ماقالىلار

كىتاب روھنىڭ غىزاسى، ئىلىم _ مەرىپەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر

2018-08-31
A-
A+

 كىتاب روھنىڭ غىزاسى، ئىلىم _ مەرىپەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر

 مۇھەممەد يۈسۈپ

كىتاب ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دائىم كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىغانلار بىلەن كىتاب ئوقۇمايدىغانلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەنىۋى ساپا پەرقى بولىدۇ. كىتاب ئوقۇغانلارنىڭ ئەقىل بۇلىقى ئېچىلىدۇ. كىتاب ئوقۇمايدىغانلارنىڭ تەپەككۇرى قاتمال، پىكرى تېيىز، چېچىلاڭغۇ، تۇراقسىز بولىدۇ. ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى بايقىيالمايدۇ. كىتاب ئوقۇش _ ئوقۇماسلىق ئادەمنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئادەمدە ئىلغار پىسخىك ئامىللار كۆپ بولىدۇ. كىتاب ئوقۇمايدىغانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان مىللەتنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىدا ناچار ئامىللار _ نادانلىق، قالاقلىق، خۇراپاتلىق، بېكىنمىچىلىك، قاششاقلىق، دورامچىلىق، شۆھرەتپەرەسلىك ئېغىر بولىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى سەلمان ئەۋدە مۇنداق دەيدۇ: «كىتاب ئوقۇش باشقىلارنىڭ ئەقلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە جاپاسىز بىر ساياھەتتۇر». يەنە بىر ئالىم كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئەقىل ئوقۇشتىن توختاپ قالغىنىدا، ئۇنىڭ ئۆسۈشىمۇ توختايدۇ. قانچىلىك كۆپ ئوقۇسىڭىز ئەقلىڭىز شۇنچىلىك ئاشىدۇ. دۇنيادا شۇنداق ئىنسانلار باركى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ ئەقلى بىر خىل تۇرىدۇ، ئاشمايدۇ، ئۆسمەيدۇ. ئۇلار بىر قانچە يىلدىن كېيىنمۇ شۇ پېتى تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئوقۇشتىن توختاش بىلەن ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە چۈشىنىش قاناللىرى تاقىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئەقلىمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالغان. مۇنداقلاردىن بىرى 40 يىلدىن بىرى بىلىدىغان بىرەر كۇپلېت شېئىر ياكى بىرەر ھېكمەتلىك سۆزنى تەكرارلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ شۇنىڭدىن باشقا دەسمايىسى يوق. ئوقۇش _ مەرىپەتتۇر. مەرىپەت ھاياتلىقنى ئايدىڭلىتىدىغان چىراقتۇر».

«كىتابخانىسىنى توپا باسقان مىللەتنىڭ كەلگۈسى قەبرىستانلىققا ئوخشايدۇ» دەپتىكەن بۇرۇنقىلار.