رامىزان

رامىزاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېخىلىقتا بورانغا ئوخشاش مىسلىسىز ئىدى

2020-05-08
A-
A+

رامىزاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېخىلىقتا بورانغا ئوخشاش مىسلىسىز ئىدى

 پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ ئابدۇرەھمان سۇدەيس

 

2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «رامىزاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېخىلىقتا تىز سۈرئەتلىك بورانغا ئوخشاش، مىسلىسىز ئىدى، بارچە ئۈممەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆرنەك قىلىش كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئىسلام ئۈممىتى ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ ئىللىق شامىلىدىن لەززەتلىنىپ، ياخشلىقىدىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ئۇلۇغ ئاي ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. بارماقتا سانىغۇدەك كۈنلەرلا قالدى. بارچە مۇسۇلمانلار شۇ قىممەتلىك مىنوتلاردىن پايدىلىنىپ ئەمەللىرىمىزنىڭ مەقبۇل بولىشىنى تىلىشىمىز كېرەك. قېنى كېلىڭلار، ئى روزىدار مۇسۇلمانلار! ئاخىرقى ئون كېچىنىڭ ياخشىلىقى ۋە بايلىقلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئاچايلى، ياخشىلىقلارغا ئالدىراپ، مۇسابىقىلىشەيلى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سوغىتى ئەڭ بۈيۈك ۋە ياخشى سوغاتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرگەندە باشقا كۈنلەردە كۆرسەتمىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى. تىرىشچانلىق كۆرسەتكەننىڭ سىرتىدا ئاياللىرىغا يېقىنلاشمايتتى. ئاخىرقى ئوندا بېلىنى چىڭىتىپ، كېچىنى ئۇخلىماي ئىبادەت بىلەن تاڭ ئاتقۇزاتتى، ئائىلىسىنى ئويغۇتۇپ ئىبادەتكە سەپەرۋەرقىلاتتى.

بۇ كۈنلەر بارچە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوتتىن ئازات بولۇش بىشارىتى بېرىلىدىغان كۈنلەردۇر. بۇ كۈنلەردە پەرىز ئەمەللەر، سۈننەت ئەمەللەر، مۇستەھەب ئەمەللەر بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىڭلار!. ئىلگىرى قىلالماي قالغان ئىبادەتلەرنى قىلىڭلار، زىكىر-تەسبىھنى كۆپ قىلىڭلار! ئېتىكاپتا ئولتۇرۇڭلار، قۇرئاننى كۆپ ئوقۇڭلار! پۇرسەت كېتىپ قالغىنى يوق. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تىجارەتكە ھېلىمۇ پۇرسەت بار، پايدىنىڭ يولى تاقالغىنى يوق. ئىبادىتىڭلارنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن پەرىز قىلىنغان زاكاتنى بېرىڭلار! سەدىقە بېرىڭلار! بۇ ئۇلۇغ ئايدا سېخىلىقنىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىڭلار!.

ئى روزا تۇتقۇچىلار! سىلەر ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى ئۆرنەكتۇر. سېخىلىقنى ئۆزۈڭلارغا ھەمراھ قىلىڭلار! رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى غەنىمەت بىلىڭلار! ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ئاخىرقى ئونىنى شەرەپلىك قىلىش بىلەن مىڭ ئايغا توغرا كېلىدىغان قەدرى كېچىسىنى ئاتا قىلغاندۇر. قەدرى كېچىسى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى، قەدرى كېچىسىنى تولۇق ئىشەنچ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن، ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. قەدرى كېچىسى توغرىسىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قەدرى كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كۈنلىرىدە ئىزدەڭلار» دېگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ قەدرى كېچىسىنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق بىكىتمەسلىكى ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئى رەسۇلەللاھ! قەدرى كېچىسى ئىكەنلىكىنى بىلسەم نېمە دەيمەن؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! سەن كەرەملىك، كەچۈرۈمچان زاتسەن، كەچۈرۈم قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، مىنى كەچۈرگىن! دەپ دۇئا قىلغىن» دېدى[1].

قەدرى كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىڭلار، قەدرى كېچىسىنى تېپىش ئۈچۈن مىنۇت، سىكونىتلار بىلەن ئىزدەڭلار. رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن، قەھرىمانلىق، زەپەرلەر ئېيى بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئاي ئىچىدە شۇ قەھرىمانلىقلار، زەپەرلەردىن ئىبرەت ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە تارىختىن پەخرىلىنىپ، زەپەرلەردىن سۆزلەپلا ئۆتكۈزمەستىن، نىشاننى توغرىلاپ، ئولۇغ غايىگە يېتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش لازىمدۇر. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۈستىدە قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارالىق مۇھىم خىزمەت ۋە مەسئۇلىيەتلەر بار، ئەڭ مۇھىمى بەيتۇلمۇقەددەس مەسىلىسىدۇر. مەسجىدىل ئەقسانى ئازات قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر.

مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلمان نىيىتىنى خالىس قىلىپ، ئاللاھتىن كۈچ - قۇۋۋەت تىلىشى كېرەك. بۇ ئاي يەنە گۇناھلارغا تەۋبە-ئىستىغفار قىلىش ئېيىدۇر. بارچە مۇسۇلمانلار ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىپ، گۇناھلىرىنى ئازايتىشقا، بەلكى يۇيۇپ تۈگىتىشكە تىرىشىدىغان ئۇلۇغ ئايدۇر. رامىزاننىڭ ئاخىرىدا بارچە مۇئمىنلەر «زاكاتىل فىتىر» نى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. سەدىقە فىتىر ناملىق زاكات ھەر بىر جان ئىگىسى بەرمىسە بولمايدىغان سەدىقە بولۇپ، ئۇ روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن ئادا قىلىنىشى ۋە كەمبەغەللەرنىڭ قولىغا تېگىپ بولىشى كېرەك.

ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە بىزلەرنى ئوتتىن ئازات بولغۇچىلاردىن ۋە قەدرى كېچىسىنى تاپقۇچىلاردىن قىلسۇن، ئامىين!.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

 


[1]   تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.