ماقالىلار

ئىسلام مەدەنىيىتى پاكىزلىق مەدەنىيىتى

2024-02-27
A-
A+

ئىسلام مەدەنىيىتى پاكىزلىق مەدەنىيىتى

 

ئابدۇلئەھەد ھاپىز

 

 

بىزنى ھۆرمەتلىك يارىتىپ، پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەرگەن ۋە پاكىزلىققا بۇيرۇغان رەببىمىز ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. پاكىزلىقتا ئۈممىتىگە ئۈلگە بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىگە ۋە ساھابە كىراملىرىگە سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز.

ئىسلام دىنى ئىنسانيەت، مەدەنىيەت ۋە ھەققانىيەتتە تەڭداشسىز دىندۇر. ئىسلام مەدەنىيىتىنى پاكىزلىق مەدەنىيىتى دەپ ئاتىساق مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. چۈنكى ئىسلامدەك پاكىزلىققا بۇيرۇيدىغان يەنە بىر مەدەنىيەت يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامدا پاكىزلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.»[1] ئاللاھ تائالا پاكىز كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.»[2]

بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندە بىر نەچچە ئۆرنەك بىلەن بايان قىلىمىز:

1_ ئىسلام نەزىرىدە ئىنسان باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن ۋە ھۆرمەتلىكتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەرگەن. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شەكسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىغا)، دېڭىزدا (كېمە ۋە پاراخوتلارغا) چىقاردۇق. ئۇلارنى پاك يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، يەنە ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق.»[3]

ئىسلام مۇسۇلمانلارنى پاك نەرسىنى ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇپ، پاسكىنا-نىجىس نەرسىلەرنى يېيىشنى مەنئى قىلغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار..»[4]

مۇسۇلمانلارنىڭ پاسكىنا-نىجىس نەرسىلەرنى يېيىشنى مەنئى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ...»[5]

2_ ئىسلام مۇسۇلمانلارغا ھەر كۈنى بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلدى. ناماز ئوقۇش ئۈچۈن بەدەننىڭ، كىيىمنىڭ ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جاينىڭ پەك بولۇشىنى شەرت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئالدى بىلەن تاھارەتسىز بولسا، تاھارەت ئېلىپ پاكلىنىشى، جۇنۇپ بولسا، غۇسلى قىلىشى (يەنى پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇپ پاكلىنىشى) لازىم. چۈنكى تاھارەتسىز ناماز قوبۇل بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تاھارەتسىز نامازنى قوبۇل قىلمايدۇ.»[6] قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار؛ ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار (غۇسلى قىلىپ) پاكلىنىڭلار..»[7]

يۈزىنى يۇغاندا قۇلاقلىرىنىڭ ئارقىسىنى قوشۇپ يۇيۇش، ئەگەر ساقىلى كۆپ كىشى بولغا بارماقلىرى بىلەن ساقىلىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ، ساقالنىڭ ئاستىغا سۇ يەتكۈزۈپ يۇيۇش لازىم. چۈنكى ساقالنىڭ ئاستىدا ۋە قۇلاقنىڭ ئارقىسىدا كىر (يەنى مىكروپ) قالماسلىقى لازىم.

3_ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى جۈمە ۋە ئىككى ھېيت نامىزى، ئۆمرە ۋە ھەجگە ئوخشاش كۆپ كىشىلەر توپلىشىدىغان ئىبادەتلەرگە غۇسلى قىلىپ بېرىشنى سۈننەت قىلغان. «سىلەرنىڭ بېرىڭلار جۈمەگە كەلسە، غۇسلى قىلسۇن.»[8] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەلى رەزىيەللەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ھېيت نامىزىغا يۇسلى قىلىپ چىقىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. جۈمە نامىزى كۆپلىگەن جامائەتلەر بىر يەرگە توپلىشىپ چوڭ جامەلەردە ئوقۇلىدىغان ناماز. بۇنداق كۆپ كىشى بار يەرگە بارغان كىشى غۇسلى قىلىپ، بەدەنلىرىنى پاكىزلاپ، چىرايلىق كىيىمىنى كىيىپ، خۇشبۇي ئەتىرلەرنى ئىشلىتىپ بېرىش لازىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «جۈم كۈنى غۇسلى قىلىش بالاغەتكە يەتكەن ھەربىر مۇسۇلمانغان ۋاجىب».[9] يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ھەپتىدە بىر كۈنى بېشىنى ۋە پۈتكۈل بەدەنلىرىنى يۇيىشى ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر».[10] 

4_ تاھارەت ئالىدىغان سۇنىڭ پاك بولۇشى. ھەر قانداق سۇ بىلەن تاھارەت ئالغىلى بولمايدۇ، بەلكى ھەم ئۆزى پاك ھەم بەدەننى پاكلىيالايدىغان سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىش لازىمدۇر«بىز ئاسماندىن (يەنى بۇلۇتتىن) پاك ۋە پاكلىغۇچى سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق.»[11] شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىق-ئۆستەڭ، دېىز-دەريا، بۇلاق ۋە قۇدۇقنىڭ سۈيى بىلەن تاھارەت ئېلىش لازىم. بۇ سۇلار ھەم ئۆزى پاك ھەم يۇيۇلغان نەرسىنى پاكلايدىغان سۇدۇر. ئەگەر كۆل، قۇدۇق قاتارلىق تۇرغۇن سۇلارغا نىجىس نەرسىلەر چۈشۈپ سۇنى پاسكىنا قىلىپ قويغان بولسا، ئۇنداق سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدە ئۆيدە چىلەككە ئوخشاش نەرسىلەردە سۇ بولسا، ئاغزىنى يېپىپ پاكىز ساقلاش لازىم.  

5_ ئېغىز ۋە چىشنى پاك تۇتۇش. مۇسۇلماننىڭ ھەر دائىم ئېغىزىنى ۋە چىشىنى ئارىسىدا قالغان تاماق ئارتۇقلىرىدىن پاكىزلاپ، چىشلىرىنى چوتكىلاپ تۇرۇشى لازىم. ئۇنداق قىلمىغاندا ئېغىز پۇراپ ھەم چىشىنىڭ چىرىپ كېتىشىگە ۋە يېنىغا كەلگەن كىشىنىڭ سېسىق پۇراقتىن بىئارام بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىمىزدا بەش ۋاقىت نامازغا تاھارەت ئالغاندا ئېغىزنى يۇيۇش ۋە مىسۋاك بىلەن چىشىنى تازىلاش سۈننەت قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بۇنى مۇنداق بايان قىلغان: «ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق سېلىپ قويۇشتى قورقمىغان بولسام، ھەر نامازدا مىسۋاك قىلىشىنى بۇيرۇياتتىم (يەنى پەرز قىلاتتىم)».[12]

6_ چاچنى پاكىز تۇتۇش. چاچ قويغان مۇسۇلمان ھەر دائىم چېچىنى يۇيۇپ، تاراپ پاكىز تۇتۇشى لازىم. چېچىنى توپا بېسىپ كەتكەن، چۇۋۇق ھالەتتە تاشلاپ قويۇش ۋە بۇ شەكىلدە كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىش مۇسۇلمانغا ياراشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «چېچى بار كىشى ئۇنىڭغا ياخشى قارىسۇن»[13]

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئۆيگە زىيارەتكە كەلگەن ئىدى، چاچلىرى چۇۋۇق بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «بۇ ئادەم چېچىنى يۇيۇپ تارايدىغان بىر نەرسە تاپالمىغانمىدۇ؟!» دېدى.[14]

7_ كىيىمنى پاكىز تۇتۇش. مۇسۇلمان بەدىنىنى پاك تۇتقاندەك كىيىمىنىمۇ پاك تۇتۇشى، ئەگەر كىرلىشىپ قالسا ياكى بىر نەرسە يۇقۇپ قالسا، دەرھال يۇيۇپ پاكىزلىشى، چىرايلىق ۋە رەتلىك كىيىنىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىر كۈنى كىيىمى كىرلىشىپ كەتكەن بىر كىشىنى كۆرۈپ: «بۇ ئادەم كىيمىنى يۇيىدىغان بىر نەرسە تاپالمىغانمىدۇ؟!» دېگەن.[15] 

8_ ئۆينى پاكىز تۇتۇش. مۇسۇلماننىڭ ئۆي ۋە ھويلا-ئاراملىرىنى پاكىز تۇتۇشى، پاكىز يەردە ئولتۇرۇشى، ئولتۇرغان يېرىنى كىرلەتمەسلىكى، ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇپ كەتمەكچى بولسا، ئۇ يەرنى تازىلاپ، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغانلار ئۈچۈن پاكىزلاپ قويۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ پاكتۇر، پاكلىقنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئاللاھ پاكىزدۇر، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۆيلىرىڭلارنى پاكىز تۇتۇڭلار».[16]  

9_ يولنى پاكىز تۇتۇش. مۇسۇلمان كىشى ھەم ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ئەزىيەت، زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مەھەللىدە ماڭىدىغان يوللارنى پاكىز تۇتۇشى، كىرلەتمەسلىكى، يوللارغا ئەخلەت ۋە پاسكىنا نەرسىلەرنى تاشلىماسلىقى، ئەگەر يوللاردا ئەخلەت ياكى ئىنسانغا پۇتلىشىپ ئەزىيەت بېرىدىغان بىر نەرسە كۆرسە، ئۇنى ئېلىۋېتىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارغا ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىلەرنى يولدىن ئېلىۋېتىش سەدىقىدۇر».[17]

10- ئاخشىمى قاچا-قۇچىنى يۆگەش. قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ پاكىز تۇتۇش، بولۇپمۇ ئاخشىمى ياتىدىغان ۋاقتىدا قاچىلارنى يۇماستىن تاشلاپ قويماسلىق، بەلكى قاچىلارنى يۇيۇپ، ئۈستىنى ئوراپ قويۇش لازىم. بولمىسا كېچىدە مىكروپ تارقايدۇ، ھاشارەتلەر پەيدا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دەيدۇ: «ئىشىكلىرىڭلارنى مەھكەم ئېتىڭلار، قاچا-قۇچىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىنى يېپىڭلار، چىراقلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈڭلار ۋە سۇ قاچىلىرىڭلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىڭلار».[18]

11- قولىنى پاكىز تۇتۇش. ئىنسان ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەزاسى قولىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن ھەممە نەرسىنى تۇتىدۇ. شۇڭا ئەڭ كۆپ مىكروپ بولىدىغان  ۋە مىكروپ يۇقىدىغان يەر قولدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پات-پات قولىنى يۇيۇپ، تازىلاپ تۇرۇشى، بىر نەرسە يېمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن قولىنى يۇيۇشى، تاماق يېگەندىن كېيىن يەنە قولىنى يۇيۇپ يېگەن نەرسىنىڭ يۇقىنى پاكىزلىشى لازىم. مۇشۇناق قىلغاندا، ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ يۇقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «تاماقنىڭ بەرىكىتى، تاماق يېيىشتىن ئاۋۋال ۋە تامان يېگەندىن كېيىن قولىنى يۇيۇشتۇر».[19]

قولىنى يۇغاندىمۇ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا كىر قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرگۈزۈپ پاكىز يۇيۇش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بارماقلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇيۇڭلار» دېگەن.[20]

مانا بۇلاردىن كۆرىمىزكى، ئىسلام دىنى ھەر جەھەتتە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. مۇشۇ پاكىزلىقنى مىسالغا ئالساق، ئىككى يىل ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيانى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندا، دوختۇرلار ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر تۆت سائەتتە قولىنى يۇيۇش ۋە بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ ئۇۋلاپ يۇيۇش كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلدى. ھالبۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  14 ئەسىر بۇرۇن قول-پۇتلىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇشنى، پۇت-قولنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ سۇ تەككۈزۈپ يۇيۇشنى ئۆگەتكەن. بىز مۇسۇلمانلار دىنىمىزنىڭ بۇ گۈزەللىكىنى ھەم ئۆزىمىز ئەمەل قىلىش، ھەم بالاچاقىلىرىمىزغا ئۆگىتىش ئارقىلىق نامايان قىلىشىمىز، دىنىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پاكىزە يەيدىغان، پاكىزە كىيىنىدىغان، پاكىزە ياشايدىغان، ئىلغار مەدەنىيەتلىك-كۈلتۈرلۈك كىشىلەر دۇنياغا كۆرسىتىشىمىز لازىم. ئەكسىچە ئۆيلىرىمىز پاسكىنا، يوللىرىمىز ئەخلەت، كىيىم كىچەكلىرىمىز، بەدەنلىرىمىز كىر ياشىساق، ھەم مۇھىت بۇلغۇنىشىغا، كېسەللەرنىڭ تاراپ كېتىشىگە سەۋەب بولىمىز ھەم دىنىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشىگە سەۋەب بولىمىز. بىزنى كۆرگەنلەر مۇسۇلمان دېگەن مۇشۇنداق مەينەت بولىدىكەن سەسكىنىدۇ، دىنىمىزنى كەمسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئېتىبارىنى چۈشىرىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىمىز. ھالبۇكى مۇسۇلمانلار بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك دەپ قارالغان غەرب ئەللىرىگە ھەم ئىلىم-پەندە ئۇستاز بولغان، ھەم كۈلتۈر-مەدەنىيەتتە ئۈلگە بولغان ئىدى. ئەپسۇسكى ئەمدى بىز ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق.  



[1] ئىمام مۇسلىم، ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

[2] سۈرە تەۋبە، 108 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[3] سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[4] سۈرە بەقەرە، 172 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[5] سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت.

[6] ئىمام مۇسلىم، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

[7] سۈرە مائىدە: 6- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[8] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

[9] ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

[10] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[11] سۈرە فۇرقان: 48- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[12] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[13] ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

[14] ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم رىۋايىتى.

[15] ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم رىۋايىتى.

[16] بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ «غەرىب ھەدىس» دېگەن. ئەلبانى بۇ ھەدىسنى زەئىف دېگەندىن كېيىن، ئاخىرىدىكى «شۇڭا ئۆيۈڭلارنى پاكىزلاڭلار» دېگەن قىسمى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىس بار، دېگەن. 

[17] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[18] ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[19] ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسنى سەنەد جەھەتتىن زەئىف دېگەن بولسىمۇ، مەنىسى سەھىھتۇر.

[20] ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ھەسەن سەھىھ ھەدىس.