بىز كىم؟

دوكتۇر: ئالىمجان بۇغدا

2024-01-18
A-
A+

  شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، 1970- شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە دىنى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن تارتىپ دىنى تەلىم - تەربىيەنى ئائىلىدە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرى سەۋىيىدىكى دىنى تەلىم - تەربىيەنى قاغىلىقتىكى مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمدىن ئالغان.

    دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا 1987- يىلى شىنجاڭ ئىسلام ئىنستېتۇتىغا ئوقۇشقا كېرىپ،  1992- يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن، بىر يىل قاغىلىق جامىسىدا ئىماملىق قىلغان. بۇ ئەسنادا قاغىلق ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىماملىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئېچىلغان 6 ئايلىق «ئىمام تەربىيەلەش كۇرسى»دا مۇدەررىسلىك قىلغان. 1994 - 1997 يىللار ئارىسىدا مىسىر ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىدا ئەرەب تىلىدا بىلىم ئاشۇرغان ۋە بۇ ئەسنادا ئىككى يىل مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

    دوكتۇر ئالىمجان 1998 - 2000 يىللار ئارىسىدا تۈركىيە مەرمەرە ئۇنىۋېرسىتىدا ئىسلام ھوقۇقى (ئىسلام قانۇنى) ساھەسىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2000 - 2007 يىل ئارىسىدا، ئەينى ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئىسلام ھۇقۇقى (ئىسلام قانۇنى) ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشگەن. 2006 – يىلى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ قۇرغۇچى ھەيئىتى ئىچىدە يەر ئالغان ۋە 2011 – يىلىغىچە  باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2011 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپىسىنىڭ قۇرغۇچى  ھەيئىتى ئەزاسى ۋە 2014 – يىلىغىچە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2013 يىلىدىن 2023 – يىلىغىچە قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۈنىۋېرىستى ئىلاھىيەت پاكۇلتېتىدا ئۆز كەسپى ساھەسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2015 – 2017 يىللىردا قەھرامان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ياردەمچى مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2023 – يىلىدىن تارىتىپ ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتىتى ئىسلامىي ئىلىملەر پاكۇلتىسىدا ئۆز كەسپى ساھەسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا 2016 – يىلى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە 2022 – يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2023 – يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

    ئاللاھ تائالادىن ئۇستازنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.