رامىزان

ئىسلام ئۈممىتى ھەلقىلغۇچ بۇرۇلۇش پەيتىدە تۇرماقتا

2020-05-15
A-
A+

ئىسلام ئۈممىتى ھەلقىلغۇچ بۇرۇلۇش پەيتىدە تۇرماقتا

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد

 22/9/1433ھـ 10/8/2012م

2012 – يىلى 8 - ئاينىڭ 10 – كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئىسلام ئۈممىتى ھالقىلىق بۇرۇلۇش پەيتىدە تۇرماقتا» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

بىز مۇبارەك ئۇلۇغ رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشىماقتىمىز. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى تارىختىن  ئىبرەت ئالىدىغان، قۇرئان ئوقۇيدىغان ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان فۇرقان ئېيىدۇر. قۇرئان ھەقىقەتتە قەلىبنى ئىلىم-ھېكمەتكە تولدۇرىدىغان ھەل قىلغۇچ فۇرقاندۇر. رامىزان ئېيى بولسا، ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىنى ئايرىدىغان فۇرقان ئېيىدۇر. مەككە فەتھىسى  مۇبارەك رامىزاندا بولغان ۋە دۇنيا شۇ فەتھىنىڭ بەرىكىتىدىن ئىسلام بىلەن تونۇشقان. شۇ فەتھىدىن كېيىنلا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەملىنىپ، ئادىل ھاكىمىيىتى ئارقىلىق، ئۈممەتلەرنى ئەقىدە، ئىمان ۋە شەرىئەتتىن ئىبارەت ئىسلاھات تۈزۈمى بىلەن باشقۇرغان.

بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام ئۈممىتى ھالقىلىق، ئىنچىكە، نازۇك بىر دەۋرىدە تۇرماقتا. دىللىرىدىكى دەرت-ئەلەملىرى بىلەن جاراھەتلىرىگە مەلھەم بولىدىغان شاپائەتچىگە موھتاج بولماقتا. ئىسلام دۇنياسىدىكى دراماتىك ئۆزگىرىشلەر، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ۋە يىڭى سىياسەت تۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرمەكتە. ئىسلام دۇنياسىدىكى بوشلۇق ئىنتايىن ئاقىلانە ۋە تىزلىك بىلەن تولدۇرۇلۇشى كېرەك.

بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە مۇسۇلمانلارنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىرىش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت بولۇپ، مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ھىجىرىيە 1345 - يىلى مەككىدە تۇنجى ئىسلام ھەمكارلىق يىغىنى چاقىرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەرھۇمنىڭ ئوغۇللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش يولىدا تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. مەككىدە چاقىرىلماقچى بولغان قۇرۇلتاي، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالتۇن پۇرسەت. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىلىرىنىڭ ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى زامان ۋە ماكان ئىتىبارى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتى خۇددى بىر جەسەتتەك بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە خىتاپ قىلىپ دەيمىزكى: بۇ قۇرۇلتاي ئەڭ زامانىۋى دېئالوگ بولۇشى ۋە ئۈممەتنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى شەخسى مەنپەئەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشى كېرەك. ئۈممەتنىڭ كۈتكەن ئارزۇلىرىنى يەردە قويماسلىق ۋە خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا كەڭ ئورۇن بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك.

ئى رەھبەرلەر! سىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىڭلار، ئىسلام ئۈممىتىنى زايا بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي بىرلىك ئورنىتىشتۇر. خەلقلىرىڭلار سىلەردىن مۇھىم مەسىلىلەردە جىددىي ۋە كەسكىن قارارلارنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىلەر ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈز بېرىۋاتقان دۈشمەنلىك ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا كەسكىن بولۇشۇڭلار كېرەك. باشقىلارنىڭ رادىكال ئىدىيەلىرى، رادىكال ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيىنى ۋە بەدىلىنى ئىسلام ئۆتەشكە مەجبۇرلاندى. بۇنداق خاتالىقلار ۋە ناتوغرا قاراشلارغا خاتىمە بېرىش كېرەك.

ئىسلام ئۈممىتى مەزھەب ۋە تائىفە پىتنىسىگە مۇبتىلا بولغان بىر ئەھۋال ئاستىدا تۇرماقتا. بۇنداق پىتنىلەردىن يەنىلا دۈشمەنلەر پايدىلىنىدۇ، شۇلارغا پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك. مەزھەبۋازلىق ۋە تائىفىۋازلىق ئۇرۇغىنى چاچقانلار، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ياخشىلىقىنى خالىمايدىغانلاردۇر. ئۈممەتنىڭ بېشىدىكى مۇسىبەتلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئەڭ بېشىدا پەلەستىن مەسىلىسى كېلىدۇ. تۇنجى قىبلە بولغان ئۈچىنچى ھەرەم مۇستەملىكە ئاستىدا تۇرسا، قانداقمۇ مۇسۇلمانلار راھەت ئۇخلىيالىسۇن! كۆز ئالدىمىزدا پەلەستىننىڭ مۇھىم پارچىسى بولغان غەززەدىكى قېرىنداشلىرىمىز مۇھاسىرىدە تۇرسا، قانداقمۇ بىز راھەت بولايلى!

ئى ئىسلام ئەھلى! ئىسلام دىيارلىرىدا مۇسۇلمانلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا، بېرمادا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئىرقى قىرغىنچىلىق، كەمسىتىش ۋە يۇرتلىرىدىن ھەيدىلىشتەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي جىنايەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ئەنە شۇ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن، كەسكىن تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلار ئوخشاش بولمىغان كەمسىتىش ۋە زۇلۇملارغا دۇچ كەلمەكتە. ھەتتا بەزى دىيارلاردا مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامىزاندا روزا تۇتۇشتىن چەكلەنمەكتە. ئىسلام دۇنياسى ئۆزىنىڭ مەشغۇلىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەزلۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى زالىم كاپىرلارنىڭ ئاياقئاستى قىلىشىغا تاشلاپ قويماقتا.

سۈرىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز، ئۆز ئىچىدىن چىققان زالىم ھاكىمىيەتنىڭ قۇربانى بولماقتا. زالىملار ئۆز خەلقى ۋە ئۆز يۇرتلىرىنى پەقەتلا زالىم ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋەيران قىلماقتا.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى