ھىجرىيە: | مىلادىي: 21 Şubat 2018

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

قۇرۇلۇشى

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» 2016_ يىلى 1_ ئاينىڭ 15_ كۈنى16_ كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلاتتۇر.

تەركىبى

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» 35 كىشىلىك تەسىس ئەزاسى ۋە 11 كىشىلىك رەھبەرلىك ھەيئىتىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرلىكنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھياردۇر. بىرلىك رەھبەرلىك ھەيئىتى تەشۋىقات ئىشلىرى، پەتىۋا كومىتېتى، كاتىبلىق دېگەندەك بىر قانچە بۆلۈمدىن تەركىب تاپىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» داۋاملىق ئەزا قوبۇل قىلىدۇ.

 

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» غايىسى تۆۋەندىكىچە:

1- شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە خەلقئارالىق ئىسلامىي مەسىلىلەر ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ مەۋقەسىنى بايان قىلىش ۋە مەزكۇر مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش.

2-   شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش.

3-شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

5- شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ۋە زىيالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى رەتكە سېلىش، ئومۇمىي مەسىلىلەر ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا ئۇلارنىڭ پەتىۋالىرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرۈش.

6-  ئىسلام دىنىنى ئۆز ھەقىقىتى بويىچە تونۇشتۇرۇش.

7-  شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا ئازغۇن ئېقىملارغا ۋە خاتا پىكىرلەرگە تۈزىتىش بېرىش.

8-   شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق_ ھوقۇقىنى، دىنىي كىملىكىنى قوغداش.

9- شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ خەلقئارادىكى مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش.

 

Sayfalar