باياناتلار

تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان 20 ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات

2017-11-25
A-
A+

تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان 20 ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات

 شەرقىي تۈركىستاندا كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇملار سەۋەبىدىن يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىپ چىققانلاردىن 2014-يىلنىڭ باشلىرىدا تايلاند تەرىپىدىن تۇتقۇن قېلىنغان 600 گە يېقىن قېرىندىشىمىزنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋالى ھەممىگە مەلۈم.

تايلاند 2015-يىلى 109 قېرىندىشىمىزنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە نامەلۇم. تايلاند دائىرلىرى ھازىرغىچە بىر تەرەپ قىلماي تۇتۇپ تۇرغان 70 كە يېقىن ئۇيغۇردىن 20 كىشىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئۇلاردىن 5 نەپىرى قايتا تۇتۇلغان 15 نەپىرى قېچىپ قۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.

 مەزكۇر قېرىنداشلىرىمىز پۈتۈنلەي بىگۇناھ كىشىلەر بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ھەمدە شەخسلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى دىنىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتتۇر. خىتاي تەرەپنىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلغانلىق بولۇپ، ۋەتىنىمىزدە داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمنىڭ داۋامىدۇر.

 مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ قېرىنداشلىرىمىز​نىڭ بىخەتەر دۆلەتلەرگە سالامەت يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە قانۇنىي جەھەتلەردىن ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى

ئىستانبۇل-تۈركىيە