ماقالىلار

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيە ئۇسلۇبى (1)

2018-03-16
A-
A+

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيە ئۇسلۇبى (1)

دىققەت تارتىدىغان سوئال قويۇش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئەخلاق ئىگىسى زات ئىدى. «(ئى پەيغەمبىرىم!) سەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئەخلاققا ئىگىسەن.»[1]

ئۇ ئەينى ۋاقتىدا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا گۈزەل ئۆلگە ۋە ئۆرنەك ئىدى. «سىلەرگە-ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە گۈزەل ئۈلگىدۇر.»[2]،

ئۇ يول كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق چىراق، توغرا يولغا باشلىغۇچى رەھبەر ۋە ئەڭ ياخشى تەربىيەچى ئىدى. «شەك-شۈبھىسىزكى سەن ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلايسەن.»[3] «ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بىشارەت بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق.»[4]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە تەربىيىلەپ دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن «سالىھ بىر جەمئىيەت» مەيدانغا كەلگەن. بىز بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيە مېتودى ۋە ئۇسلۇبىدىن بەزى ئۆرنەكلەر سۇنماقچىمىز.

دىققەت تارتىدىغان سوئال قويۇش:

ساھابە كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات ۋە ئىستەك بىلەن ئاڭلايتتى. شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھىم بىر نەرسە دېمەكچى بولسا، ساھابىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن سوئال تاشلايتتى. لېكىن بۇ سوئالنى كېلە-كەلمەس ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ئويغىتىدىغان، دېمەكچى بولغان مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىشقا تۈرتكۈ بولىدىغان سوئاللارنى تاشلايتتى. بەزىدە سوئالنى ئۈچ قېتىم سوراش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلدۇراتتى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ زىھنىنى بىر نوقتىغا مەركەزلەشتۈرەتتى. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى «چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ يامىنىنى سىلەرگە ئېيىتىپ بېرەيمۇ؟» دېدى. بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ساھابە كىراملار: ئېيىتىپ بەرسىلە يارەسۇلەللاھ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش» دېگەندىن كېيىن يېنى ئولتۇرغان يېرىدىن ئۆزىنى تۈزلەپ «يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» دېدى. بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ھەزرىتى ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بۇ ئاخىرقى سۆزنى شۈنچىلىك كۆپ تەكرارلىدىكى، "كاشكى توختىسىچۇ" دەپ قالدۇق، دەيدۇ.[5]

پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام «گۇناھى كەبىرە» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ قانچىلىك يامان ۋە نەقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سوئال سوراش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ۋە مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن كۇپايە قىلمىدى؛ بەلكى ياستۇققا يۆلىنىپ يان ئولتۇرغان ھالىتىدىن ئۆزىنى رۇسلاپ تىك ئولتۇرۇپ، «يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» دېگەن سۆزنى قانچە قېتىم تەكرارلىدى. مۇشۇنداق جىددى ھەرىكەتلەردىن كېيىن ساھابە كىراملارنىڭ بۇ مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۇنتۇشى، سەل قارىشى ۋە باشقىلارغا يەتكۈزمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ ئەلبەتتە مۇمكىن ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر كۈنى ساھابىلەرگە: «سىلەرگە روزا، ناماز ۋە سەدىقىنىڭ دەرىجىسىدىن ئەۋزەلراق بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟» دېدى. ساھابىلار: ئېيتىپ بەرسىلە يا رەسۇلەللاھ، دېدى. ئۇلار ناماز، روزىدىن ئەۋزەل قانداق ئىبادەتتۇ، ئۇ؟ دەپ، دىققەت بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇراتى. رەسۇلۇللاھ: «ئارىسى بۇزۇلغان ئىككى كىشىنى ياراشتۇرۇشتۇر. چۈنكى ئارىنىڭ بۇزۇلۇشى چۈشۈرگۈچىدۇر. ئۇنى چاچنى چۈشۈرىدۇ، دېمەيمەن، بەلكى ئۇ دىننى چۈشۈرىدۇ.» دېدى.[6]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭ بىلەن شەخسنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىنى قوغدايدىغان ئىككى نەرسىگە دىققەت تارتتى. چۈنكى ناماز، روزا ۋە سەدىقە كىشىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى جانلىق ۋە تىرىك تۇتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ياراشتۇرۇش بولسا، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكىنى، ئىناقلىقىنى ساقلاپ، ئاداۋەت، دۈشمەنلىك ۋە يامان كۆرۈش دېگەندەك جەمئىيەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇدىغان يامان ئىللەتلەرنى يوقىتىپ، جەمئىيەنى كۈچلۈك تۇتىدۇ.

يەنە بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى يەزىد ئىبنى ئەسەد! جەننەتنى ياخشى كۆرەمسەن؟» دېدى. بۇ سوئالنىڭ قانچىلىك دىققەت تارتقۇچى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭلار. مۇئمىن-مۇسۇلماننىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى جەننەتكە كىرىشتۇر. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاسانلا كىرگىلى بولىدىغاندەك، جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، بىر قەدەم ئالسىلا ئۇنىڭغا كىرىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بىر ئۇسلۇپ بىلەن سورىدى: «ئى يەزىد ئىبنى ئەسەد! جەننەتنى ياخشى كۆرەمسەن؟» يەزىد خۇشاللىقتىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان كىشىدەك ھاياجان بىلەن "ھەئە، يا رەسۇلەللاھ" دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا ئۆزەڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىڭ ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى.[7]

جەننەتتە كىرىشنى ئارزۇلاۋاتقان يەزىد ئىبنى ئەسەد ۋە بۇ مەجلىستە بولغان ساھابە كىراملار ھاياتى بويىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۆزىگە جان دىلى بىلەن ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە بۇ خەۋەرنى كۆرگەن-بىلگەن ھەر كىشىگە يەتكۈزگەندۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەدا ھەججىدە تۆگىسىنىڭ ئۈستىدە ساھابىلارغا سۆزلەۋېتىپ: «ئى مۇئمىنلەر! بۈگۈن قايسى كۈن؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ مۇھىم ۋە ئۇلۇغ كۈننىڭ قايسى كۈن بولغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، بۇ كۈننى باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ؟ دەپ ئويلاپ سوئالغا جاۋاب بەرمەي، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاغزىغا قاراپ جىم تۇرۇشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ قۇربانلىق كۈنى ئەمەسمۇ؟» دېدى. ساھابىلار: "ھەئە" دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ قايسى ئاي؟» دەپ سورىدى. ساھابىلەر يەنە بۇ ئاينى باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ جىم تۇرۇشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ زۇلھىججە ئەمەسمۇ؟» دېدى. ساھابىلار: "شۇنداق، زۇلھىججە" دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ شەھەر قايسى شەھەر؟» دەپ سورىدى. ساھابە كىراملار، بەلكى مەككىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، جىم تۇرۇشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ مەككە ئەمەسمۇ؟» دېدى. ساھابىلار قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە: "شۇنداق، بۇ مەككە" دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «قانلىرىڭلار، ماللىرىڭلار، ئىپپىتىڭلار مۇشۇ كۈنۈڭلارنىڭ، مۇشۇ شەھرىڭلاردا، مۇشۇ ئېيىڭلاردا ھارام بولغىنىدەك بىر-بىرىڭلارغا ھارامدۇر. سىلەر رەببىڭلار بىلەن ئۇچرىشىسىلەر، شۇ چاغدا رەببىڭلار ئەمەللىرىڭلار ھەققىدە سىلەرنى سوراققا تارتىدۇ. مەندىن كېيىن كاپىرلىققا قايتىپ بىر- بىرىڭلارنىڭ بوينىنى چاپماڭلار...»[8] يەنى بىر-بىرىڭلارنى كاپىرغا چىقارماڭلار، بولمىسا بىر- بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىدىكى سوئاللاردىن كېيىن ئېيتقان بۇ سۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟

يەنە بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر بىرىڭلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىم يۇيۇنسا، ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟» دەپ سورىدى.

ساھابە كىراملار بۇنداق ئېنىق لېكىن نېمە ئۈچۈن سورالغانلىقى نا مەلۇم سوئالغا: "ياق، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالمايدۇ" دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلمەك ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتى بىلەن رەسۇلۇللاھقا قاراپ تۇرۇشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىققەت بىلەن قاراپ تۇرغان ساھابىلىرىگە مۇنداق دېدى: «بەش ۋاقىت نامازمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇ ناماز ئارقىلىق گۇناھلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.»[9]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇنداق تەسىرلىك ۋە يۈرەكتە قالىدىغان ئۇسلۇب ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى تەربىيىلەپ، يېتىشۈرگەن. ساھابە كىراملارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ياشلار بولغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا ئەكەلگىنىمىزدە بۇ ئۇسلۇبنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كۈنىمىزدىكى تەربىيەچى ئۇستازلارمۇ ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۆلگە قىلىپ، تەربىيەلىسە، تەربىيەنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ۋە تەسىرلىك بولىدىغانلىقىدا شەك يوق.

ئاللاھ تائالا بىزلەرگە ھەق يولدا دائىم بولۇپ، ئۆز رازىلىقىغا ئېرىشتۈرسۇن. قىز-ئوغۇل پەرزەنتلىرىمىزگە تەۋپىق، ھىدايەت بەرسۇن. ئۇلارنى شەيتاننىڭ شەررىدىن، نەپىسلىرىنىڭ شەررىدىن ۋە يامان دوست-ئاغىنىدىن ئىبارەت ئادىمىي شەيتانلارنىڭ شەررىدىن ساقلىسۇن. ئامىين.

يازغۇچى؛ ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

 



 1 سۈرە نۇن: 4- ئايەت.

[2] سۈرە ئەھزاب: 21- ئايەت.

[3] سۈرە شۇرا: 52- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[4]  سۈرە ئەھزاب: 45-46- ئايەتلەر.

[5]  ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[6]  ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى. ئىمام تىرمىزى: بۇ سەھىھ ھەدىستۇر، دېگەن.

[7]  ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ھەدىس ئالىمى شۇئەيا ئارناۋۇت بۇ ئىسنادى سەھىھ، راۋىلىرى بۇخارىنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان ھەدىستۇر، دېگەن.

[8]  ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[9]  ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.