سالامەتلىك

ئاچلىقنىڭ پايدىسى ۋە توقلۇقنىڭ زىيىنى

2020-04-25
A-
A+

ئاچلىقنىڭ پايدىسى ۋە توقلۇقنىڭ زىيىنى

ئىمام غەزالىي

 ئىمام غەزالىي «ئىھيائ ئۇلۇمۇددىن» ناملىق ئەسىرىدە ئاچلىقنىڭ پايدىلىرى ۋە توقلۇقنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بىز بۇلاردىن تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى، ئاچلىق قەلبنى ساپلاشلاشتۇرىدۇ، زېھىننى ئاچىدۇ ۋە پاراسەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.

 چۈنكى توقلۇق دۆتلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يۈرەكنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. بەلكى كىچىك بالىمۇ كۆپ يەۋەتسە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يوقاپ، زېھنى بۇلغىنىدۇ ۋە چۈشۈنۈش ۋە ئىدراك قىلىش قابىلىيتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن لوقمان ھەكىم ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغان ئىدى: «ئوغلۇم! ئاشقازان تويسا، تەپەككۇر ئۇخلايدۇ. ھېكمەت-پاراسەت گاللىشىپ، ئەزالار ئىبادەت قىلىشتىن يالتىيدۇ.»

 ئىككىنچى، قەلبنى يۇمشىتىپ، سۈزۈكلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە قەلبنىڭ قەتئىيلىكى كۈچىيىپ زېكىرنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرىدۇ. ھوزۇرى قەلب بىلەن تىلدا ساناقسىز زېكىرلەر ئېيتىلىدۇ-يۇ، ئەمما قەلب بۇنىڭدىن لەززەت ئالالمايدۇ ۋە قەلبىنىڭ قاتتىقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن گويا ئۆزى بىلەن زىكىر ئارىسىدا پەردە باردەك ھېس قىلىپ زىكىردىن كېلىدىغان تەسىرلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ. جۇنەيد ئەلبەغدادى شۇنداق ئېيتقان: «ئۇلار ئۆزى بىلەن يۈرىكى ئارىسىدا بىر خالتا تائام ئېسىپ قويۇلغاندەك بولۇپ كېتەتتى-دە، مۇناجاتلىرىنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.»

 ئۈچىنچى، ئاچلىق تۈپەيلى كىبىرى سۇنۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان بولىدۇ. ھەددىدىن ئىشىش ۋە ئاللاھتىن غاپىل يۈرۈشنىڭ ئاساسى بولغان ئۆز بېشىمچىلىق، ھوزۇر ھالاۋەت ۋە ھاكاۋۇرلۇق قاتارلىقلار يوقاپ، نەپسكە بوي بەرمەس بولىدۇ ۋە ھېچ نەرسىگە ئاچلىققا تەن بەرگىنىدەك تەن بەرمەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھوزۇرىدا ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھالدا تۇرىدۇ.

 تۆتىنچى، ئاچلىق گۇناھ-مەئسىيەت شەھۋەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، يامانلىققا بۇيرىغۇچى نەپسنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ. مانا بۇ، ئاچلىقنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىلىرىدىندۇر.

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر ۋە شەھۋەت قۇۋۋەتلىرىنىڭ ئاساسى مەنبەسى يېمەك-ئېچمەكتۇر. يېمەك-ئېچمەك ئازلىغانسېرى شەھۋەت قۇۋۋىتىمۇ ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. جىمى بەخت-سائادەتلەر كىشىنىڭ ئۆز نەپسىنى كونتىروللىقىغا ئېلىشى ۋە نەپسىنىڭ ئۆزىگە ئىگە بولىۋېلىشىغا رەھىمسىزلەرچە تاقابىل تۇرۇشىدىن كەلگەندۇر. شۇڭلاشقا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان تۇنجى ئىش توقلۇق بولدى. كىشىلەر قورسىقى تويغانسېرى نەپسىلىرىنى بۇ دۇنياغا ئاتىۋېتىشتى.»

 ئاچلىقنىڭ ئەقەللىي پايدىسى شۇكى، ئۇ جىنسىي شەھۋەتنى ۋە ئېغىز شەھۋەتلىرىنى بېسىقتۇرىدۇ. چۈنكى قورسىقى ئاچ كىشىنى شەھۋەتمۇ، ئارتۇق گەپ-سۆزلەرمۇ گەپكە كىرگۈزەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەيۋەت-شىكايەت، يامان گەپ-سۆز، يالغانچىلىق، تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق تىلدىن كېلىدىغان ئاپەتلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئاچلىق يۇقىرىقىدەك گۇناھلارنىڭ ھەممىسىدىن توسۇپ قالىدۇ.

جىنسىي شەھۋەتكە كەلسەك، ئۇنىڭ كۈتۈلمىگەن ئازدۇرۇشلىرىدىن قېچىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاچلىق ئۇنىڭ شەررىدىن ساقلاپ قېلىشتا يېتەرلىكتۇر.

 كىشى توقلۇق ئېچىدە يۈرسە، ئەۋرىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇنى تەقۋالىقى چەكلەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، كۆزىنى باشقۇرالماي قالىدۇ. كۆزمۇ خۇددى ئەۋرەت زىنا قىلغاندەك زىنا قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كۆزىنى ھارامدىن ساقلىيالىدى، دېگەن تەقدىردىمۇ، ئويلاشتىن ئۆزىنى توختىتالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىغا ھەرخىل بولمىغۇر خىياللار كىرىۋالىدۇ. نەپسنىڭ شەھۋەت كەلتۈرىدىغان نەرسىلەرنى خىيال قىلىشى بەندىنىڭ مۇناجاتىنى بۇلغاشقا سەۋەبچى بولىدۇ. بەزىدە نەپس ئاشۇنداق بولمىغۇر خىياللارنى ناماز ئىچىدىمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە سېلىپ ئاۋارە قېلىشى مۇمكىن.

بەشىنچى، ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. تويغان كىشىنىڭ ۋە تويۇپ يەپ-ئىچىپ كۆنگەن كىشىنىڭ ئۇيقۇسىمۇ ئېغىر بولىدۇ. كۆپ ئۇخلاش ئۆمۇرنى زايە قىلىۋېتىدۇ، تەھەججۇتنى قولدىن كەتكۈزىدۇ، زېھىننى دۆتلەشتۈرۈپ، قەلبنى قاساۋەتلەشتۈرۋېتىدۇ. ئۆمۈر جەۋھەرلەر ئېچىدە ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر. بەندىنىڭ سەرمايىسى ئۆمۈردۇر. بەندە ئۆمۈر بولغاچقا ئېلىم-بىرىم قىلالايدۇ. ئۇيقۇ ئۆلۈمدۇر. ئۇيقۇنىڭ كۆپ بولۇشى بىر تەرەپتىن ئۆمۈرنى قىسقارتسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەھەججۇت نامازىنىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قويىدۇ. ئۇيقۇدا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىيانلار بار.

 ئالتىنچى، ئاز يېيىش بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. كېسەل بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى كۆپ يېيىشتۇر. يەنە كېلىپ كېسەل ئادەمنى ئىبادەتتىن قويىدۇ. قەلبنى تەشۋىشكە سېلىپ زىكىر قىلىشتىن ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن چەكلەپ قويىدۇ. تۇرمۇشنى كۆڭۈلسىزلەشتۈرۈپ، كىشىنى دورا يېيىشكە ۋە دوختۇرغا موھتاج قىلىدۇ. تاماقنى ئاز يېيىشتە يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 يەتتىنچى، كىرىمنى ئازايتىدۇ. چۈنكى ئاز يەپ كۆنگەن كىشىگە ئېھتىياجدىن چىققۇدەك پۇل-پۈچەك كۇپايە قىلىدۇ. تويغۇچە يەپ كۆنگەن كىشى داۋاملىق قورساق غېمىدە يۈرىدۇ.[1]

 ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىركۈنى خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «قورساقنى تويدۇرۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى بەك تويۇپ يېيىش نامازغا ھورۇن قىلىپ قويىدۇ. تەنگە ئاغىرىق ئېلىپ كېلىدۇ. نۇرمال قۇۋۋەت تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار! چۈنكى ئۇ كىبىردىن يېراق قىلىدۇ، بەدەننى ساغلام قىلىدۇ ۋە ئىبادەتكە قۇۋۋەت قوشىدۇ. كىشى شەھۋىتىنى دىنىدىن ئەلا بىلمىگەنلا بولسا، ھەرگىز ھالاك بولمايدۇ.»

 فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئىش قەلبنى قاساۋەتلەشتۈرۋېتىدۇ. ئۇلار كۆپ گەپ قىلىش ۋە كۆپ يېيىشتۇر.»

 لوقمان ھەكىم ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغان ئىكەن: «ئوغلۇم، نېمە يېسەڭ تويۇپ يېمىگىن! ئارتۇق تاماقنى ئۆزۈڭ يەۋەتكىنىڭدىن ئىتقا تاشلاپ بەرگىنىڭ ياخشى.»

ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «قورسىقىنى تىزگىنلىگەن كىشىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى كامىل بولىدۇ. قورسىقى تەرىپىدىن دىنىغا زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلمىگەن كىشى، ئابىدلار ئارىسىدىكى ئەمادۇر.»



[1] (ئىھيائ ئۇلۇمۇددىن، 3- توم، 134-بەتتىن 140 بەتكىچە)