باياناتلار

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان يىڭى دىنىي سىياسەت - بەلگىلىمىلىرىگە قارشى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى

0000-00-00
A-
A+

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان يىڭى دىنىي سىياسەت - بەلگىلىمىلىرىگە قارشى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى 

    ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇم – سېتەملەر يېقىندىن بىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، چەكتىن ئاشتى. ئىسلام دىنىنىڭ نۇقتىلىق بەلگىلىمىلىرى بولغان ھىجاپ ۋە ساقالغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئىبادەت تۈرلىرىگىمۇ چەكلىمە قويۇشتەك زۇلۇملارنىڭ رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەلقئارالىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.

   2017 - يىلى 30- مارت كۈنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50 ماددىلىق يىڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ماددىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئىسلامنى سوتسيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خەلقىمىزنى دىنى ئەركىنلىكتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىشتەك بىر شۇملۇقنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلغان ۋە 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئىتىبارەن رەسمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان.

    بۇ يېڭى قانۇندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق، چۈمبەل ۋە ساقال – بۇرۇت قاتارلىق ئىسلامىي كېيىم – كېچەك ۋە قىياپەت كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىردەك جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقان (ئەخلاقسىز) تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈشنى ۋە رادىئولىرىنى ئاڭلاشنى رەت قىلىش، گېزىت - ژۇرناللىرىنى ئوقۇماسلىقمۇ جازالاش كېرەكلىك ئېغىر جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

    توي قىلىش ۋە ئاجىرىشىش ئىشلىرىدا ياكى ئۆلۈم ۋە مىراس ئىشلىرىدا دىنىي يوليورۇق بويىچە ئىش قىلغانلارنىڭ ئاشقۇن دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقانلار قاتارىدا جازالىنىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

خىتايلار بىلەن تۇغقانلىشىشنى ۋە خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاشنى رەت قىلىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، ئىسلامغا تەۋە ھەرقانداق ماتېرىيالنى تارقىتىش، سېتىش، ئۆگىتىش، نەشىر قىلىش ياكى نەشىرىيات ۋاستىلىرىنى ساقلاش ئېغىر جىنايەت بولۇپ بەلگىلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسلامغا ۋە نورمال مۇسۇلمانچىلىققا ئۇرۇش ئېچىۋاتقان بۇ ۋەھشىيانە قانۇن - پىرىنسىپلارنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

    بىز شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر قايسى نوپۇزلۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى دېپلوماتىك ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان، ئىسانىيەتكە زىت بۇ قانۇن - پىرىنسىپلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە  ۋە بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمىز.

   شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى