دىنى مەسىلىلەر

جۈمە كۈنى مول ھوسۇل كۈنىدۇر

2020-04-24
A-
A+

جۈمە كۈنى مول ھوسۇل كۈنىدۇر

 د. مەجدى ھىلالىي

بىر ھەپتىگە نىسبەتەن جۈمە كۈنىنىڭ شەرىپى تولىمۇ كاتتىدۇر. بۈ كۈندە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت باركى، ھەر بىرىمىز بۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بار، ئۇ ۋاقىتقا قانداقلا بىر مۇسۇلمان ئۇدۇللىشىپ ئاللاھتىن سورىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ سورىغىنىنى بەرمەي قويمايدۇ.»[1]

 ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «جۈمە كۈنى كۈن چىققاندىن تارتىپ كۈن پاتقىچە بولغان ئارلىقتا، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتقا ئۇدۇللىشىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ھالدا پۈتۈن بىر كۈننىڭ ھەممىسىدە دۇئا قىلىپ چىقىش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى ئالىملار بۇ ۋاقىتنىڭ جۈمە كۈنىدە قايسى ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، بەزىلەر بۇ ۋاقىتنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ۋە كۈن چىقىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت دېسە، بەزىلەر بۇ ۋاقىتنى زاۋال ۋاقتىدىن كېيىن دېگەن. يەنە بەزىلەر بۇ ۋاقىتنى ئەسىردىن كېيىن دېگەن بولسا، يەنە بەزىلەر يوقىرىقىلارغا ئوخشىمايدىغان ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.»

 ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: «دۇئا ئىجابەت بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدىغان ۋاقىت كۆپلىگەن ھەدىسلەردە ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىت، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.»

 شۇنىڭغا ئوخشاش فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىتقا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، جۈمە كۈنلىرى خىزمەتچىسىگە كۈنگە قاراپ بېقىشىنى ۋە كۈن ئولتۇرۇشقا قاراپ ماڭغاندا ئۆزىگە بىلدۈرۈپ قويۇشىنى بۇيرۇيتتى. ئاندىن شۇ ۋاقىت كەلگەندە تاكى كۈن تولۇق ئولتۇرغانغا قەدەر دۇئا قىلىپ ۋە ئىستىغپار ئېيتىپ چىقاتتى.

 شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ بۈ كۈننى قولدىن بەرمەسلىككە تېرىشايلى. ھەمدە بۇ كۈندە ئۆزىمىز ئۈچۈن مەخسۇس پىلان تۈزۈپ چىقايلى. پاكىزە كېيىنگەن ھالدا بالدۇرراق مەسچىتكە بىرىپ ئورۇن ئالايلى!

 ئەۋس ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى جۈمە كۈنى كامىل غۇسلى قىلسا، پىيادە يۈرگەن ھالدا ئورنىدىن بالدۇر قوزغىلىپ خۇتبىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىغا ئۈلگۈرسە، ئاندىن ئىمامنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۇنىڭ خۇتبىسىنى جىم ئولتۇرغان ۋە ئورۇنسىز ئىش قىلمىغان ھالدا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىسا، ئۇنىڭ ئۆيىدىن تارتىپ تاكى مەسچىتكە كەلگەنگە قەدەر ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر يىل روزا تۇتقاننىڭ ۋە بىر يېل كېىچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ.»[2]

 



[1] (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

[2] (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)