باياناتلار

ئۆلىمالار بىرلىكى خەلقىمىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ

2019-05-02
A-
A+

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى باشلايمەن

         ئۇلۇغ ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار، پۈتكۈل جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

         خەلقىمىزگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى 12 ئەسىردىن بېرى مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىسلام دىنى خەلقىمىزنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن بۇنچىۋالا قانلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىمۇ خەلقىمىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدا.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىليونلارچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا خەلقىمىزنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىمانىدۇر.

         مۇشۇنداق مۈشكۈل بىر پەيتتە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن جامائەت، تەشكىلات ياكى شەخسلەرنى تەنقىدلىگەن قىياپەتتە ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس ئاساسلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان خاتالىق، ئىسلامدىمۇ ئېغىر جىنايەت، شۇنداقلا قۇرئاندا قاتتىق ئەيىبلەنگەن مۇناپىقلارنىڭ قىلىقىغا ئوخشاپ قالىدىغان قىلمىشتۇر.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئېيتقىنكى، «سىلەر (ﷲ نىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى كۆڭلۈڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) ﷲ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ» [64]. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز (راست ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەر ﷲ نىڭ دىنىنى، ﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن [65]. (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز [66]. (سۈرە تەۋبە 64-، 65-، 66-ئايەتلەر).

         شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خەلقىمىزگە ئىسلامنى قۇرئان ۋە ھەدىس ئاساسىدا توغرا رەۋىشتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدا ئەسكەرتىش بېرىدۇ:

 

 

1- ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە شەخسىي نامىدا چىقىپ سۆزلىگەن ھەر قانداق كىشى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

2- ئىسلام قامۇسىدا مەۋجۇت بولغان ئاتالغۇلار، مەسىلەن: "جىھاد"، "كاپىر" ۋە "مۇناپىق" دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، ئىنكار قىلغانلار گۇناھكار بولىدۇ، ئەمما مەزكۇر ئاتالغۇلارنى قاچان، قانداق ۋاقىتتا ۋە كىملەرگە ئىشلىتىش مۇنازىرە قىلىشقا ۋە تالاش-تارتىش قىلىشقا بولىدىغان مەسىلىلەردۇر.

3- ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىگە كېپىللىك قىلىدىغان ئىلاھىي دىن. مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن مۇسۇلمانچە ياشاش، مۇسۇلمان ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاش ھەققى بولغاندەك، ئىسلام ئاساسىدىكى ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش يولىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ھەققىمۇ بار. دىننى سىياسەتتىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر.

4- ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى ئىسلام پەرز قىلغان ئىبادەت. ئەمما يۈزىنى يۆگەش مەسىلىسىدە ئۆلىمالارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يۈزىنى يۆگەش ياكى يۆگىمەسلىكتە ۋە قايسى رەڭدە كىيىم - كېچەك كىيىشتە ھەر بىر شەخسنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇمكىن قەدەر  تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

5- بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغان مۇھىم ئامىللار شۇ مىللەتنىڭ تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ - ئادىتىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا بىر مىللەتنى سۆيىمەن ۋە ئۇنى قوغدايمەن دېگەن ھەربىر ئادمنىڭ ئىسلام دىنىغا زىت بولمىغان ئاساستا شۇ مىللەتنى مىللەت قىلغان ئامىللارنىمۇ سۆيۈشى ۋە قوغدىشى شەرتتۇر. شۇڭا ئۆزىنى مىللەتپەرۋەر ھېسابلايدىغان قېرىنداشلىرىمىز مىللىتمىزنى تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ - ئادىتى بىلەن قوشۇپ سۆيۈشى لازىم.

6- مىللىتىمىزنىڭ دىنىي قىممەت - قاراشلىرى، ئىسلامىي كىيىنىشى ۋە ئىبادەتلىرى مۇستەملىكىچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن چەكلىنىپ كەلگەن بولۇپ، مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىمىز بۇ مۇستەملىكچىلەرنىڭ رەزىل سىياسەتلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن.

ئاللاھ خەلقىمىزگە توغرا ئەقىدە، ساغلام چۈشەنچە، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالايدىغان ئەقىل-ئىدراك ئاتا قىلسۇن!

               ھۆرمەت بىلەن: 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى