خەۋەرلەر

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ چاقىرىقى

2023-03-10
A-
A+

بسم الله الرحمن الرحيم

ئىسلام دىنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادىنى بۇزۇش ۋە ئېڭىدە تەشۋىش پەيدا قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلارغا قارىتا، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ چاقىرىقى.

 

پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى، ئېگىسى ۋە مۇتلەق ھاكىمى بولغان جانابى ئاللاھغا ھەمدۇ - سانا، ئالەملەرگە رەھمەت، ئىنسانلارغا يولباشلىغۇچى ۋە ئىلاھى ۋەھىنىڭ توشۇغۇچىسى ۋە تەتبىقلىغۇچىسى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام، ئۇنىڭ يولى ۋە سۈننىتىگە ئەگىشىپ ماڭغان ساھابىلىرىگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن.

جانابى ئاللاھ ئىنساننى يەر يۈزىدىكى مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى قىلىپ ياراتتى ۋە ئۇنىڭغا ئەقىلدىن ئىبارەت ئەڭ كاتتا نېمىتىنى بەخشەندە قىلدى. لېكىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەككە ئەقىلنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنسانلارغا يولباشچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەقنى خاتىرىلىتىپ تۇردى. ھەر پەيغەمبەرگە شۇ دەۋىرنىڭ ئىجتىمائى شارائىتىغا كۆرە، باشقىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان مۆجىزىلەرنى بېرىش ئارقىلىق ھەم پەيغەمبەرنى ئىلاھىي كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئىنسانلارغا بىلدۈردى. پەيغەمبەرلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشىگە ۋە ھىدايىتىنى تېپىشىغا ۋەسىلە قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولۇپ قىيامەتكىچە كېلىدىغان پۈتۈن ئىنسانيەتكە ئەۋەتىلگەن. ئاللاھدىن كەلگەن ۋەھى ۋە يول – يۇرۇقلارنى ئىنسانلارغا ئۇلاشتۇرغۇچى ۋە تەتبىق قىلغۇچىسى قىلىنىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى قۇرئان كەرىم ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئاندىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كىتابنى ئىنسانلارغا ئاسماندىن بىۋاسىتە چۈشۈرمەي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئىنسانلار بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا ئەلچى قىلدى. يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تاماملانغان قۇرئان كەرىم بىر تەرەپتىن يادلانسا يەنە بىر تەرەپتىن ۋەھى كاتىپلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتى داۋامىدا ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بەزىدە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدا، يەنە بەزىدە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرسىتىپ ئۆتتى. مەنىلىرىنى چۈشىنىشتە ساھابىلەرگە چۈشۈنىكسىز تۇيۇلغان ياكى ئىزاھاتى لازىم بولغان جايلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە مەسىلە كۆرۈلمىگەندەك، دىننىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە ھېچقانداق ئىختىلاپ كۆرۈلمىدى. مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزگىچە ئۈزۈلۈپ قالماي يەتكۈزۈپ كەلگەن مەنبە ھەدىس رىۋايەت كۈلتۈرىدۇر. بۇ يەردە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىمكى، ئىسلامى ئەسەرلەردىكى «رىۋايەت» ئاتالغۇسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تېگى - تەكتى بولمىغان «ئەپسانە» دېگەن مەنىدە ئەمەس، ھەدىس ۋە سۈننەتنىڭ كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈش مەنىسىدىدۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋەھيىنىڭ ئۈزۈلىشى ۋە ئىسلام دىننىڭ ئەرەبىستان رايونىدىن ھالقىپ پەرقلىق مەملىكەتلەرگە تارقىلىشى بىلەن ئىسلام دىننىڭ ئېتىقادىي، فىقھىي ۋە سىياسىي ساھەلىرىدە ئىختىلاپ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدىن يىراقلاشقانسېرى ھەم قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش، ھەمدە ئۇنىڭ ھايات پەلسەپىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلار تارقىلىشقا باشلىدى. ھەر پىرقە ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى كۈچەيتىش ياكى دەۋاسىنىڭ دىنىي جەھەتتىن تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئۆز خائىشى بويىچە دەلىل قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ئۈممەتنىڭ بىر قىسىم دۇرۇست ئالىملىرى مەيدانغا چىقىپ، بىرىنچى قول ماتېرىياللار ئاساسىدا ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش تەرەپدارى بولدى. تارىختىن بېرى ئىسلام دۈشمەنلىرى ئىسلام دىنىنى تەھرىپ قىلىش ئۈچۈن پىكرى ۋە سىياسى سۈيقەسلەرنى ئىشلەتكەن بولسا، مۇسۇلمانلار ئېچىدىكى بىر قىسىم يامان نىيەتلىك ياكى ئاشقۇن پىكىردىكى نۇرغۇن چالا موللاملارمۇ مەيدانغا چىقىپ، دىنىي چۈشەنچە ھەققىدە ئۆزى بىلگەن مۇقامدا بەزى نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن توختاپ قالمىدى.

ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندىمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشىنىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن پىكىر ئېقىملىرى مەۋجۇت. بولۇپمۇ غەرپتە پەننىي بىلىملەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مۇسۇلمان تۇپراقلىرىنىڭ بىربىرلەپ خىرىستىئان ياكى كوممۇنىزمچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى، شۇنداقلا پۈتۈن كۈچنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىسلامغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىدە، دىنىي ساھەدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ياكى غەرەزلىك ھالدا چىقىرىلىۋاتقان ئىختىلاپلارنىڭ تۈرى ۋە پائالىيەت دائىرىسى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشكە باشلىدى. دەسلەپتە ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسنىڭ ھىمايىسىدە دىننى پەقەتلا قۇرئان مەنبەلىك چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سۆزدە «قۇرئانچىلار» پىرقىسى پەيدا بولدى. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىسمى دىننى سۈننەتنى ئىتىبارغا ئالماستىن چۈشىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئاننى ئۆز تارىخىدا چۈشىنىش» تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. لېكىن ئۇلارنىڭ قارىشىدا قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا دائىر دىنىي تەتبىقاتلار ئىسلامنىڭ تۇغۇلۇش دەۋرىگە ئائىت مەسىلىلەر قاتارىدا كۆرۈلۈپ، دەۋرىمىزدە بولسا دىننىڭ پەقەتلا ئېتىقادىي قىسمىنى ئاساس قىلغان يېڭىچە بىر ھايات شەكلى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن بۇ ئېقىمنىڭ مەنسۇپلىرىمۇ ھېچقاچان ئۆز ئىچىدە ئوخشاش بىر مېتود ئۈستىدە ماڭالمىدى. بىر بىرلىرىنى ئېتىراپ قىلماي ھەممىسى ئۆز پىرىنسىپدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىغا پىتنە ۋە پاسات پەيدا قىلىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزدى ۋە كۈچىنى ئاجىزلاتتى.

يۇقىرىدىكىلەر بىلەن بىرگە «دىنىي ئىسلاھات» پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ، ئىسلام دىننىڭ ئېتىقادىي، فىقھىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەسىدە «يېڭىلىقلار» پەيدا قىلىش كويىدا بولدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىر قىسمى كىلاسسىك دىنىي چۈشەنچە ۋە كىلاسسىك دىنىي ئەسەرلەر ئىدى. دىننى خۇراپاتلىقتىن تازىلىغان ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن بىزگە ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىدىغانلىقى جار سېلىندى. كونىلىقنى چۆرۈپ تاشلاش تەشەببۇسى بىلەن ھەدىس، فىقىھ، پەلسەپە ۋە لوگىكىغا ئوخشاش مېتودولوگىيەلىك ئىلىملەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. نەتىجىدە ھېچقانداق مۇقامغا چۈشمەيدىغان، ئۆزبېشىمچى، يۈزەكى ۋە ۋەزىنگە ئولتۇرمايدىغان شاللاق بىر «ئىسلام» دىنى تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا چىقتى. قىسقىسى، يۇقىرىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇسۇلمانلارنىڭ دەردىگە دەرمان، يارىلىرىغا مەلھەم بولالمىدى.

ئەپسۇسكى، ئەمدى قارايدىغان بولساق ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ھايات - ماماتلىق بىر ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىمۇ، يۇقىرىقى پىكىرلەرگە مايىل ئزېقىملار شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ بېشىدا قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىش ۋە رېئاللىققا تەتبىقلاشنىڭ، قىسقىسى دىنىي ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم تايانچ كۈچى بولغان ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىش ئېقىمىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەدىس مەجمۇئەلىرى دەۋرىمىزگىچە ئىشنىڭ ئەرباپلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىممەتلىك خەزىنە ھېسابلىنىدۇ. قايسىسىنىڭ رىۋايەت زىنجىرى جەھەتتىن ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى ھەدىس مۇتەخەسسسىلىرى بايان قىلىدۇ. قايسى ھەدىسنى قەيەردە ئىشلىتىشنىڭ ئۆلچىمىنى تەپسىر، فىقىھ ۋە كالام ئىلمىغا ئوخشاش ساھەلەرنىڭ ئۇستىلىرى ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ. بۇ ئىلىملەر ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولمىغانلار مۇتەخەسسىس سەۋىيەسىدىكى ئالىملارنىڭ پىكىرلىرىگە ئەگىشىدۇ. بۇ ئەڭ ئەقەللى ئىلمى لوگىكا ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇنلۇق ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر رىۋايەت ئىلمىنى ئنىكار قىلىدىغان بولساق، ئىنسانلار تارىخىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى تارىختىن باشلاپ بارلىق ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنىڭ مەلۇماتلىرىمۇ رىۋايەت شەكلىدە كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈپ كېلىنگەن. شۇنى قەيت قىلىش كېرەككى، بارلىق مەدەنىيەتلەردە قالدۇرۇلغان يازما تارىخنىڭ ھېچقايسىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەدىسشۇناسلىق ئىلمىدە قوللانغان ئىلمىي، ئىنچىكە مېتودىنى قوللانغان ئەمەس.

ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشىنىشىمىزگە ياردەمچى بولىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، پەقەتلا قۇرئان بىلەن ئسىلام دىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى، ئۆزلىرىنى بارسا كەلمەس بىر يولغا باشلاپ قويىدىغانلىقى ئويلىشىلمىغان خام پىكىرنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. قۇرئاننىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. قۇرئاننىڭ كىتاب بولۇپ شەكىللىنىش باسقۇچىمۇ ئەسلىدە رىۋايەت ئۇسلۇبىغا تايىنىدۇ. بىز قۇرئان كەرىم نازىل بولغان دەۋردە ياشىمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ۋە ئىلاھىي يوليورۇقلارنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى كىتابى ئىكەنلىكىنى رىۋايەت مەنبەلىرىدىن بىلىمىز. ئۇنى چۈشىنىشتە ھەدىس مەنبەلىرىنى رەت قىلساق، قۇرئان كەرىمنىڭ مەتنىنى چۈشىنىشىمىزدە قوللانغان تىل ئىلمىمۇ رىۋايەت ئىلمىگە تايانغان بولغاچقا، ئۇلارنىمۇ رەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دىننى چۈشىنىشتە رىۋايەت ئىلمىنىڭ رولىنى قايرىپ قويۇشنىڭ ئۆزى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زەنجىرسىمان قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپ قويۇشى ئېنىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالىرى ئوتتۇرا يولنى تۇتۇپ قۇرئان- سۈننەت بىر پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. بولۇپمۇ دۇنيادا ئەڭ ئېغىر زەربىگە دۇچار بولۇۋاتقان، ھەتتا تارىخ سەھنىسىدىن يوقاپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرلىشىشتىن باشقا ھېچبىر يولى بولمىغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق دىنىي قىممىتى يوق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ، سۈنئىي مەسىلىلەر بىلەن بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ ياردىمى پەقەت ۋە پەقەت بىرلەشكەن جامائەت ئۈستىدىدۇر.

بىز شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالاربىرلىكى قۇرۇلۇش مەقسىتىمىزدە بايان قىلىنغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قۇرئان ۋە سۈننەت پۈتۈنلىكى ئاساسىدىكى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامەئەنىڭ يولىدا مېڭىشنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئاقىلانە تاللاش يولى ئىكەنلىكىنى بىدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى بۇرمىلاش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىتىقادىنى بۇزۇش ۋە ساغلام ئىسلام ئېڭىدە شۈبھە ۋە گاڭگىراش پەيدا قىلىۋاتقان ۋە خەلقىمىزنى خىتاي جاللاتلىرى چاڭگىلىدا ھايات – ماماتلىق مۇجادىلىسى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە سۈنئى مەسىلەر بىلەن مەشغۇل قىلىپ ئۆز – ئارا پىكرى توقۇنۇش چىقىرىشقا ئۇرنىۋاتقان بىر ئوچۇم ئاتالمىش «موللام» كىشىلەرگە قارىتا ئاگاھ بولۇشىنى ۋە ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

09.03.2023

 

باشقا خەۋەرلەر
ھەممىسى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش  ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى  بىلەن   ئۈچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ئۈچراشتى .

ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .

2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى

تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ دوكتۇر ئابدۇلۋارىس خوتەن، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھارۇن قايانىي زىيار

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش