ئۆلىمالىرىمىز

ئۇستاز ئابدۇلخېلىل ھاجىم زاۋا

2018-10-23
A-
A+

ئۇستاز ئابدۇلخېلىل ھاجىم زاۋا

ئابدۇخېلىل ھاجىم زاۋا 1972- يىلى قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئابدۇخېلىل ھاجىمنىڭ دادىسى ئابدىكىرىم ئاخۇن، ئانىسى ئائىشەخان.

 ئۇستاز ئابدۇخېلىل زاۋا 1980- يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولىدۇ. 1980- يىلدىن 1986 - يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش ۋە  قوي بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  1986 - يىلى ۋەتىنىمىزدە دىن ئۆگىنىش شارائىتى كۆرۈلگەندە دىنى ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاتا- ئانىسى شۇ يېزىدىكى دىنى ئۇستازلاردىن بىرىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. مەزكۇر ئۇستازدا ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى، ھەدىس، پىقھى قاتارلىق پەنلەر بويىچە بىر قاتار دەرس ئالىدۇ. ئىلىم تەھسىل قىلغانسېرى ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقى ۋە قىزغىنلىقى كۈچىيىدۇ ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىم ئىگىلەش مەقسىتىدە خوتەندىن قەشقەرگە كېلىدۇ. قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ سالەي داموللام ۋە سۇلايمان داموللاملاردا نەھۋى - سەرپ، بالاغەت ۋە پىقھى بىلىملىرى، ئابدۇلھەمىد داموللامدا ھەدىس ئىلىملىرىنى تەھسىل قىلىدۇ.

كىيىن خوتەنگە قايتىپ كېلىپ مەتقۇربان داموللا ھاجىم ۋە ئابدۇللاھ رۇزى داموللا ھاجىمدا تەپسىر ئىلمى، ئابدۇلئەھەدخان مەخسۇمھاجىم ۋە مۇھەممەت ئېلىي ئاخۇن خەلپىتىملەردە نەھۋى ۋە بالاغەت، ئەقىدە ۋە بىر قىسىم پىكرى كىتابلارنى ئوقۇيدۇ.

1990-  يىللىرى مەلۈم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇقۇشنى توختىتىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قەلبىنى ئىلىم - ئىرپان ئىشتىياقى چىرمىۋالغان ئۇستاز ئابدۇخېلىل زاۋا تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىملەرنى ئىگىلەش ۋە ياراملىق ئالىم بولۇش ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەققىدە ئىزدىنىدۇ. ئاخىرى 1995- يىلنىڭ بېشىدا پاكىستانغا چىقىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. پاكىستاندا يېشىنىڭ چوڭلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپكە كىرەلمەيدۇ. ئۇقۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئۇستاز 1995-يىلنىڭ ئاخىردا پاكىستاندىن مىسىرغا كېلىدۇ. مىسىردا بىر يىل تەييارلىق دەرسى كۆرگەندىن كىيىن 1996-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىغا قوبۇل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇسۇلۇددىن پاكۇلتېتىنىڭ قۇرئان كەرىم تەپسىر بۆلىمىنى 2006-يىلىدا پۈتتۈرۈرىدۇ. ئەزھەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قاھىرەدىكى مەشھۇر شەيخلەرنىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ. 2006- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلۇمىنى ئالغاندىن كىيىن ۋەتەنگە قايتىش شارائىتى يار بەرمەي تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالىدۇ. تۈركىيىدە تۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن بىرگە، ئىستانبۇل سەپاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا تەلىم تەربىيە بېرىش، چوڭلىرىغا ئەتە - ئاخشامدا ۋەز - نەسىھەت تەبلىغ قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.