زاكات

مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرك

2020-04-29
A-
A+

مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرك

مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرك

 ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب

 2011 – يىلى 8 – ئاينىڭ 6 - كۈنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى، چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇڭا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر. تەقۋادارلىق گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، مۇشكۇلاتلارنى ئاسان قىلىدۇ ۋە يوللار كۆپ بولغاندا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى يولباشچى نۇرلۇق چىراق بولىدۇ.

مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى، رامىزان  ھەممىمىزگە ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئالتۇن پۇرسەتتۇر. بەندە بۇ ئۇلۇغ ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ ئىبادەت قىلىدۇ ياكى خۇدىنى يوقىتىپ بەدبەختلىكنى تاللايدۇ، كۈنلىرى بەرىكەتسىز تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. كۈنلىرى بەرىكەتلىك بولغان كىشىلەر بولسا، ئىبادەتنى كۆپ قىلىپ، سان-ساناقسىز ئەجرىگە ئىگە بولىدۇ. دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە كۆپ قەۋم ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ، بىھۇدە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن نادامەت قىلىدۇ. مۇبارەك رامىزاندا ئىنسانلار دۇنياغا بېرىلىشتىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك. تۇققانلارنى يوقلاش، پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ بېشىنى سىلاش ۋە سىلە-رەھىم قىلىش لازىم. داۋاملىق ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە تەقۋادار بولۇش لازىم. چۈنكى ئاللاھ رامىزان روزىسىنى روھىي دۇنيالىرىمىزنى تازىلاش ۋە قەلبلىرىمىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر. رامىزاندا قىلغان ئىبادەتلەر ئارقىلىق بىز ھەقىقىي ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيالايمىز. ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان ئادەم، ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك ۋە باشقىلارغا يامانلىق قىلىشتەك ئىشلارنى ئويلىمايدۇ. دىللاردا تەقۋادارلىق ئورۇن ئالسا، ئالدامچىلىققا ئورۇن قالمايدۇ. تەقۋادار دىللار داۋاملىق ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئۆزىنى  ۋە كۆزلىرىنى ھارامدىن يىغىدۇ، تىلىنى يالغاندىن يىغىدۇ، ئاخىرەتنى كۆزلىگەندە ئۇلارنىڭ كۆزىگە دۇنيا كىچىك كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.

رامىزاندا ھەقىقىي روزا تۇتقان مۇئمىن تەقۋادار بولىدۇ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ، پۇرسەت كېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىشقا تىرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشھۇر بىر ھەدىسىدە مۇبارەك رامىزاننى سۈپەتلەپ: «ئەۋۋىلى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغفىرەت ۋە ئاخىرى ئوتتىن ئازات بولىدىغان ئاي» دېگەن. مۇبارەك قەدرى كىچىسىمۇ رامىزاندا كېلىدۇ. رامىزان بولسا، سىلە-رەھىم، سەدىقە ۋە تۆۋبە-ئىستىغفار ئېيىدۇر. قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن كىشىلەر رامىزاننى خۇددى پەقەت يېمەكلىكتىن چەكلىنىش ئېيى دېگەن مەنادا چۈشىنىۋېلىپ، ئىبادەت بىلەن كارى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ناماز، تەراۋىھ ۋە تەھەججۇتلارنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق.

بىلىڭكى، رامىزاندا ئىمانىڭىز كۈچلەنمىسە، ئەمەللىرىڭىز كۆپەيمىسە ۋە ئاسىيلىقىڭىز ئاخىرلاشمىسا، ئۆزىڭىزنى جىددىي تەكشۈرۈشكە باشلىشىڭىز كېرەك. ئىنسانلارنىڭ، ئىسلام دېگەن ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئېغىزدىكى سۆزدىن ئىبارەت دەپ قارىغانلىقى، ئىسلامنى خۇنۇكلەشتۈرگەنلىكتۇر. ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، ۋاجىپنى ئادا قىلماستىن ۋە ھارامدىن قول ئۈزمەستىن، دىننى ئويۇن-تاماشىنىڭ ئورنىدا قاراپ، ھاياتى دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەنلەر دۇنيا بىلەن مەغرۇرلانغانلاردۇر. قۇرئان كەرىمدە قانداق ئورۇندا ئىماندىن سۆز ئېچىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئەمەلگە باغلىغان، تەقۋادارلىق، ياخشى ئەمەل ۋە ئاللاغا ئىمان كەلتۈرۈش، بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان ئايرىلماس ھەقىقەتتۇر. مۇسۇلمانلاردىن رامىزان ئېيىنى ئىبادەت، خۇشۇ-خۇزۇ ۋە تۆۋبە-ئىستىغفار بىلەن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇبارەك رامىزاندا ئوتتىن ئازات بولغانلار قاتارىدىن قىلسۇن، مۇبارەك ئايدا زىيان تارتقانلاردىن ئەمەس، پايدا ئالغانلار قاتارىدىن قىلسۇن، ئامىن!!.