خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات

2018-10-16
A-
A+

شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات

ئاللاھقا چەكسىز مەدھىيىلەر، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

 مەلۇمكى، شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقىمىز ئۈستىدىكى زۇلۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە بۇ زۇلۇملار ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىشىپ كەتكەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇم دىنىي ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەدىن ھالقىپ ئىسلام دىنىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

2017- يىلنىڭ بېشىدىلا ئېغىرلاشقان بۇ زۇلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوق قىلىۋېتىش پىلانلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي ھاكىمىيىتى 3 مىليونغا يېقىن بىگۇناھ خەلقىمىزنى جازا لاگېرلىرىدا يوق قىلىۋېتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش يولىدا ناماز، روزا، زاكات، ھەج ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەندىن تاشقىرى ئون مىڭلىغان مەسچىتنى يىقىپ تاشلاش، يىقىۋەتمەي قالغانلىرىنى ھاراق-شاراپ ئىچىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇشتەك جىنايەتلەر خىلمۇخىل تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ. ساقال ۋە ھىجابلارنى چەكلەپ ساقال قويغان، ھىجاب كىيگەن ئاياللارنى تەلتۆكۈس يوق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يېقىندىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مۇسۇلمان قىزلىرىمىزنى دىنسىز، كاپىر خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.

 خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيانە جىنايىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.

خەلقىمىزنى بۇ زۇلۇمغا باش ئەگمەستىن ئېتىقادى ۋە ئىمانىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا سابىت قەدەم (مۇستەھكەم) تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

 خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە ۋە ئىسلامغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىگە قارشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز يۇمۇپ سۈكۈت قىلىشى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ قورقۇنچاقلىق بىلەن بۇنداق سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ۋە شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز دەيدىغان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھقا ئىمانى بار، دىنىغا ساداقىتى بار، ئىنسانلىق ۋىجدانى بار ھەربىر شەخستىن بارلىق مەيدانلاردا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى- ئىستانبۇل

باشقا خەۋەرلەر
ھەممىسى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش  ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى  بىلەن   ئۈچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ئۈچراشتى .

ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .

2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى

تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ دوكتۇر ئابدۇلۋارىس خوتەن، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھارۇن قايانىي زىيار

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش