ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Nisan 2024

چىكىنىڭ
تەزىيەنامە

تەزىيەنامە

(إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ)

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزالىرىدىن ئۇستاز ئۆمەرجان داموللام، بۈگۈن 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 04 -كۈنى، مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى بىر دوختۇرخانىدا خىتاي ۋىروسى سەۋەبلىك ۋاپات قىلدى.

ئۆمەرجان داموللام 1968- يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. داموللام ياشلىق ھاياتىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەكىتتە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكىتتىكى قۇرباننىياز داموللام ھاجىمدا، كېيىن، خوتەندىكى مۇھەممەد قۇربان داموللام ھاجىم، ئابدۇلئەھەد مەخدۇمھاجىم قاتارلىق ئۇستازلاردا ئېلىم تەھسىل قىلغان. داموللام بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىرتەرەپتىن، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشچە ئوقۇغان ئىلمىنى خەلقىمىزگە يەتكۈزگەن. داموللام دەۋەت - تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ۋە مەكىتتىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان.

بىر مەزگىل غۇلجىنىڭ بۆرتالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرغاندىن كېيىن، 1995 – يىلنىڭ ئاخىرى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن پاكىستانغا چىققان. 1996- يىلى پاكىستاندىكى خەلقئارا ئىسلام ئۈنىۋىرستىگە قۇبۇل قىلىنىپ، 2003-يىلغىچە پاكىستاندا ئىلىم تەھسىل قىلغان.

2003- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن. بىر مەزگىل سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىدا خىزمەت قىلغان.

ھازىر مەدىنە مۇنەۋۋەردە تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان داموللام بۈگۈن ئەتتىگەن مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى بىر دوختۇرخانىدا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ۋاپات قىلغان.

مەرھۇم ئۇستازغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.  ئائىلىسى ۋە ياسىن ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇرۇغ تۇغقانلىرىغا سەۋر ۋە چىدامچانلىق ئاتا قىلسۇن.

                        شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى.

باياناتلار