ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Mart 2024
مەمنۇنلۇق
دوكتۈر يۇسۇف قەرەداۋىي
«ئاللاھ ئۆز ئەدلى بىلەن مەمنۇنلۇق ۋە ئىشىنىشنى خۇشاللىق ۋە راھەتنىڭ كېلىش مەنبىئى قىلدى، ئاچچىقلىنىش ۋە گۇماننى غەم قايغۇنىڭ مەنبىئى قىلدى.» ــ ھەدىس شەرىپتىن.
بۇ ھەدىس شەرىپتە روھنىڭ ماھىيىتى يارقىن دەرىجىدە ئېچىپ بېرىلگەن. ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ماددىي ئالەمدە تويۇش ۋە قېنىشقا يېيىش ۋە ئىچىشنى باغلىغاندەك، روھىي ئالەمدىكى خۇشاللىق ۋە كۆڭۈل راھىتىنى مەمنۇنلۇق ۋە ئىشىنىشكە باغلىدى. ئىنسان ئۆز رەببىدىن چىن كۆڭلى بىلەن مەمنۇن بولسا، ئۇ بۈگۈنى ۋە ھازىرىدىن خاتىرجەم بولىدۇ. ئاللاھقا، ئاخىرەتكە، جازاغا ئىشەنسە، ئەتىسى ۋە كېلىچىكىدىن خاتىرجەم بولىدۇ. مۆمىن ئەمەس ئادەم ئۆز كۈنىدىن مەمنۇن، ئەتىسىدىن خاتىرجەم ياشىيالامدۇ؟
ئىنساننىڭ مەمنۇنلۇق ھېس قىلىشى كىشىلىك بەختنىڭ ئاچقۇچى بولغان روھىي خاتىرجەملىكنىڭ تۇنجى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «رەببىگە ئىستىخارە سالغان ۋە ھۆكمىگە مەمنۇن بولغان ئىنسان بەختلىك ئىنسان؛ ئىستىخارە سالمىغان، قازاغا مەمنۇن بولمىغان ئىنسان بەختسىز ئىنسان.»
مۆمىن ھەربىر قەدەمنى بېسىشتىن بۇرۇن ئاللاھتىن ئۆزىنى ئەڭ توغرا يولغا سېلىشنى سورايدۇ. ئىستىخارە سېلىش (قىلغۇسى ئىشلارنى ئاللاھقا تاللاتقۇزۇش) تا ئوقۇلىدىغان بۇ دۇئا رەسۇلۇللاھنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن دۇئالىرىدىندۇر:
«ئى ئاللاھ! بۇ ئىشتا ماڭا قانداق قىلسام ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىلمىڭ بىلەن كۆڭلۈمگە سېلىشىڭنى تىلەيمەن. شۇ ئىشنى قىلىشقا ماڭا كۈچ – قۇۋۋەت بېرىشىڭنى تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن، چۈنكى سەن ھەممىگە قادىرسەن، مەن قادىر ئەمەسمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن، سەن بارلىق غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن، ئى ئاللاھ ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ئۈچۈن ياخشى بولسا، ئۇنى ماڭا مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن. ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ئۈچۈن زىيانلىق بولسا، ئۇنى مەندىن ۋە مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن مېنى مەمنۇن قىلغىن.»
مەمنۇنلۇق كاتتا بىر روھىي نېمەت بولۇپ، بۇنىڭغا ئاللاھقا تانغۇچىنىڭ، شەك قىلغۇچىنىڭ ياكى ئاخىرەتكە شەك قىلغۇچىنىڭ ئېرىشەلىشى قىيىن. ئۇ نېمەتكە ئاللاھقا ئىشىنىشى كۈچلۈك بولغان ئادەملا ئېرىشەلەيدۇ. ئاللاھ ئۆز ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق خىتاب قىلدى: «ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەبر قىلغىن، مەمنۇن بولۇشىڭ ئۈچۈن كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېىتشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن.»[1] ۋە ئۇنىڭغا بۇ سۆزى بىلەن ئېھسان قىلدى: «پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ئاخىرەتتە ساۋاپ، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلدى، سەن مەمنۇن بولىسەن.»[2]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنى پەرۋەردىگار، مۇھەممەدنى پەيغەمبەر، ئىسلامنى دىن تۇتقانلىقىغا رازى بولغان ئادەم ئىماننىڭ تەمىنى تېتىغان بولدى.»
ئاللاھ مۆمىنلەرگە بۇ سۆزى بىلەن مەدھىيە ئېيتتى: «ئۇلارغا پەرۋەردىگارىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئىشىنىدۇ.»[3]
تەرجىمە قىلغۇچى: خالىس ھەق قۇلى
باشقا خىزمەتلەر