ماقالىلار

سۈننەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

2024-02-29
A-
A+

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

سۈننەت ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

 

جانابى ئاللاھ ئىنسان نەسلىنى ئاپىرىدە قىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ ئۇلارنى ئۆز بېشىغا قويۇپ قويمىدى. ھەر دەۋىردە ئىنسان نەسلىدىن ئۆزنىڭ تەلىمات ۋە يول يورۇقلىرىنى يەتكۈزىدىنغان پەيغەمبەر ۋە يولباشچىلارنى يوللاش ئارقىلىق ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن دۇنيادا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پېرىنسپلارنى ئۈگەتتى، خاتىرلىتىپ تۇردى. پەيغەمبەرلەر ھەر دەۋىردە ئىلاھى تەلىمات ۋە يول يورۇقلارنى ئەڭ ئەۋۋەل ئۆزلىرى قوبۇل قىلىش، ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەتبىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا ئۆرنەك بولدى.  تۈنچى ئىنسان ۋە تۇنجى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئائىلىۋىي، سىياسىي جەھەتتىكى تەتبىقات ۋە پۇزۇتسىيەلىرى قىسقىسى ھاياتىدىكى بارلىق ئىش – ئىزلىرى، ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئائىلىۋىي، سىياسىي ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئۆچمەس ئىزلار قالدۇردى. يەنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇتقان يوللىرى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن تەقىپ قىلىنىدىغان يول (سۈننەت)، ئىنسانلارنىڭ ھايات مىزانى، ئۆرپ – ئادەت  ۋە ئەنئەنىسى بولۇپ شەكىللەندى. ھەر يىڭى كەلگەن پەيغەمبەر ئەۋۋەلكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىنى تەكىتلەش، تەقىپ قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، زامان ئىچىدە ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىلاھىي تەلىماتقا ۋە ئىنسان پىترىتىگە زىت ھالەتتە قوشۇۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بىدئەت – خوراپاتلىقلارنى تازىلاپ تۇردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرنىڭ تۈگەنجىسى بولۇپ، ئۆزىدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنى، ئىلاھىي كىتابلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنەلىرىنى تەستىق ۋە تەقىپ قىلىش بىلەن بىرگە زامان ئىچىدە ئىنسانلار ئۆزلىرى قوشۇۋالغان،  ئىسلام دىنىغا زىت بولغان شىرىك، بىدئەت – خوراپاتلىقلارنى رەت ۋە تەنقىت قىلدى. بارلىق ئىنسانلارغا ئاللاھ رازى بولغان ۋە قىيامەتكىچە كۈچگە ئېگە بولغان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتىنى ئەڭ ئەۋۋەل ئۆزى ھاياتىغا تەتبىقلىدى، باشقىلارغا ئۈگەتتى ۋە ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن ئەتراپىدىكى يارەنلىرىگە كۆرسەتتى، پەيغەمبەرلىك ھاياتى بويىچە بۇ تەلىماتلارنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرى، سۆزلىرى ۋە ئىش - ئىزلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ھاياتىدا «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈنننەتى» ئاساسىدا يەرلەشتى، ئۆزلەشتى، نەسىلدىن نەسىلگە سۆز ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئاساسىدا ئېسىل ئەنئەنە ھالىتىگە كەلدى ۋە مۇسۇلمانلار تەڭداشسىز مەدەنىيەت شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە قاراڭغۇلۇق ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە قالغان نۇرغۇن مىللەتلەرمۇ، ھەق – ھوقۇق ۋە ئادالەتتىن نېسىۋىسىنى ئالدى. 

ئەرەبچىدە يول، قانۇن، نىزام، ئۇسۇل، قائىدە، پوزىتسىيە، ئەنئەنە ۋە ھايات شەكلى قاتارلىق ھەر خىل ئۇقۇم ۋە مەنىلەردە ئىستېمال قىلىنغان «سۈنننەت» تېرمىنى، قۇرئان كەرىم، ھەدىس ۋە دىنىي مەنبەلەردىمۇ مۇشۇ ئۇقۇملارنى چۆرىدىگەن ئاساستا ھەرخىل شەكىلدە قۇللىنىلغان.

ھەدىس تەتقىقاتچىلىرى (مۇھەددىسلەر) سۈننەتنى، ئسىلام دىنىنىڭ ۋە دىنى ئىلىمنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق سۆزلىرى، ھال – ھەرىكەتلىرى، مەسىلىلەرگە تۇتقان پۈزۈتسىيەلىرى، غازات ۋە جەڭلىرى، تۇرمۇش ئادەتلىرى، ھەتتا پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇنقى ئىش – ئىزلىرى ۋە خۇي – مىجەزلىرىگىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئائىت بارلىق مەلۇمۇتلارنى تەتقىقات ئوبىكتى قىلغان ۋە بۇلارنى پاكىتلار بىلەن توغرۇلۇق، راستچىللىق ئاساسىدا رەتلەپ توپلاپ چىققان. ھەدىس مەجمۇئەلىرى دەۋرىمىزگىچە ئىشنىڭ ئەرباپلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى ئىنچىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم مەلۇمات خەزىنسى ھېساپلىدۇ. بۇ خىزمەت مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە دىنىنى توغرا ياشىشىغا مىسلىسىز تۆھپە قوشغان ۋە ئىسلام دىنىغا ھەر تۈرلۈك باتىل، خوراپاتلارنىڭ سېڭىپ كېرىشىنى توسوپ قالغان.

پىقھىشۇناسلار بولسا سۈننەتنى، قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش ئىسلام شەرئىتىدىكى بارلىق ھۆكۈملەرنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرۈپ، مەلۇم ئۇسۇل ۋە قائىدىلەر بويىچە مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى دىققەتكە ئالغان ئاساستا ھەدسلەر ئىچىدىن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلاردىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك يولىنى يورۇرتۇپ كەلگەن. 

ئىسلام دىنىدا سۈننەت، قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئىككىنچى مەنبەدۇر. سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئىزاھاتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلى تەتبىقىدۇر. سۈننەت ئەينى زاماندا قۇرئان كەرىمدە ھۆكمى بايان قىلىنمىغان مەسىلىلەردە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم ئوتتۇرغا قۇيۇش سالاھىيتىگە ئېگىدۇر. سۈننەت قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش ھەمدە ئۇنىڭ ھايات پەلسەپىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن ئەھمىيەتگە ئېگىدۇر.

تارىختىن بېرى مۇسۇلمانلار ئىچىدە قۇرئان ۋە سۈننەتنى توغرا چۈشىنىش، ئەڭ توغرىسىنى تېپىش، ئۇنى ھاياتقا تەتبىقلاش مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلار بولۇپ كەلگەن ۋە ھەتتا ھەرخىل پىكىر ئېقىملىرى مەيدانغا چىققان. مۇسۇلمان ئالىملار بۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئىجتىھاد قىلىش نەتىجىسىدە «ئۇسۇلى پىقھى» ئىلمى مەيدانغا چىققان ۋە بۇ ئىلىم ئارقىلىق قۇرئان ۋە سۈننەتنى توغرا چۈشىنىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. «ئۇسۇلى پىقھى» ئىلمى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدىكى نۇرغۇن دە تالاش ھەل بولغان ۋە مۇسۇلمانلار كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىپ زامانىدا دۇنيا تارىخىدا ئىسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مىسلىسىز يىڭىلىقلارنى مەيدانغا چىقارغان.

زامانىمىزدا بەزى كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يولىنىڭ ئىلىم – مەرىپەت ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مەنىۋى دۇنيايىمىزنى بېيتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، كونىلىقنى چۆرۈپ تاشلاش تەشەببۇسى بىلەن ھەدىس، فىقھى، پەلسەپە ۋە لوگىكىغا ئوخشاش ئىلىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا. بۇ پۈچەك ۋە بىرتەرەپلىمە قاراشلارنىڭ ھېچ قايسىسى مۇسۇلمانلارنىڭ دەردىگە دەرمان، يارىلىرىغا مەلھەم بولالمايدۇ، ئەكسىچە، مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ ئىچكى نىزالارغا سۆرەپ كىرىپ، بىرلىكىمىزنى پارچىلاپ، بىزلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ يۇقىرىقى ئېقىملارغا مايىل كىشىلەرنى ئاندا-ساندا كۆرۈپ قالىمىز. ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىش توغرا كەلسە، ئۆز ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولغانلار ئۆز ئارىسىدا ئىلمى ئاساستا تالاش – تارتىش قىلسا بولىدۇ. ئىلىم تالاش – تارتىش بىلەن ۋە تەپەككۇر بىلەن تەرەققى قىلىدۇ. خەلقىمىزنى بۇ ئىشنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كېرىپ، سۈنئى گۈندەم پەيدا قىلىش، خەلقىمىزنى خىتتاي جاللاتلىرىغا قارشى كۆرەش قىلىشتىن ئۇزاقلاشتۇرىۋاتىدۇ.

قىسقىسى، قايسى ھەدىسنى قەيەردە ئىشلىتىشنىڭ ئۆلچىمىنى تەپسىر، فىقھى ۋە كالام ئىلمىغا ئوخشاش ساھەلەرنىڭ ئۇستىلىرى ئالىملىرىمىز ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ. بۇ ئىلملەر ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولغمىغانلارنىڭ مۇتەخەسسىس سەۋىيەسىدىكى ئالىملارنىڭ پىكىرلىرىگە ئەگىشىشى ئاقىلانىلىقتۇر.

 

دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» رەئىسى