ماقالىلار

ئىسرا ۋە مىراج ھەققىدىكى سەپسەتىگە رەددىيە

2023-03-15
A-
A+

ئىسرا ۋە مىراج ھەققىدىكى سەپسەتىگە رەددىيە

 

كۈنىمىزدە ھەدىس ئىنكارچىلىرى دەپ تونۇلغان قۇرئان ئىنكارچلىرى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان سەپسەتىلەردىن بىرى ئىسرا ۋە مىراجنى ئىنكار قىلىشتۇر. مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ ھەقىقەتنى بىلىشى ۋە ئىنكارچىلارنىڭ يالغان سەپسەتىلىرىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەزكۇر سەپسەتىگە تەپسىلىي رەددىيە بېرىمىز.

 

1_ ئىسرا ۋە مىراج قۇرئاندا يوق:

 

بۇ ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان قۇرۇق سەپسەتە بولۇپ، بۇنى قۇرئان كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر دەرىجىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر قەتئىي رەت قىلىدۇ.

ئىسرا: لۇغەتتە كېچە يول مېڭىش دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ بارغانلىقى مەقسەد قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىسرا سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ﴿سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَى بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِّنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ البَصِير﴾ ﴿قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتەيلى دەپ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

مانا بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر كېچىدە مەككىدىكى مەسجىدى ھەرەمدىن پەلەستىندىكى مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلغان. بۇ ئايەتنىڭ ئالدىدا ئاجىز قالغان ئىنكارچى: مەسجىدى ئەقسا پەلەستىندىكى مەسجىد ئەمەس، چۈنكى ئۇ چاغدا پەلەستىندىكى مەسجىدى ئەقسا يوق ئىدى. ئۇ يەردىكى مەسجىد ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەلەستىننى ئالغاندىن كېيىن بىنا قىلىنغان. ئايەتتىكى مەسجىدى ئەقسا (يىراق مەسجىد) دېگەن بولۇپ، مەككىدىكى يىراق بىر مىچىتكە ئېلىپ بارغان دەپ جۆيلىگەن. بۇ مەزكۇر ئىنكارچىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ بىلمەيدىغان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەسىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

قۇرئان كەرىمدە كەلگەن مەسجىد سۆزىنىڭ مەنىسى سەجدە قىلىدىغان جاي دېگەن بولۇپ، بۈگۈنكى بىز مەسجىد دەپ ئاتايدىغان تۆت تامنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان كىچىككىنە مەسجىد مەقسەد ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بۇگۈنكى مەسجىدى ھەرەم دەپ ئاتالغان مەسجىدمۇ يوق ئىدى. پەقەت كەبە بار ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپى كەڭ تاۋاپ قىلىدىغان مەيدان ئەتراپىدا ئۆيلەر بار ئىدى. كېيىنكى مۇسۇلمان خەلىپىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىنى تام بىلەن ئىھاتە قىلغان. شۇڭا مەسجىدى ھەرەم دېگەن سۆز بۈگۈنكى كەبىنى چۆرىدەپ سېلىنغان مەسجىدنى ئەمەس بەلكى ھەرەم رايونىنىڭ ھەممىنى ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى مەككە شەھىرىنىڭ ھەممىسى مەسجىدى ھەرەمدۇر. مەسجىدى ئەقسا دېگەن پەلەستىننىڭ قۇددۇس شەھىرىگە جايلاشقان چوڭ بىر يەرنىڭ ئىسمى. ئۇ يەردە ھازىر ئىنسانلار خاتا بىر شەكىلدە مەسجىدى ئەقسا دەپ ئاتايدىغان مەسجىدى سەخرە ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەلەستىننى ئالغاندا ناماز ئوقۇغان يەرگە سېلىنغان مەسجىدى قىبلە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارغاندا بۇراقنى باغلىغان، بۈگۈن يەھۇدىلار "يىغلاش تېمى" دەپ ئاتايدىغان بۇراق تېمى ۋە باشقا نۇرغۇن ئاسار ئەتىقىلەر بار. دېمەك، يۇقىرىقى ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ئەقسا دەپ ئاتىلىدىغان ئاشۇ كاتتا جايغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.  

مىراجغا كەلسەك، ئۇ يۇقىرىغا ئۆرلەش دېگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ ئۇ يەردە نۇرغۇن غەيب نەرسىلەرنى كۆرسەتكەلىكىدۇر. نەجم سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىدىن 18- ئايىتىغىچە بولغان ئايەتلەردە بۇ ۋەقەنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالنَّجْمِ إِذا هَوى ۞ مَا ضَلَّ صاحِبُكُمْ وَما غَوى ۞ وَما يَنْطِقُ عَنِ الْهَوى ۞ إِنْ هُوَ إِلاَّ وَحْيٌ يُوحَى ۞ عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوى ۞ ذُو مِرَّةٍ فَاسْتَوى ۞ وَهُوَ بِالْأُفُقِ الْأَعْلى ۞ ثُمَّ دَنا فَتَدَلَّى ۞ فَكانَ قابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنى ۞ فَأَوْحى إِلى عَبْدِهِ مَا أَوْحى ۞ مَا كَذَبَ الْفُؤادُ مَا رَأى ۞ أَفَتُمارُونَهُ عَلى مَا يَرى ۞ وَلَقَدْ رَآهُ نَزْلَةً أُخْرى ۞ عِنْدَ سِدْرَةِ الْمُنْتَهى ۞ عِنْدَها جَنَّةُ الْمَأْوى ۞ إِذْ يَغْشَى السِّدْرَةَ مَا يَغْشى ۞ مَا زاغَ الْبَصَرُ وَما طَغَى ۞ لَقَدْ رَأى مِنْ آياتِ رَبِّهِ الْكُبْرى﴾ ﴿ساقىغان ۋاقىتتىكى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئازمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى، ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ (دىن توغرىسىدا ئېيتقانلىرى) پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر . ۋەھيىنى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىل) ئۆگەتتى .ئۇ مۇكەممەل يارىتىلىشقا ئىگە بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى .ئاندىن ئۇ ئاستا _ ئاستا پەسلەپ (مۇھەممەدكە) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق ئارىلىق قالغۇچە يېقىنلاشتى . ئاندىن ئاللاھ بەندىسى (مۇھەممەد) گە قىلىدىغان ۋەھيىنى قىلدى .ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى .(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاش _ تارتىش قىلىشامسىلەر؟ شەكسىزكى، ئۇ (مۇھەممەد) جىبرىلنى يېنىدا جەننەتۇلمەئۋا ئورۇن ئالغان سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ قېشىدا ئىككىنچى قېتىم (ئۆز شەكلىدە) كۆردى .ئۇ چاغدا سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئاجايىباتلار) قاپلىغان ئىدى . (مۇھەممەدنىڭ) كۆزى (ئوڭ – سولغا) قېيىپ كەتمىدى، (كۆرۈشكە بۇيرۇلغان شەيئىلەردىن) ئۆتۈپمۇ كەتمىدى. شەكسىزكى، ئۇ رەببىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالامەتلەردىن بىر قىسمىنى كۆردى.

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىكى ﴿(مۇھەممەدنىڭ) كۆزى (ئوڭ – سولغا) قېيىپ كەتمىدى، (كۆرۈشكە بۇيرۇلغان شەيئىلەردىن) ئۆتۈپمۇ كەتمىدى.﴾ دېگەن ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئاسمانلاردا كۆرگەن ئاجايىب نەرسىلەردىن بۇرۇلۇپ كەتمىگەنلىكىنى، بەلكى كۆرگەن نەرسىلەرنى جەزمىيلىك بىلەن كۆرۈپ ئېسىدە چىڭ تۇتقانلىقىنى. ﴿شەكسىزكى، ئۇ رەببىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالامەتلەردىن بىر قىسمىنى كۆردى. دېگەن ئايەت ئاسمانلارنى، جەننەتنى، دوزاخنى، پەرىشتىلەرنى، پەيغەمبەرلەرنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئالامەتلەرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.   

مانا بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئومۇمىي شەكىلدە بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىراجدىن قايتقاندىن كېيىن مەسجىدى ئەقسادا ۋە ئاسماندا كۆرگەنلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ بايانلىرى مۇتەۋاتىر دەرىجىدە نەقىل قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بارغانلىقى، ئۇ يەردىن ئاسمانغا چىققانلىقى ۋە ئاسماندا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەنلىرىدە شەك قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى ﴿ ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ (دىن توغرىسىدا ئېيتقانلىرى) پەقەتلا ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر ۋە ﴿ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى دەپ تەكىتلىگەن. مۇشۇنداق قەتئىي شەكىلدە سابىت بولغان مۆجىزىنى ئىنكار قىلغان ئىنكارچى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭ مىراجغا چىققانلىقىغا ئىشەنمىگەن مۇشرىكنىڭ نېمە پەرقى بار؟

 

2_ ئىسرا ۋە مىراج پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدە بولغان:

 

ئىسرا ۋە مىراجنىڭ دەلىللىرى ئالدىدا ئاجىز قالغان ۋە ئۇنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغان ئىنكارچى: ئىسرا ۋە مىراج پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدە بولغان، دېگەن ئىددىئانى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭغا مۇنۇ ئىككى ئايەتنى دەلىل قىلىدۇ:

ئىسرا سۈرىسىنىڭ 93- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَوْ يَكُونَ لَكَ بَيْتٌ مِّن زُخْرُفٍ أَوْ تَرْقَى فِي السَّمَاء وَلَن نُّؤْمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّى تُنَزِّلَ عَلَيْنَا كِتَابًا نَّقْرَؤُهُ قُلْ سُبْحَانَ رَبِّي هَلْ كُنتُ إَلاَّ بَشَرًا رَّسُولا﴾ ﴿ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولمىغۇچە، ياكى سەن ئاسمانغا چىقمىغۇچە، تاكى (ئاللاھ تەرىپىدىن سېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز». (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «رەببىم پاكتۇر، مەن پەقەت بىر ئىنسان پەيغەمبەرمەن.

ئۇلارنىڭ گۇمانىچە بۇ ئايەت مىراجنىڭ ئىمكانسىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرا ۋە مىراج پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدە بولغان.

يەنە ئىسرا سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذْ قُلْنَا لَكَ إِنَّ رَبَّكَ أَحَاطَ بِٱلنَّاسِ ۚ وَمَا جَعَلْنَا ٱلرُّءْيَا ٱلَّتِىٓ أَرَيْنَـٰكَ إِلَّا فِتْنَةً لِّلنَّاسِ وَٱلشَّجَرَةَ ٱلْمَلْعُونَةَ فِى ٱلْقُرْءَانِ﴾ ﴿(ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا «رەببىڭ ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن) قورشاپ تۇرىدۇ» دەپ ئېيتقان ئىدۇق. بىز ساڭا (مىراج كېچىسى) كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخ (زەققۇم دەرىخى)نى پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن سىناق قىلدۇق.  بۇ ئايەتتىكى «كۆرۈش (رۇئيا)» سۆزى چۈشىدە كۆرۈشنى ئىپادىلەيدۇ، دەيدۇ.

بۇمۇ پۇتتىرەپ تۇرالمايدىغان، ئاساسى يوق ئىددىئا بولۇپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىمىز:

ئالدى بىلەن ئىسرا-مىراج پەيغەمبىرىمىزنىڭ چۈشىدە بولغان دېگۈچىلەرنىڭ دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن ئىككى ئايەت ئۈستىدە توختىلايلى:

بىرىنچى ئايەتتە ئۇلارغا دەلىل بولىدىغان بىر نەرسە يوق. چۈنكى ئۇ ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تەلەپ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ئاخىرى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋاب تىلغان ئېلىنغان. باشتىكى ئايەتلەرنى ئوقۇساق مەككىدىكى مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلغان:

1-         سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغۇچە،

2-         سېنىڭ خورما، ئۈزۈملەر ئۆسكەن ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولمىغۇچە،

3-         ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە-پارچە قىلىپ چۈشۈرمىگۈچە،

4-         راستچىللىقىڭغا گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرمىگۈچە،

5-         سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولمىغۇچە،

6-         ئاسمانغا ئۆرلەپ چىقمىغۇچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز.

7-         ئاسماندىن سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭ يېزىلغان، بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتاپ ئېلىپ چۈشمىگۈچە ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ تەلەپلەرنىڭ ھەممىگە مۇنداق جاۋاب بېرىشنى بۇيرۇغان: ﴿رەببىم پاكتۇر، مەن پەقەت بىر ئىنسان پەيغەمبەرمەن.

بۇ جاۋابتىكى ﴿رەببىم پاكتۇر. دېگەن سۆز مۇشرىكلارنى ئاللاھ بىلەن پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن، دېگەن تەلىۋىگە جاۋاب. يەنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئوخشاش بىراۋنىڭ ئالدىغان كېلىش-كېتىشتىن پاك ۋە مۇنەززەھتۇر. ھېچكىمنىڭ ئاللاھنى ئالدىمغا كېلىپ جاۋاب بەرگىن دەيدىغان ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر.

﴿مەن پەقەت بىر ئىنسان پەيغەمبەرمەن. دېگەن مۇشرىكلارنىڭ قالغان تەلەپلىرىگە بېرىلگەن جاۋاب بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسان ۋە پەيغەمبەر سۆزى ئىشلىتىلگەن. مەن بىر ئىنسان، دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇنداق ئىشلارنى قىلىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، مەن ئۆزلىگىمدىن تەبىئەت ئۈستى ئىشلارنى قىلالمايمەن، دېگەن بولىدۇ. مەن پەيغەمبەر، دېگەننىڭ مەنىسى: مەن سېھىرگەر ياكى يالغاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان بىرى ئەمەس، مەن ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەق پەيغەمبەر، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن سىلەرنى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىمەن، دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەت ئىسرا ۋە مىراجنى رەت قىلمايدۇ، بەلكى بۇنداق ئىشلارنىڭ ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىشىنى رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن ئۆز كۈچۈم بىلەن بىر كېچىدە مەسجىدى ئەقساغا بېرىپ، ئۇ يەردىن ئاسمانغا چىقىپ چۈشتۈم، دېگەن بولسا، ئۇنىڭ سۆزى بۇ ئايەتكە زىت كېلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز كۈچى بىلەن مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا بارغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىن ئاسمانغا چىققانلىقىنى دەۋا قىلمىدى، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېنىق ئېيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمانغا چىقىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، دېگەن سۆز ئىسرا ۋە مىراجنى رەت قىلمايدۇ.

ئىككىنچى ئايەتكە كەلسەك، ئۇنىڭدىمۇ ئىسرا-مىراجنى رەت قىلىدىغان بىر نەرسە يوق. چۈنكى ئايەتتە كەلگەن «كۆرۈش (رۇئيا)» سۆزى ئەرەبچىدە ئۇيقىدا چۈش كۆرگەنگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، ئويغاقلىقتا كۆز بىلەن كۆرگەنگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋە باشقا مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتتىكى «كۆرۈش (رۇئيا)» نى ئويغاقلىقتا كۆزى بىلەن كۆرۈشتۇر، دېگەن. بۇ ئايەتتتىكى «كۆرۈش (رۇئيا)» نى ئۇيقىدا كۆرگەن چۈش، دەپ تەپسىر قىلغان ئالىملار بۇ چۈشنى ئىسرا-مىراج دېمىگەن، بەلكى بەدرى غازىتىدا قۇرەيشلەر بىلەن بولىدىغان جەڭنى ۋە ئۇنىڭدا مۇشرىكلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرگەن دېسە، يەنە بەزى مۇپەسسىرلەر: ھۇدەيبىيە يىلى مەككىگە كىرگەنلىكىنى كۆرگەن دېگەن.

ئەمدى ئىسرا ۋە مىراجنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدە ئەمەس، ئوڭىدا-ئويغاق ھالەتتە بولغانلىقىنىڭ دەلىلىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى:

1_ ئاللاھ تائالا ئىسرا سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىدە مۇنداق دېدى: ﴿قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتەيلى دەپ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

بۇ ئايەتتىكى «عبدە (بەندىسىنى)» دېگەن سۆز ئىسرا ۋە مىراجنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدە ئەمەس، ئوڭىدا ئويغاق ھالەتتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە «عبد (بەندە)» دېگەن سۆز بىر ئىش بىلەن مۇكەللەپ بولغان كىشىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇخلاپ قالغان كىشى مۇكەللەپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا «عبد (بەندە)» دېيىلمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى كۆپ. مەسىلەن: كەھف سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَنزَلَ عَلَى عَبْدِهِ الْكِتَابَ وَلَمْ يَجْعَل لَّهُ عِوَجَا ﴿جېمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، بەندىسىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى.

2_ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىراجدا قۇدرەتلىرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئايەتلەردە يەنە «عبد (بەندە)» سۆزىنى ئىشلەتكەن. نەجم سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ فَأَوْحى إِلى عَبْدِهِ مَا أَوْحى ﴾ ﴿ئاندىن ئاللاھ بەندىسى (مۇھەممەد) گە قىلىدىغان ۋەھيىنى قىلدى بۇ ئايەتمۇ مىراجنىڭ چۈشىدە ئەمەس ئويغاق ھالەتتە بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

3_ ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسرا ۋە مىراجغا چۈشىدە چىققان بولسا ئىدى، ئۇنى كىشىلەرگەن بايان قىلغاندا، ئەبۇ جېھىل قاتارلىق مۇشرىكلار قارشى چىقمىغان بولاتتى. چۈنكى ھەرقانداق ئىنسان چۈشىدە ئاسماندا ئۇچۇپ چۈشەيدۇ ۋە ھەرخىل ئىشلارنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىر چۈش، ھەقىقەت ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە بىر نەچچە مىنۇتتا بەلكى بىر نەچچە سىكۇنتتا مەككىدىن پەلەستىنگە بېرىشى ئىمكانسىز ئەمەس. چۈنكى ئۇ بىر مۆجىزە بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن بولغان. ئاللاھ تائالانىڭ ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشنى خالىسا "بول" دېيىشى بىلەن ئۇ ئىش بولىدىغان قۇدرىتى ئالدىدا يىراق-يېقىننىڭ پەرقى يوقتۇر. بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئاتېئىست ئىنكار قىلمىسا، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە ئىشىنىدىغان بىرى ئىنكار قىلمايدۇ.

ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتەيلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدى ئەقسادىن ئاسمانغا ئىشەك بىلەن چىققان ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن ئېلىپ چۈشكەن بۇراق بىلەن چىققان. بۇراقنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشەكتىن چوڭ، قىچىردىن كىچىكرەك بىر ئۇلاغ بولغانلىقىنى تەرىپلەپ بەرگەن.

دېمەك، ئىسرا ۋە مىراج قۇرئان كەرىمدە زىكرى قىلغان ۋە مۇتەۋاتىر دەرىجىلىك سەھىھ ھەدىسلەردە تەپسىيلاتى بايان قىلىنغان مۆجىزە بولۇپ، ئەقلى ھۇشى جايىدا ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان ئۇنى ئىنكار قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنى ئىنكار قىلىش ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە قۇرئان كەرىمنى يالغانغا چىقارغانلىق بولىدۇ.

يازغۇچى: ئابدۇلئەھەد ھاپىز