە بۇ جەريانىدا، سۈرىيىدىكى بىر قانچە مەشھۇر ئۆلىمالار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ دەرس ۋە لېكسىيىلىرىگە قاتناشقان.

ئۇ، 2001 - يىلىدىن 2003- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە مۇككەررەمە ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ھەدىس ساھەسىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان، 2003 - يىلىدىن بىرى سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە دىكتور ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ، بۇ جەرياندا سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج مۇئەسسەسەلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا تەلىم تەربىيە ھەيئىتى، تۈركىستان ۋەقپىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. ئۇ ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە دىكتور ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، مەككە مۇكەەررەمە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى قۇرئان كەرىم كۇرسىنىڭ مۇدىرلىقىنى قىلىش، ماقالە ۋە كىتاپ يېزىش، تەرجىمە قىلىش، دەۋەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.