ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Nisan 2024

چىكىنىڭ
ياشلار

ياشلار

 

ئەڭ چوڭ مىللىي بايلىقىمىز ياشلىرىمىزدۇر. ياشلار جەمئىيەت ئۈچۈن ئىنساننىڭ تومۇرىدىكى ھايات بىرىدىغان قانغا ئوخشايدۇ.

ياشلار جەمئىيەتكە كۈچ بېرىدىغان، ھايات بىغىشلايدىغان، جەمئىيەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئەمەلىيەتكە چىقىرىدىغان ئىلاھي بىر خەزىنىدۇر. ئاللاھ تائالا ياشلانى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِذۡ أَوَى ٱلۡفِتۡيَةُ إِلَى ٱلۡكَهۡفِ فَقَالُواْ رَبَّنَآ ءَاتِنَا مِن لَّدُنكَ رَحۡمَةً وَهَيِّئۡ لَنَا مِنۡ أَمۡرِنَا رَشَداً﴿ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە ياش يىگىتلەر غارغا بېرىپ پاناھلانغان ۋە «ئى رەببىمىز! بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدا توغرا يولنى كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى.﴾[1]

دۇنيانىڭ ھوزۇر ۋە سائادىتى ياشلار بىلەن بولغاندەك، ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادەتمۇ ياش ۋاقتىدا قىلغان ياخشى خىزمەتلەر بىلەن  قولغا كېلىدۇ. بىلىش كىرەككى، ھەقىقەتنىڭ نۇرى بولغان ئىلىم، پەزىلەتنىڭ ئاساسى بولغان ئەخلاققا ئوخشاش قىممەتلىك خۇسۇسىيەتلەر ياشلارغا بېرىلگەن ۋە ئۇلار ئارقىلىق كېلىدىغان نەسىللەرگە ئۇلاشتۇرۇلماقتا. پەقەت مۇشۇ تەرەپنىلا ئىتىبارغا ئالغاندىمۇ ياشلارنىڭ نەقەدەر كاتتا بىر خەزىنە بولغانلىقى ئاسانلا مەلۇم بولىدۇ. ھەر قانداق جەمئىيەتنىڭ ھوزۇر ۋە سائادىتى ياشلارنىڭ ھوزورى ئارقىلىق بولغاندەك، دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدىنىشمۇ ياشلارنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ شىجائەت، جاسارەت ۋە قەھرىمانلىقى بىلەن بولىدۇ.

جەمئىيەتكە بىر پۈتۈن ھالەتتە نەزەر سالساق، جەمئىيەتنىڭ ياشلىققا نامزات ئۆسمۈرلەر، ياشلىق نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان يىگىتلەر ۋە ياشلىقنىڭ تاتلىق خاتىرلىرى بىلەن تەسەللى تىپىپ ياشاۋاتقان چوڭلاردىن ئىبارەت بولغانلىقىنى كۆرىمىز.

ھەقىقەت شۇكى، ياشلار ئۇلۇغ ياراتقۇچى تەرىپىدىن جەمئىيەتكە ئاتا قىلىنغان، ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇۋەت ۋە يۇقىرى قابىلىيەتلەر بىلەن قوراللاندۇرۇلغان ئەۋلادلاردۇر. بۇ ئەۋلادلارنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى ئۆزىدىكى كۈچ ۋە ئىستىداتلارنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە، ئۆز ئورنىدا ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئىشلىتىشنى بىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ قولىدىكى بۇ يۇقىرى قابىلىيەتلەرنىڭ قەدىر قىممىتى بىلىنسە ۋە ئۇ قابىلىيەتلەر ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىشلىتىلسە، ياشلار بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بەخت-سائادىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ياشلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىدىغان پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، چوڭ-كىچىك پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ ھوزۇرلۇق ۋە بەختلىك ھايات كەچۈرىشى ياشلارنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ پىداكارلىقىغا، كېچە-كۈندۈز سەمىمي ۋە ئۆزلۈكسىز خىزمەت قىلىشىغا باغلىق. بۇ سەۋەبتىن ياشلار ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىغا كۈچ-قۇۋەت ۋە ھاياتلىق بېرىدىغان تومۇردىكى قانغا ئوخشايدۇ.

ياشلارنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان، بۇ ئىلاھىي خەزىنىنى ئەڭ پايدىلىق ئىلىم-مەرىپەتلەر بىلەن تەربىيىلەپ، پايدىلىق، ياخشى كىشىلەر قىلىپ يېتىشتۈرەلىگەن جەمئىيەت ھەر جەھەتتىن بەخت-سائادەت ۋە ھوزۇرلۇق ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ.

ئىسلامدا ئورنى ۋە قىممىتى يۇقىرى بولغان ياشلار، قۇرئان كەرىمدە ۋە جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە مەدھىيلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە ياشلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئېرىشىدىغان مەنىۋى دەرىجىلىرى بايان قىلىنغان. مەسئولىيەتلىرىنى بىلمىگەنلەر پۇشايمانغا قالىدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە ھەر قانداق كىشى چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە ئوچۇق بايان قىلىنغاندۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ياشلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلىم-مەرىپەت، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە تەربىيەدە كامالەتكە يەتكەن يىگىتلەردۇر.

بۇنداق ئالى سۈپەتلىك ياشلار ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشىرىدىغان ھەر قانداق يامان قىلىق ۋە ناچار ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدۇ؛ ھاياتى بويىچە ئېسىل ئەخلاق ۋە گۈزەل پەزىلەتلەر ئۈلگىسى بولۇش سۈپىتىنى قوغدايدۇ. بۇنداق ياشلار پاك-پاكىزە ھاياتتا ياشاپ، باشقىلارغا ئۆرنەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلۈكسىز ياردىمى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ياشلارغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار ئىچىدە ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئىنسانلارغا ئەڭ پايدىلىق بولغان كىشىدۇر. ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل بىر مۇسۇلماننى ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش يا قەرزىنى تۆلەپ بېرىش يا ئۇنىڭ ئاچلىقىنى كەتكۈزۈش ئارقىلىق خۇرسەن قىلىشتۇر. مېنىڭ بىر قېرىندىشىمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن مېڭىشىم ماڭا مەدىنىدىكى بۇ مەسجىددە بىر ئاي ئېتىكاپ قىلغاندىن سۆيۈملۈكراقتۇر. كىمكى، ئاچچىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان تۇرۇپ يۇتۇۋەتسە، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قەلبىنى خۇرسەنلىككە تولدۇرىدۇ. كىم بىر قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن ماڭسا، ئاللاھ پۇتلار تېيىپ كېتىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ قەدىمىنى سابىت قىلىدۇ.»[2]

دۇنيا ھاياتىدا ھەقىقىي سەمىمىيەت بىلەن ھەردائىم ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ھالدا ئىش قىلىدىغان ھىممەتلىك ياشلار ۋاقتىنى ئويون–تاماشا ۋە پايدىسىز، بىھۇدە ئىشلارغا بەرمەيدۇ. بەلكى جەمئىيەتنىڭ ماددىي-مەنىۋىي ھەر جەھەتتە ئىلگىرلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئادالەتلىك دۆلەت باشلىقىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى دەرىجىسى قانچىلىق يۇقۇرى بولسا، رەببىگە ئىتائەتكار ۋە ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىشتىن  ئۆزىنى ساقلايدىغان ياشنىڭ دەرىجىسىمۇ شۇنچىلىك يۇقۇرى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئەرىشنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمايدىغان قىيامەت كۈنىدە، يەتتەخىل كىشىنى ئەرشنىڭ سايىسىدە سايىدىتىدۇ. ئۇلار: (1) ئادالەتلىك باشلىق (2) ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە چوڭ بولغان ياش (3) قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشى (4) بىر-بىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن، بىر يەرگە كېلىشى ۋە ئايرىلىشى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئىككى كىشى(5) باي ۋە ساھىبجامال بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا <مەن ئاللاھتىن قورقۇمەن> دەپ، ئىپپىتىنى ساقلىغان كىشى (6) ئوڭ قولى بەرگەننى سول قولى بىلمىگىدەك مەخپى سەدىقە بەرگەن كىشى (7) يالغۇز يەردە ئاللاھنى زىكر قىلىپ كۆزىدىن ياش تۆككەت كىشىدۇر.»[3]

ياشلىقنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ نېمىتى بولغان ياشلىقنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىدىغان ياشلار ھەر يەردە ھەرخىل مەدھىيە ۋە ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ. بۇنداق ياشلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىن ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان مەنىۋى ئۈستۈنلۈكلىرى باشقا ياخشى كىشىلەر ئېرىشىدىغان مەرتىۋىلەردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولىدىغانلىقى يۇقۇرىدىكى ھەدىسلەردىن مەلۇمدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ياشلارنىڭ مەسئولىيەتلىرىمۇ ناھايىتى چوڭدۇر. ھەر بىر كىشى بولۇپمۇ ياشلىرىمىز مەسئولىيەتلىرىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى ناھايىتى زۆرۈر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بالىسى قىيامەت كۈنى رەببىنىڭ ئالدىدا بەش سۇئالغا جاۋاپ بەرمىگىچە تۇرغان يېرىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئۆمرىنى قەيەردە تۈگەتتى؟ ياشلىقىنى قانداق تۈگەتتى؟ مېلىنى قەيەردىن تاپتى ۋە قەيەرگە سەرپ قىلدى؟ ئىلمىگە قانداق ئەمەل قىلدى؟»[4]

بۇ ھەدىستە ئادەم بالىسىنىڭ ياشلىقىنى ۋە ئۆمرىنى قايسى ئىشلار بىلەن تۈگەتكەنلىكىدىن سوراققا تارتىلىدىغانلىقى، ئەگەر ياشلىقىنى ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلار بىلەن تۈگەتكەن بولسا، ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى، ئەگەر ياشلىقىنى گۇناھ-مەئسىيەت، ئويۇن–تاماشا ۋە بىھودە ئىشلار بىلەن تۈگەتكەن بولسا، ئاللاھ بەرگەن قىممەتلىك نېمەتنى كۆزگە ئىلماي زايا قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ياشلار ئەدەپ-ئەخلاقتا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا، تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئوبدان ئېلىپ بېرىشتا چوڭلاردىن ئۆگىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشى بەك مۇھىم. چۈنكى چوڭلار نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپلىگەن ئىشلارنى تەجرىبە قىلىپ پىشىپ يېتىلگەن. ياشلار ئىماندىن كېلىپ چىققان روھىي پاكلىق، ئىلىم-مەرىپەتتىن كەلگەن ئېسىل سۈپەت ۋە چوڭلاردىن ئۆگەنگەن ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن ئېغىر بېسىق بولۇپ، يامان خۇي-ئادەتلەردىن، ناچار قىلىقلاردىن ۋە ئالدىراڭغۇلۇقتىن يىراق تۇرۇپ، ئىشلارنى تەمكىنلىك بىلەن تەھلىل قىلالايدىغان، ئەتراپلىق پىكىر قىلالايدىغان، مەسىلىلەرنى ئاسان ھەل قىلىش چارىلىرىنى تاپالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

يۇقۇرىدا ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنغان ياشلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەئىيەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن بەخت-سائادەت مەنبىئى، ياخشىلىق ۋە مەنپەئەتلىك خىزمەتلەرنىڭ مەشئىلىدۇر. بۇنداق ئىلىم-مەرىپەت ۋە كۈچ-قۇۋەتكە تولغا ياشلارغا پۈتكۈل خەلقىمىز ئىنتىزاردۇر.

بۇنداق ياشلارنىڭ بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئىمان نۇرى بىلەن مەۋجۇدات ئالىمىنى، ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى ۋە يارىتىلىشنىڭ ھېكمىتىنى ئۆز ۋاقتىدا توغرا بىر شەكىلدە چۈشىنىپ يەتكەنلىكىدۇر.

بۇنداق ياراملىق ياشلار ساغلام ئەقىدىسى، توغرا بىلىمى بىلەن دۇنيا ياشلىرىنىڭ ھەقىقىي نىجاتلىق يولىنى تېپىشىغا، ياخشىلىق ۋە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

مۇقەددەس دىنىمىز ئۆز ۋاقتىدىكى ياشلارنىڭ مىسلىسىز خىزمىتى بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىغان ئىدى. مەسىلەن: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندا، 37 ياش، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 27 ياش، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 34 ياش، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 10 ياش، ئۆيىنى تۇنجى مەدرىسە قىلغان ئەرقەم ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 14 ياش، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 14 ياش، زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 16 ياش، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 17 ياش، سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 15 ياش، ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 27 ياش، مەدىنىگە تۇنجى مۇئەللىم بولۇپ بارغان ۋە بىر يىل ئىچىدە مەدىنە خەلقىنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغان مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 17 ياش، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇش ئالدىدا تەييارلىغان چوڭ قوشۇننىڭ باش قۇماندانى ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 17 ياش ۋە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 30 ياش ئىدى. باشقا ساھابە كىراملارنىڭ كۆپ سانلىقى مۇشۇ ياشلاردا ئىدى. ئۇلار ئىسلامغا خىزمەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ئاللاھنىڭ نۈسرىتى ئۇلارغا كەلگەن ئىدى. 

تۆۋەندە ياشلىرىمىزغا بىر نەچچە ئىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1_ ياشلار دىنىمىزنى ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە تەتپىقلاپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى ۋە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ سەپسەتىلىرىگە قۇلاق سالماسلىقى كېرەك.

2_ ياشلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۈممەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئۈممەتنىڭ ياخشىلىقى دىنىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ ئەمەل قىلىشتا ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۈممەتنىڭ بۇرۇن دۇنياغا ھەر ساھەدە ئۇستاز بولغانلىقىنى بىلىشى ۋە بۇ ئۇستازلىق رولىنى قايتىدىن تىكلەشكە تىرىشىشى لازىم.

3_ ياشلارنىڭ ئالى ھىممەتلىك ۋە يۈكسەك غايىلىك بولۇپ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن باشقا ياشلارنى ئىسلاھ قىلىشقا، ياشلارغا ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇب بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىشى، بۇ يولدا ھارماي-تالماي ئىزچىل داۋام قىلىشى زۆرۈر.

4_ ياشلارنىڭ ۋەتەننىڭ قەدرى قىممىتىنى بىلىشى، ۋەتىنىنىڭ ئىسلام دىيارى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ ۋەتەندە مۇسۇلمان تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى ۋە ۋەتەندە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشىشنىڭ پەرز ۋە ئۈستىدىكى قەرز  ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ۋەتەنگە زىيان يېتىدىغان، دۈشمەنگە خىزمەت قىلىدىغان، مىللەتنى پارچىلاپ ۋەتەننى مۇداپىئەسىز قويىدىغان ئىشلاردىن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.

5_ بەش ۋاقىت نامازلارنى جامائەت بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا زىكىر-تەسبىھلەرنى كۆپ ئېيتىش ۋە ناپىلە ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولۇشقا تىرىشىشى بەك مۇھىم. چۈنكى ئاللاھ بىر بەندىنى سۆيسە، ئۇنىڭ تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ نۈسرەت ۋە ياردىمى مۇشۇنداق بولغاندا كېلىدۇ.

6_ ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋىتىگە ئىشىنىشى، ئىرادىلىك بولۇپ، ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق ۋە سۇسلۇق دېگەندەك ياشلارغا ياراشمايدىغان ئىللەتلەرنى چۆرۈپ تاشلىشى، ھەر دائىم روھلۇق، غۇرۇرلۇق، شىجائەتلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم.

7_ ياشلارنىڭ دىنى بىلىمنىڭ يېنىدا سىياسەت، ئىقتىساد، فىزىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا ۋە باشقا پەننى ئىلىملەردە مۇتەخەسسىس بولۇشى، مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ دۇنيادا گېپى ئۆتىدىغان بولۇشى ئىلىم-پەندە تەرەققىي قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى.

8_ ياشلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئاتىلىرى ۋە چوڭلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاساسەن يېتىشتۈرۈشى ۋە ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىنى ئىلىم-پەن ۋە ئەدەب-ئەخلاق بىلەن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدىغان قابىلىيەتنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشى.

9_ ياشلارنىڭ كىيىم-كىچەك، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ئوغۇللار ئەرلىكىنى ساقلاپ، قىزلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ھەزەر قىلىشى، قىزلارمۇ ئوغۇللارغا ئوخشاش كىيىنىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى بەك مۇھىم.

10- ياشلار دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىدا ھالال دائىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى، ھارامغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئىھتىيات قىلىشى لازىم. چۈنكى ھارامنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھىم! ماڭا سەن ھالال قىلغان نەرسىلەر بىلەن كۇپايىلىنىشنى ۋە ھارام قىلغان نەرسەڭدىن قېچىشنى نېسىپ قىلغىن.»

11- ياشلارنىڭ مەكتەب، ئۇنىۋېرسىتىت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى دىنغا قارشى پىكىرلەردىن قېچىشى، ھەرقانداق بىر شۈبھە، ئىمانىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىماسلىقى، ئەگەر ئاڭلاپ قالسا، ئۇنىڭغا توغرا جاۋاب تېپىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەسىرىنى يوقىتىپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى كۈنىمىزدە ئاتېئىزم يامراپ كېتىۋاتىدۇ. دىن دۈشمەنلىرى ھەر تۈرلۈك يامان ئوي-پىكىرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمان ياشلارنى ئاتېئىست قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ياشلارنىڭ بۇنىڭغا بەك دىققەت قىلىشى ۋە باشقا ئاغىنىلىرىنى بۇنداق پىكىرلەردىن قوغدىشى زۆرۈر. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئىمان بىلەن ياشاپ ئىمان بىلەن كەتكىلى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين!

ئابدۇلئەھەد ھاپىز

 



[1]  سۈرە كەھف: 10- ئايەت.

[2]  ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن ھەدىس.

[3]  ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[4]  ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.

باشقا خىزمەتلەر