ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
130 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي تازىلاش» بىلەن ئەيىبلىدى

ن130  دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي تازىلاش» بىلەن ئەيىبلىدى

130 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي تازىلاش» بىلەن ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 321 ئاممىۋى تەشكىلات ب د ت نى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا چاقىردى. 

ئەنگىلىيە ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى 130 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلدى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئىرقىي تازىلاش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى 8-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭغا يازغان بۇ بىرلەشمە خېتىدە: «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت بۇنداق زور مىقداردىكى ئىسپاتلارنى كۆرگەندە، ھېچكىم بۇنىڭغا سەل قارىمايدۇ. پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇ زۇلۇمنى مۇتلەق ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە بۇنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز».

خەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنى مەجبۇرىي كونترول قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتلار، شۇنداقلا كۆزلىرى تېڭىلغان ۋە چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلگەن نۇرغۇن ئەر كىشىنىڭ پويىزغا چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈشى ئېنىق كۆرسىتىلگەن سىنلىرى تىلغا ئېلىنغان. پارلامېنت ئەزالىرى بۇ سىننىڭ ناتسىستلار جازا لاگېرىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئىنتايىن ئوخشايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇندىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى قاتارلىق 321 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق كۆزىتىش ئورگىنى قۇرۇشقا چاقىردى. 

2020- يىلى 9- سىنتەبىر

http://turkistantimes.com/uy/news-13513.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر