بىز كىم؟

بىز كىم؟

2019-03-06
A-
A+

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  1436ھ-2016م يىلى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ باشچىلىقىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قۇرۇلۇش يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قاراخانىلار سۇلتانى ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخ بويىچە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى ئاساس قىلغان (ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە) ئەقىدىسى ۋە خەلقىمىزگە يەرلەشكەن مىللىي ئالاھىدىلىك چۈشەنچىسىنى دىققەتكە ئالغان ھالدا، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىن سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ۋەتىنىنىڭ ئىستىقلالىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆلىمالارغا چۈشكەن مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش، ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ كۆز قارىشىنى بىر يەرگە ئەكىلىش ۋە بايانات ئېلان قىلىشقا ئوخشاش خىزمەتلەرنى ئۆتەش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۆتىۋەر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان  بىرلىكتۇر.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى:

1.    شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن ۋە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن ئۆز كىملىكىنى قوغداش.

2.    شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي ماھىيىتى بويىچە تونۇشتۇرۇش، ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزگە ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىگە زىت ئېقىملارغا ۋە خاتا چۈشەنچىلەرگە تۈزىتىش بېرىش.

3.    جانابى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بەخش قىلىنغان بىپايان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىر غېرىچ پارچىسى ئۈچۈنمۇ ئىشغالچىلار بىلەن جەڭ قىلىش، ۋەتەننى خىتاي ئىشغالچىلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بېرىشىنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىگە پەرز ئەين بولغان مۇقەددەس جىھاد ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش.

4.    مۇسۇلمان دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ زۇلمىنى ئاڭلىتىش، خىتايلارنىڭ ئىككى يۈزلۈك ئەپت-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش، مۇسۇلمانلارغا دىنىي قېرىنداشلىق ھوقۇقىنى خاتىرلىتىش، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش.

5.    مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ئۆلىمالار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە  مۇسۇلمان دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ مەۋقەسىنى بايان قىلىش ۋە مەزكۇر مەسىلىلەردە ئۇلار بىلەن ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش.

6.    مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ  ئۆز كىملىكىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى قوغداپ قېلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق يولىدا بىجانىدىل كۆرۈشىنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئېلىپ بېرىش ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت  ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخىسلەر بىلەن ھەل-چارىلەر ھەققىدە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش.

7.    شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار، زىيالىيلار ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ بىر بەدەننىڭ ئەزالىرى كەبى ماسلىشىشچانلىق ئاساسىدا خىزمەت ئېلىپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قېلىۋاتقان خىزمەتلىرى:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈۋەندىكىدەك بۆلۈملەر بويىچە ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىمكانىيتىنىڭ يېتىشىچە  خىزمەت قىلماقتا:

1- پەتىۋا ۋە شەرئىى مەسلىھەت بۆلۈمى: بۇ بۆلۈم ئۇستاز مۇھەممەد رەھىم ھاجىم باشچىلىغىدا 10 ئۆلىمادىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە ئۆلىمالار بىرلىكى مەركىزىدە ئەڭ ئاز بەش ئۆلىما ئولتۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ يۈزتۇرانە ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىش.

ئائىلە ياكى تۇرمۇشتا كېلىشەلمەسلىككە ئۇچراپ ئىشخانىمىزغا مەسلىھەت سوراپ كەلگەنلەرگە شەرئىي مەسلىھەت بېرىش، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىنى ئىسلاھ قىلىش،  تىجارەت ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئۆز-ئارا چۈشۈنىشىپ بولالمىغان ياكى مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي قالغان تىجارەتتىكى شېرىكلەرگە شەرئىي يول كۆرسىتىش ۋە ئىككى تەرەپنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق خەلقىمىز دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى دىن ۋە شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ھەل قىلىشتەك ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

2- خەلق بىلەن مۇناسىۋەت ۋە دەۋەت بۆلۈمى:  بۇ بۆلۈم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنى جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش، خەلقىمىزنى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق قاتارلىق پائالىيەتلىرىدە دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا  چاقىرىش ۋە بۇ سورۇنلاردا دەۋەت ئېلىپ بېرىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقىمىزگە ئۇ رايۇنىدىكى ئۆلىمالىرىمىزنى ۋەزىپەلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئۇيغۇرلارغا يۈز تۇرانا ۋەز نەسىھەت ۋە تەبلىغ-تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، تېلىۋېزور، فېيسبوك، يۇتىيوب قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىنمۇ ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياخشى پايدىلىنىپ تەبلىغ ۋە ۋەز نەسىھەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇندىماقتا.

3- تەلىم تەربىيە بۆلۈمى:  بۇ بۆلۈم، ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان شەرئىي بىلىملەر بويىچە ئۆلىما يېتىشتۈرۈش ئاساسىدا مەدرىسىدە ۋە ئىلاھىيەت فاكولتىتلىرىدە ئوقۇۋاتقان قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا شەرئىي پەنلەردىن دەرس بېرىش، تۈركىيەدىكى قۇرئان كۇرسلىرى ۋە مەدرىسىلەرگە ئوقۇشلۇق پروگراممىسى تەييارلاش، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىنمۇ يېتىلىشىگە ھەسسە قوشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا.  

4- تەتقىقات بۆلۈمى: تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم باشچىلىغىدىكى 20 گە يېقىن  كىشىدىن تەشكىل قىلىنغان بىر بۆلۈم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن دىنىي ۋە مىللىي تەلىم-تەربىيە پروگراممىسى تەييارلاپ خەلىققە سۇنۇش ۋە خەلقىمىز دۈچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

5- مېديا ۋە تەشۋىقات گۇرۇپىسى: بۇ گۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە قاراشلىق http://http//www.olimalartv.com/، http://olimalar.org ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنڭ  facebook     ئادرىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىنىي، ئىلمىي ۋە سىياسىي تەشۋىقات ساھەسىدە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

6- بايانات گۇرۇپىسى: ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم  باشچىلىغىدىكى بىر گۇرۇپ بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنىچىلارغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنى ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئاراغا يەتكۈزۈش. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دىنىي ۋە بىر قىسىم  ئىنچىكە ۋە مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەۋقەسىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا.  

 

7- شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىشخانىسىدا بولۇۋاتقان خىزمەتلەر: ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايۇنىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەركىزىدە، بىرلىكنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەزالىرىنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۇچرىشىش يىغىنى ئېچىش، بىرلىكنىڭ ئايلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە ئەزالارغا دوكۇلات سۇنۇش، ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇھىم دەپ قارالغان ياكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردە بەس مۇنازىرە ۋە خۇلاسە يېغىنى ئېلىپ بېرىش، «ئىز قالدۇرغان ئۆلىمالار» نامىدا ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا ۋاپات بولغان ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەزا ۋە جامائەت ئەرباپلىرىغا تۇنۇشتۇرۇش، ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتىتلەردە ئىلاھىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغىچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە دەرس ۋە لىكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.