دىنى مەسىلىلەر

سۈرە فاتىھە

2020-05-15
A-
A+

 سۈرە فاتىھە

سۈرە فاتىھەنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىغا ۋە ئايىتىنىڭ يەتتە ئىكەنلىكىگە ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن.

بۇ سۈرىنىڭ نۇرغۇن ئىسىملىرى بار بولۇپ، ئۇلاردىن مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، ”فاتىھە“ (يەنى ئاچقۇچى، باشلىغۇچى دېگەن مەنىدە) دۇر. چۈنكى، قۇرئان كەرىم مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشىدا ئەمەس، قۇرئاندىكى يېزىلىش تەرتىۋى بويىچە بىرىنچى سۈرىدۇر.

ئىبنى جەرىر تەبەرى مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان كەرىمنىڭ يېزىلىشىنىڭ مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نامازلاردا ئوقۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ سۈرە ”سۈرە فاتىھە“ دەپ ئاتالغان.»

ئىككىنچى، ”ئۇممۇلكىتاب“ (يەنى ئانا كىتاب) تۇر. چۈنكى، ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسىي مەقسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنداقلا بۇ سۈرىدە اﷲ تائالانى مەدھىيىلەش، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ئىسپاتلاش، ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداپ، توسقان ئىشىدىن يېنىپ ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ھىدايەتنى ۋە ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنى تىلەش، ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ قىسسىلىرى، بەختلىك كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى، بەختسىز كىشىلەرنىڭ بارار جايلىرى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

بۇ سۈرە قۇرئاننىڭ باشقا سۈرىلىرىگە نىسبەتەن خۇددى ئانىغا ئوخشايدۇ. ئەرەبلەر پۈتۈن نەرسىنى ئۆزىگە جەم قىلغان نەرسىنى ”ئۇم“ (يەنى ئانا) دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار مەككىنى ”ئۇممۇلقۇرا“ (يەنى شەھەرلەرنىڭ ئانىسى) دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى، باشقا شەھەرلەر مەككىنى مەركەز قىلغان. ھەربىي بايراقمۇ ئالدىنقى رەتتە ئېلىپ مېڭىلىدىغانلىقى ۋە ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن ”ئۇم“ دەپ ئاتالغان. زېمىنمۇ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى ئۆز قوينىغا ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن ”ئۇم“ دەپ ئاتالغان.

زېمىن ھەققىدە شائىر مۇنداق دەيدۇ:

زېمىن بىزگە قارارگاھتۇر، ھەمدە بىزنىڭ ئانىمىز،

ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇغۇلىمىز ۋە قوينىغا كۆمۈلىمىز.

ئۈچىنچى، ”ئەسسەبئۇلمەسانى“ (يەنى تەكرارلىنىدىغان يەتتە) دۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ ئايەتلىرى يەتتىدۇر، نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچى ئۇنى نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە ئوقۇيدۇ. اﷲ تائالانىڭ: ](نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى... ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق[  دېگەن ئايىتىدىكى يەتتە ئايەت دېگەن سۆزنى نۇرغۇن ساھابىلار سۈرە فاتىھە دەپ تەپسىر قىلغان. چۈنكى، قىرائەتشۇناسلار  ۋە ئۆلىمالار بۇ سۈرىنىڭ ئايەتلىرىنىڭ يەتتە ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.

ئىمام قۇرتۇبى «ئەلجامىئ لىئەھكامىل قۇرئان» ناملىق تەپسىرىدە بۇ سۈرىنىڭ «ئەششىفائ» (شىپا بولغۇچى)، «ئەلۋافىيە» (يېتەرلىك بولغۇچى)، «ئەلكافىيە» (كۇپايە قىلغۇچى) «ئەلئەساس» (ئاساس)، «ئەلھەمد» (مەدھىيە)... لەردىن ئىبارەت 12 ئىسمىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ئىسىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى ياكى ھۆرمەتلىك ساھابىلارنىڭ ئىجتىھادى بىلەن قويۇلغان. ئىمام ئەلۇسى، بەزى ئۆلىمالارنىڭ بۇ ئىسىملارنى يىگىرمە نەچچىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنى «روھۇلمەئانى» ناملىق تەپسىرىدە ساناپ ئۆتكەن .

مەنبە: ئەھكام ئايەتلىرىدىن تەپسىرلەر.