دىنى مەسىلىلەر

قەبرە ياساش ۋە ئۇنىڭغا خەت يېزىش توغرىسىدا

0000-00-00
A-
A+

1006- سوئال                                                       

   سوئال:

   ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئىسلامدا قەبرىنى قانداق ياساش كېرەك؟ قەبرە بىشىغا ئىسىم ياكى ئايەتلەر يېزىلغان تاشلارنى قويسا بولامدۇ؟، ئەگەر قەبرىنىڭ يامغۇردا چۆكۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تام چۆرۈلسە دۇرۇس بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.

    جاۋاب:

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر جانابى ئاللاھقا خاستۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىسلام دىنىمىزدا قەبرە ئالاھىدە بىزەلمەيدۇ ۋە قاتۇرۇلمايدۇ. قەبرىگە ئايەت، شېئىر قاتارلىقلارنى يېزىش جايىز ئەمەس. زۆرۈرىيەت بولغاندا پەقەت مېيىتنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى بەزى ئۆلىمالار جايىز دەپ قارىغان. كىشىلەرنىڭ قەبرىنىڭ ئۈستىگە دەسسىمەسلىكى ۋە يامغۇرلاردا چۆكۈپ كەتمەسلىكى، بوران-چاپقۇنلاردا ئۇچۇپ يوق بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، خام كېسەك ياكى تاش بىلەن قەبرىنى يەردىن ئېگىزرەك قىلىپ تۆگىنىڭ ئۇچىسى شەكلىدە ياساش جايىز.

    ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەزىز ۋە شەرەپلىك قىلىپ ياراتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَىٰ كَثِيرٍ مِّمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا تەرجىمىسى: «شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.» [سۈرە ئىسرا 70-ئايەت].

    ئىنسان ئۆلۈش بىلەنلا ھۆرمىتى يوقالمايدۇ. ئۇ ھايات بولغاندىمۇ ھۆرمەتلىك ۋە شەرەپلىك، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ھۆرمەتلىك ۋە شەرەپلىكتۇر. ھايات ئىنسانغا ئەزىيەت بېرىش، ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىش قانداق ھارام بولسا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىش ۋە ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ھارامدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرىگە دەسسەش، قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن مەنئى قىلغان ۋە بۇنداق قىلىش ئۆلۈكلەرگە ئەزىيەت بەرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىلىرىگە ياخشى قاراش، قەبرىستانلىقنى ھايۋانلارنىڭ كىرىشى ۋە باشقا ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغان ئىشلاردىن قوغداش ئۈچۈن ئەتراپىنى تام بىلەن قورشاش لازىم.

    ئەمما قەبرىنى گەچ ۋە ھاكلار بىلەن ئاقارتىش، گۈللۈك چىنە خىشلار بىلەن زىننەتلەش، ھەرخىل چىرايلىق گۈللەرنى تىكىپ باغقا ئايلاندۇرۇش، قەبرىلەرگە قۇرئان ئايەتلىرى ۋە مەدھىيە ياكى مەرسىيە شېئىرلىرىنى يېزىش شەرىئەتتە مەنئى قىلىنغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. قەبرىستانلىق ئىنسان ئۈچۈن ئىبرەت ئالىدىغان، ئۆلۈمنى ۋە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدىغان يەردۇر. ھەزرىتى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]. 

    قەبرىنى زىننەتلەش ۋە ئۈستىگە خەت يېزىش، قەبرە قاتۇرۇش قاتارلىقلار قەبرىستانلىقنى ئۆز ماھىيىتىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرىلەرنى گەج بىلەن قاتۇرۇش، ئۈستىدە ئولتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈمبەز سېلىشتىن توستى،» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

    شافىئى، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەبلەر قەبرە ئۈستىگە خەت يېزىش مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين قاتارلىق ئالىملار: قەبرە كۆپ بولغانلىقتىن ئۆز يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئايرىش قىيىن بولغان شارائىتتا بەلگە سۈپىتىدە قەبرىگە پەقەت مېيىتنىڭ ئىسمىنى يازسا جايىز دەپ قارايدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئوسمان ئىبنى مەزئۇن ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ جىنازىسى چىقىرىلدى ۋە دەپنە قىلىندى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئادەمنى بىر تاش ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم تاشنى كۆتۈرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ تاشنى ئۆزى ئېلىپ كېلىپ، ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ قەبرە بېشىغا قويدى. ئاندىن: بۇ تاش بىلەن قېرىندىشىمنىڭ قەبرىسىنى تونۇيمەن ۋە ئائىلەمدىن ۋاپات بولغانلارنى بۇ يەرگە دەپنە قىلىمەن» دېدى." [ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى ھەجەر ۋە شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

    بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىگە تاش قويغانلىقى ئەمەس، تاشنى نېمە ئۈچۈن قويغانلىقى دەلىلدۇر. رەسۇلۇللاھ: «مۇشۇ تاش بىلەن قېرىندىشىمنىڭ قەبرىسىنى تونۇيمەن،» دېدى. دېمەك، تاشنى قەبرىنى تونۇش ئۈچۈن بىر بەلگە قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن قەبرىلەرگە بەلگە قويۇشنىڭ جائىزلىقى چىقىدۇ. قەبرىلەر كۆپ بولۇپ كەتكەندە تاش بىلەن قەبرىلەرنى تونۇش قىيىن بولىدۇ. بۇ چاغدا مېيىتنىڭ ئىسمىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى يىزىش جايىز بولىدۇ.

    قەبرىگە خەت يېزىشتىن مەقسەت، پەقەت قەبرىدە ياتقان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بولسا، خەت يېزىشقا بولىدۇ. ئەمما جاھىلىيەت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش مېيىتنىڭ ئىسمى ۋە ئىش ئىزلىرىنى يېزىش، مەدھىيە ياكى مەرسىيە شېئىرلىرىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا چوقۇنۇش كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ شېرىككە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پەقەت مېيىتنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى يېزىش بىلەن چەكلىنىش كېرەك.

    قەبرىگە بەلگە قويۇش، ئائىلىنىڭ ۋە ئۇنى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ مېيىتكە سالام بېرىپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈندۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم دۇنيادىكى ۋاقتىدا تونۇيدىغان بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭغا سالام بەرسە، ئاللاھ مېيىتنىڭ جېنىنى ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قايتۇرىدۇ.» [ئەبۇ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلبەر رىۋايىتى].

    قەبرىنى بەك ئېگىز قىلىۋەتمەسلىك ھەققىدە ئەبۇل ھەيياج ئەلئەسەدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا: مەن سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى بۇيرۇغان ئىشقا بۇيرۇيمەن. ھەر قانداق ھەيكەلنى كۆرسەڭ بۇزۇپ تاشلىغىن، ھەر قانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن، دېدى.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين "تەۋھىد كىتابىنىڭ شەرھىسىدىكى پايدىلىق سۆزلەر" دېگەن ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ يەردىكى «ئېگىز قەبرە» دېگەندىن، بىنورمال ئېگىزلىتىلگەن قەبرىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «تۈزلىۋەتكىن» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار؛ بىرى: ئەتراپتىكى قەبرىلەر بىلەن تەڭ قىلىۋەتكىن دېگەن بولىدۇ. يەنە بىرى: چىرايلىق قىلىپ قويغىن دېگەن بولىدۇ".

    بەزى ئۆلىمالار قەبرىنىڭ ئېگىزلىكى ھەققىدە، يەردىن بىر غېرىچ ئېگىز بولسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېگىز بولسا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنىڭ يەردىن بىر غېرىچ ئېگىز قىلىنغانلىقىنى دەلىل قىلىدۇ.

    ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتى