ماقالىلار

پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ غايىلىرى

2024-02-29
A-
A+
 
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
 

پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ  غايىلىرى

ئابدۇلئەھەد ھاپىز

   ئاللاھ تائالا بۇ ئالەمنى بىھۇدە ياراتمىغاندەك، ئىنساننىمۇ مەقسەت ۋە غايىسىز ياراتقان ئەمەس. ئىنسانلارنى يارىتىلىش غايىسىگە ئۇيغۇن ھايات كەچۈرىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئالاھىدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلگەن، مەيلى پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى مەيلى كېيىن ھاياتىنىڭ ھېچبىر باسقۇچىدا يامان قىلىق ۋە ناچار ئىشلارنى قىلمىغان، ئۇنى تونۇيدىغان بارلىق ئىنسانلار ئۇنى ياخشى كشى دەپ تونۇيدىغان، سەرخىل زاتلاردۇر. پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى بولغان پەيغەمبىرىمىز جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى قەۋمى ئىچىدە «راسچىل ۋە ئىشەنچلىك» دەپ تونۇلغان زات ئىدى. كېلىشى ۋە كېتىشى ھەقىقەت ئۈستىدە بولغان بۇ پەيغەمبەرلەر جۈملىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەن ۋە ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشنىڭ غايىسى نېمە؟

پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ غايىلىرى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكى بەش نەرسىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1.        قۇلچىلىقنى ئۆگىتىش.

2.        تەبلىغ قىلىش.

3.        باھانە ئىشىكىنى ئېتىش.

4.        ياخشى ئۈلگە بولۇش.

5.        دۇنيا-ئاخىرەت تەڭپۇڭلۇقى بەرپا قىلىش. 

 

بىرىنچى غايە: قۇلچىلىقنى ئۆگىتىش:

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىش غايىسى،  ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش غايىسى بىلەن بىرلىشىدۇ . ئۇ  بولسىمۇ  ئاللاھ تائالاغا قۇل بولۇپ، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە توسقانلىرىنى تەرك ئېتىشتۇر. بۇنى قىسقىچە «ئىبادەت قىلىش» دەيمىز. ئاللاھ  تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى غايىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ﴾ ﴿ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.﴾[1]

دېمەك، بىزنىڭ يارىتىلىش غايىمىز  يەپ-ئىچىش ، مال-مۈلۈك ۋە خوتون-بالا ساھىبى بولۇش ئەمەس. بۇلار بىزنىڭ تەبىئىي ئىھتىياجلىرىمىز.  بىزنىڭ يارىتىلىش غايىمىز، ياراتقۇچىمىز ۋە ئېگىمىز ئۇلۇغ ئاللاھنى تونوپ، ئۇنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا قۇلچىلىق قىلىشتۇر. پەيغەمبەرلەر بىزگە مانا مۇشۇ غايىنى ئۆگىتىش ۋە قۇلچىلىقنىڭ يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ﴾ ﴿(ئى پەيغەمبىرىم!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە: «مەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.﴾[2] ﴿وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَسُولًا أَنِ اُعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ فَمِنْهُمْ مَنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُمْ مَنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ﴾ ﴿بىز ھەقىقەتەن ھەربىر ئۈممەتكە: «ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، ساختا ئىلاھلاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن  ئاللاھ  ھېدايەت قىلغانلارمۇ بار، ئازغۇنلۇققا تېگىشلىك بولغانلارمۇ بار. سىلەر يەر يۈزىدە كېزىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار.﴾[3]

  مانا بۇ ئىككى ئايەتتە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىش غايىسىنىڭ ئىنسانلارنى بۇتلارغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ساختا خۇدالارغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق-ئىبادەت قىلىش يولىنى كۆرسىتىش ۋە بۇ يولدا ئۇلارغا ئۈلگە بولۇش ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئالەمگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلىشى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ھەم ئىنسان ھەم جىنلارغا ئاللاھقا قۇلچىلىق يولىنى كۆرسىتىش ۋەزىپىسى بېرىلگەنلىكىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بېشىدىن ئۆتكەن بىر ۋەقەنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە بىر يەرگە باردۇق، رەسۇلۇللاھ مېنىڭ ئەتراپىمغا بىر سىزىق سىزغاندىن كېيىن: <بۇ سىزىقنىڭ تېشىغا چىقمىغىن> دەپ، تاپىلاپ مەندىن يىراقلاشتى. كېيىن مەن غەلۋە-غۇدۇر ۋە گۈلدۈرلەش ئاۋازلىرىنى ئاڭلاشقا باشلىدىم. رەسۇلۇللاھقا بىر ئىش بولدىمىكىن دەپ، بەك ئەنسىرىدىم. لېكىن ماڭا بۇ سىزىقتىن ئۆتمەسلىكىمنى تەنبىھلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇرغان يېرىمدىن مىدىرلىمىدىم. بىر مۇددەتتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ قايتىپ كەلدى. ئاڭلىغان گۆلدۈرلەش ئاۋازلىرىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ: <يا رەسۇلەللاھ ! ئۇ ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرلەشلەر نېمە ئىدى؟> دېدىم.  رەسۇلۇللاھ جاۋاپ بىرىپ: <جىنلاردىن بىر گوروھ ماڭا ئىمان كەلتۈرۈپ بەيئەت قىلدى. ئاندىن جىنلار ئوتتۇرىسىدا مۇنازىرىلەر باشلاندى، ئىمان كەلتۈرگەنلەر بىلەن ئىمان كەلتۈرمىگەنلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشتى. سەن ئاڭلىغان ئاۋازلار ئەنە شۇلارنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ماڭا ۋاپاتىم خەۋەر بېرىلدى> دېدى.»[4] "

   رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى، مېنىڭ ئەۋەتىلىش غايەم ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىش ئىدى. جىنلار ئىمان كەلتۈرگەن ئىكەن، مېنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىپەم تۈگىدى، دۇنيادىن ئايرىلىپ كېتىدىغان ۋاقتىم كەلدى دېگەنلىكتۇر.

 رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مانا مۇشۇنداق ئويلايتتى ۋە ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەرلىكنىڭ غايە ۋە نىشانلىرىغا ئائىت سىرلارنى بايان قىلاتتى. ئەسلىدە ئۇ بىزلەرگىمۇ دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنىڭ بىرىنى تاللاش ھەققىدە مۇنداق بىر دۇئا ئۆگەتكەن ئىدى: «ئى رەببىم! ياشاش مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا مېنى ياشاتقىن، ئەگەر ۋاپات بولۇش مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا، مېنىڭ جېنىمنى ئالغىن».[5]

  

ئىككىنچى غايە: تەبلىغ

  پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىش غايىلىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ دىنىنى تەبلىغ قىلىش-ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. ئەگەر پەيغەمبەرلەر كەلمىگەن بولسا، بىز ئىبادەتلەرگە ئائىت مەسىلىلەرنى بىلەلمەيتتۇق، ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمەنلىرىنى ئالالمايتتۇق ۋە ۋەزىپىمىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلالمايتتۇق. ناماز، روزا، زاكات، ھەجگە ئوخشاش ئىبادەتلەر قانداق ئورۇندىلىدۇ؟ ھاراق، قىمار، زىنا ۋە جازانىگە ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟ بىلەلمەيتتۇق . مانا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى پەيغەمبەلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆگەندۇق. بۇنى قىسقىچە: «رىسالەت ۋەزىپىسى» دەپ ئاتايمىز. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر بىرلا دىننى ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ شەرىئەتلىرىدە شاخچە مەسىلىلەردىكى ھۆكۈملىرىدە پەرق بولسىمۇ، دىننىڭ ئەسلى بولغان تەۋھىد ئەقىدىسى بىردۇر.  ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇ ئومومىي غايىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿الَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَالَاتِ اللَّهِ وَيَخْشَوْنَهُ وَلَا يَخْشَوْنَ أَحَدًا إِلَّا اللَّهَ وَكَفَى بِاللَّهِ حَسِيبًا﴾﴿ئۇلار ( پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ھېساب ئېلىشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.﴾[6]

   پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغان نېمە ۋە كىم بولسا بولسۇن، ئۇلارغا زەررىچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ھىچكىمدىن قورقمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خىتاپ قىلىپ  مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ وَإِنْ لَمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ..﴾ ﴿ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەبلىغ قىلغىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ،   ئاللاھ  تاپشۇرغان ۋەزىپىى ئادا قىلمىغان بولىسەن، ئاللاھ  سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ..﴾[7] يەنى ئەگەر سەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىشتا كەمچىلىك قىلساڭ، بۇ پەقەت ئۆزەڭگىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشتا كەمچىلىك قىلغان بولىسەن. چۈنكى سېنىڭ تەبلىغ ۋەزىپەڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بىشارەت بېرىشتۇر. سەن ۋەزىپىنى ئاقساتساڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت زالالەت قاراڭغۇلىقىدا قالىدۇ، دېگەنلىكتۇر.

 

ئۈچىنچى غايە: باھانە ئىشىكىنى ئېتىش

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىش غايىلىرىدىن يەنە بىرى، ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنى "بىز بىلمەپتىمىز، بىزنى بۇ كۈننىڭ ئەھۋالىدىن ئاگەھلاندۇرىدىغان بىر كىشى كەلمىگەن" دېگەندەك باھانە كۆرسىتىش يولىنى ئېتىشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿رُسُلًا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا﴾ ﴿ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇقكى، ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەردىن كېيىن ئاللاھ ئالدىدا باھانىلىرى قالمىسۇن.  ئاللاھ  غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.﴾[8]

 پەيغەمبەرلەر ئادەتتىكى ئىنسانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار يارىتىلىشتىن تارتىپ ئالاھىدە ئىستىداتلار بىلەن يارىتىلغان. ئۇلارنىڭ ھاياتى سۆزلىگەن ۋە تەبلىغ قىلغانلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، سۆزىگە زىت كېلىدىغان ھېچقانداق بىر ھەرىكىتى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى تەسىرلىك، ھەرقانداق ئادەمنى قايىل قىلالايدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا بېكىتكەن تەبىئەت قانۇنلىرىدىن بەزىلىرى بەزىدە ئىشلىمەيدۇ، بەزىدە ئۆزگىرىدۇ. بۇنى «مۆجىزە» دەيمىز. ھەربىر پەيغەمبەر كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش ۋە ئىشەنمىگەنلەرنىڭ باھانىلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن.

  بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭمۇ نۇرغۇن مۆجىزىلىرى بار. باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆردى ياكى ئاڭلىدى. پەيغەمبىرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ مۆجىزىلەر تارىخ بولۇپ قالدى. ئەمما بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى ھازىرمۇ كۆرمەكتىمىز ۋە قىيامەتكىچە كېلىدىغان ئۈممەتلەر كۆرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم "ماڭا پەيغەمبەر كەلمىدى، ئەگەر پەيغەمبەر كەلگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم" دەپ باھانە كۆرسىتىشكە يول يوقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولًا﴾ ﴿بىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ ئازاپ قىلغۇچى ئەمەسمىز.﴾[9]

 دېمەك، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى كاپىر ۋە ئاسىيلارنى ئازابلىسا، ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىق بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئازابقا ھەقلىق بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

 

تۆتىنچى غايە: ياخشى ئۈلگە:

  ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىشىنىڭ غايىلىرىدىن بىرى ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىگە ياخشى ئۈلگە بولۇشىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أُولَئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهِ﴾ ﴿ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن...﴾[10] ئويلاپ باقايلىكى، بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشكە ئەمر قىلىنماقتا.

 قۇرئان كەرىم بىزگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا﴾ ﴿سىلەرگە ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.﴾[11] پەيغەمبەرلەر بىز ئۈچۈن بىر يولباشچى ۋە رەھبەردۇر. نامازدا ئىمامغا ئەگەشكەندەك، ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىمىز. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر بىزگە ھەقىقىي ھايات يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ياشىغان مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قەدەممۇ قەدەم ئەگىشەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەر جانابى  رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلىدا مۇنداق مەدھىيلەنگەن: «ئىنسانلارنىڭ بېشىغا شۇنداق بىر زامان كېلىدۇ، ئىنسانلاردىن بىر جامائەت غازاتقا چىقىدۇ، ئۇلارغا ئاراڭلاردا رەسۇلۇللاھنى كۆرگەنلەر بارمۇ؟ دېيىلىدۇ، ئۇلار بار دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا فەتىھ (غەلىبە) مۇيەسسەر قىلىنىدۇ. كېيىن ئىنسانلاردىن باشقا بىر جامائەت غازات قىلىدۇ. ئۇلارغا ئاراڭلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرەسىنى كۆرگەنلەر (تابىئىنلار) بارمۇ دەپ سورىلىدۇ، ئۇلار بار، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا فەتىھ مۇيەسسەر قىلىنىدۇ. كېيىن يەنە بىر جامائەت غازات قىلىدۇ. ئۇلارغا ئاراڭلاردا  تابىئىنلارنى كۆرگەن كىشى بارمۇ دېيىلىدۇ. ئۇلار بار دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇلارغىمۇ فەتىھ مۇيەسسسەر قىلىنىدۇ».[12] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ ئەسىرىمدە مەن بىلەن بىرگە ياشىغانلاردۇر. ئۇنىڭدىن قالسا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەنلەر (ساھابىلار بىلەن ياشىغانلار)، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر( تابىئىيلار بىلەن ياشىغانلار) دۇر.»[13]

 رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسلىرىدە ئۆزىگە يېقىن بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاياتىنى، ھېسسىياتلىرىنى ۋە پىكىرلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا، ھېسسىياتلىرىغا ۋە پىكىرلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىش قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئۈلگە قىلىپ بۇ مۇبارەك زاتقا ئوخشاش ياشاش مۇسۇلمانلارنىڭ غايىسى بولۇشى لازىم ئىدى، ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولدى.

 ساھابە كىراملار تابىئىنلار ۋە تەبئى تابىئىنلار (تابىئىنلار بىلەن ياشىغانلار) بۇ مەسىلىدە باشقىلارغا كۆرە ناھايىتى سەزگۈر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشقا ئەسىرلەردىكى مۇسۇلمانلاردىن ئەۋزەلدۇر. شۇنداق، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ ئەگىشىشتە شۇنداق بىر مەرتىۋىگە يەتكەنكى، ئۇنىڭ ئازراق يوقىرىسىدا پەيغەمبەرلىك دەرىجىسى بار. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى: ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە ئۈلگە ۋە رەھبەر قىلىپ بارلىق ھاياتى بويىچە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياشىغان ئىدى. ئۇ ھاياتىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات تەرزى بىلەن بېزىگەن ناھايىتى تەقۋادار بىر زاتتۇر.

رىمنىڭ بىزىنتىيە دەرۋازىلىرى ئاخىرغىچە ئېچىلىپ، دۆلەتلەر، ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭغا تەۋە بولۇشنى قوبول قىلغاندىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغان، قۇددۇس شەھىرى ئۇنىڭ دەۋرىدە ئازاد قىلىنغان ئىدى. مۇسۇلمانلار قۇددۇسنى ئەمەلىيەتتە ئازاد قىلىپ بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەردىكى خىرىستىيان پوپلار: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇ شەھەرنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان سۈپەتلىك كىشىنى كۆرمىدۇق» دەپ، شەھەرنىڭ ئاچقۇچىنى بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. بۇ ئەھۋال ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يەتكۈزۈلگەندە، ئۇ قۇدۇسقا قاراپ يولغا چىقىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ مېنىدىغان ئۇلىغى يوق بەيتۇلمالدىن (دۆلەت خەزىنىسىدىن) بىر تۆگە ئۆتنە ئېلىپ خىزمەتچىسى بىلەن بىرلىكتە يولغا چىقىدۇ. يولدا كاتتا خەلىپە ئۆمەر خىزمەتچىسى بىلەن تۆگىگە تۆۋەتلىشىپ مېنىدۇ. تەقدىر ئىلاھى شەھەرگە يېقىنلاشقاندا تۆگىگە مېنىش نۆۋىتى خىزمەتچىسىگە كېلىدۇ. خىزمەتچىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماستىن تۆگىگە مېندۈرۈپ، ئۆزى تۆگىنى يېتىلەپ ماڭغان ھالدا شەھەرگە پىيادە كىرىپ كېلىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا چىققان پوپلار مۇسۇلمانلاردىن خەلىپەڭلەر قايسى؟ دەپ سورايدۇ. تۆگىنى يېتىلەپ كىلىۋاتقان كىشى خەلىپە ئۆمەر، تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىنى ئۇنىڭ خىزمەتچىسى، دەپ جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن پوپلار: «بىزنىڭ كىتابلىرىمىزدا سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان، قۇددۇس شەھىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان كىشى مانا مۇشۇ» دەپ، ئاچقۇچنى ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تاپشۇرىدۇ.

مانا مۇشۇ بۈيۈك زات ئىرانلىق خائىننىڭ زەھەر بىلەن سۇغۇرۇلغان خەنجىرى ئارقىلىق زەھەرلىنىپ، ھالسىز ھالدا ياتاتتى. يېگەن-ئىچكەنلىرى قايتىپ چىقاتتى. ئاۋازى چىقمايتتى ۋە ئەتراپىدىكى ئاۋازلارغا ئىنكاس قايتۇرمايتتى. خىزمەتچى كېلىپ تائام ياكى سۇ بېرەيمۇ؟ دەپ سورىسا يا جاۋاپ بارمەيتتى ياكى كۆز ئىشارىتى بىلەن «ياق» دەيتتى. لېكىن «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمرى! ناماز» دېيىلسە، مانا تۇردۇم، نامازنى تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ ئىسلامدىن نېسىۋىسى يوق، دېگىنىچە يارىلىرىدىن قان ئېقىۋاتقان ھالدا نامىزىنى ئادا قىلاتتى.

ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مانا مۇشۇنداق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ جانابى  رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. ئۇ پەيغەمبەرگە ئىقتىدا قىلىپ بارچە ئىشتا ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى ۋە ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولاتتى. دېمەك، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىش غايىلىرىدىن بىرى ئۈممىتىگە ياخشى ئۈلگە بولۇشتۇر.

 

بەشىنچى غايە: دۇنيا ۋە ئاخىرەت تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش:

 ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشىنىڭ غايىلىرىدىن يەنە بىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەت تەڭپۇڭلىقىنى بەرپا قىلىشتۇر.

ئىنسانلار پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەق يول بىلەن سەل قاراش ۋە ئاشۇرۇۋېتىشتىن قۇتۇلۇپ، توغرا يولنى تاپىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەق يولدا نە پوپ ۋە راھىبلارغا ئوخشاش دۇنيانى پۈتۈنلەي تەرك ئېتىپ، ئىبادەتخانىلارغا كىرىۋېلىش؛ نە بارلىقى بىلەن دۇنياغا بېرىلىپ، ئۇنىڭغا قۇل بولۇش يوقتۇر. بەلكى ھەر دائىم ئوتتۇرا يول تېپىش ۋە ئۇنى ھاياتىغا تەتبىقلاش بولۇپ، بۇ پەقەت ۋەھيىنىڭ يورۇق دۇنياسىدا قولغا كېلىدىغان بىر ئارتۇقچىلىقتۇر. ۋەھيى بولمىسا ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن بۇنداق بىر تەڭپۇڭلۇقنى بەرپا قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. قۇرۇق ئىلىم ئىنساننى ھەرگىز بۇ سەۋىيەگە چىقىرالمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ تەڭپۇڭلۇق مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ﴿وَابْتَغِ فِيمَا آَتَاكَ اللَّهُ الدَّارَ الْآَخِرَةَ وَلَا تَنْسَ نَصِيبَكَ مِنَ الدُّنْيَا وَأَحْسِنْ كَمَا أَحْسَنَ اللَّهُ إِلَيْكَ وَلَا تَبْغِ الْفَسَادَ فِي الْأَرْضِ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ﴾ ﴿ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن،  ئاللاھ  ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.﴾[14] بۇ ئىلاھىي تەڭپۇڭلۇقنىڭ بىر پەللىسىدە: ﴿وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ﴾ ﴿رەببىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن﴾ دېگەن بۇيرىقى، يەنە بىر پەللىسىدە: ﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ﴾ ﴿ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر.﴾ دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش باردۇر. دۇنيا ۋە ئاخىرەت تەڭپۇڭلىقى مانا مۇشۇ ئۆلچەملەر ئىچىدە قۇرۇلىدۇ.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا بىر پىيالە سوغۇق سۇ بېرىلدى، ئۇ سۇنى ئىچكەندىن كېيىن ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغىسى بىلەن ئەتراپتىكىلەرمۇ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ يىغلاشتىن توختاپ، ئۆزىگە كېلىپ يۈزىنى سۈرتتى. ئەتراپتىكىلەر «ئى ئەبۇ بەكرى! نېمىشكە بۇنچە يىغلاپ كەتتىڭىز؟» دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى: «بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدىم، رەسۇلۇللاھ قولى بىلەن بىر نەرسىنى ئىتتىرىپ: <مەندىن يىراق تۇر!> دېدى. مەن: <يا رەسۇلەللاھ! بىر نەرسىنى يىراقلاشتۇردىلا، لېكىن مەن ھېچنەرسە كۆرمىدىم> دېدىم. رەسۇلۇللاھ: <دۇنيا پۈتۈن زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن سۈرەتكە كىرىپ ئالدىمغا كېلىپ، ئۆزىنى ماڭا قوبول قىلدۇرماقچى بولدى. مەن يىراق تۇر دېدىم. ئۇ بىر تەرەپكە چېكىنىۋېتىپ: <ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن مەندىن قۇتۇلغىنىڭ بىلەن، سەندىن كېيىنكىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ> دېدى، دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. مەن بۇ سوغۇق سۇنى ئىچكىنىمدە، ئاشۇ ۋەقە ئېسىمگە كېلىپ، دۇنيا ماڭا ئۆزىنى قوبول قىلدۇرغانمىدۇ؟ دېگەن ئەندىشە بىلەن يىغلىدىم.»[15]

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش زاتلار ھەر تۈرلۈك راھەت پاراغەت ۋە پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە تۇرۇپ، ھەردائىم تەڭپۇڭلۇق ئىچىدىكى بىر ھاياتتا ياشىغان. چۈنكى رەھبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق ياشىغان ئىدى. بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىمىز پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىش ۋە ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ساھابە كىراملارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىمىزغا باغلىق. بىز ئۇلاردەك بولالمايمىز، دېسەك، ئۇلار ئېرىشكەن غەلىبە، نۈسرەت ۋە بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلمەيمىز.

 



[1] زاىيات سۈرىسى: 56- ئايەت.

[2] ئەنبىيا سۈرىسى: 25- ئايەت.

[3] نەھل سۈرىسى: 36- ئايەت.

[4] ئىمام تەبەرى رىۋايىتى.

[5] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[6] ئەزاب سۈرىسى: 39- ئايەت.

[7] مائىدە سۈرىسى: 67- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[8] نىسا سۈرىسى: 165- ئايەت.

[9] ئىسرا سۈرىسى: 15- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[10] ئەنئام سۈرىسى: 90- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[11] ئەھزاب سۈرىسى: 21- ئايەت.

[12] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[13] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[14] قەسەس سۈرىسى: 77- ئايەت.

[15] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.