ھىجرىيە: | مىلادىي: 21 Şubat 2018

چىكىنىڭ
(2)بىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى خەلقتىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟ (

بىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى خەلقتىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟ (2)

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر ئاخىرەتتىكى جەننەتنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئارزۇسى بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ، ئەمما ئۆزىنى ئۆستۈرگەن جەننەت ۋەتىنى ئۈچۈن ھېچبىر ئىش قىلمايدۇ، ئۇنىڭ غېمىنى يېمەيدۇ. بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنىڭ يېتىلمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ھالبۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەن سۆيگۈسى ھەرقانداق بىر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ۋاپادارلىق بۇرچىدۇر. ئىنسان ئۈچۈن دۇنيادا ۋەتەندىن سۆيۈملۈك جاي يوقتۇر. دىنىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆيگۈسىدىن قالسا، ئەڭ چوڭ سۆيگۈ ـ ۋەتەن سۈيگۈسىدۇر. ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشى ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى ئىبادەتلەرمۇ ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بىر مۆجىزات سۇپىتىدە يارىتىپ، ئۇنىڭغا بۇ كائىناتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ۋە يەر يۈزىنىڭ خوجايىنلىقىنى ئاتا قىلغان كەرەملىك ئاللاھقا شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قىلىنىدىغان ۋاپا بۇرچى بولغاندەك، ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يولىدا  مال ـ مۈلكىنى، جېنىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىش ھەرقانداق بىر پۇقرانىڭ  ئۇنى ئىللىق قوينىدا ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرگەن ئانا ۋەتەنگە ئۆتەشكە تېگىشلىك  ۋاپا بۇرچىدۇر.

ۋەتەنپەرۋەرلىك

تۈركلەرنىڭ بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىككىنچى چوڭ خىسلىتى ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. ئۆز ۋەتىنىنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىپ سۆيۈشتە، ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىشتا تۈركلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان ھېچقانداق مىللەت بولمىسا كېرەك دۇنيادا. تۈرك خەلقى ۋەتەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتلىرىدىن راھەتلىك بىلەن ۋاز كېچەلەيدۇ، بىر –بىرىگە دۈشمەن بولۇپ كېلىۋاتقان گۇرۇھلارمۇ ۋەتەن مەسىلىسىدە دەرھال بىرلىشەلەيدۇ، ھەرقانداق قىيىن شارائىتلاردىمۇ بىرەر يولباشچىنىڭ ئارقىسىدا بىرلىسەلەيدۇ، ھەرقانداق بىر دەۋادا، ھەرقانداق بىر ئىنقىلابتا يولباشچىلىرىنى ئۆز بېشىغا يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ، ئۇلار ۋەتەن يولىدا ئۆلۈشنى ئەڭ شەرەپلىك ئۆلۈم دەپ بىلىدۇ، پەرزەنتلىرى ۋەتەن ئۈچۈن شېھىت بولغان كىشىلەر تەزىيە بىلدۈرگەنلەرگە دەرتلەنمەيدۇ، ھەسرەت چەكمەيدۇ، پەقەتلا «ۋەتەن ئامان بولسۇن!» دەيدۇ. تۈرك خەلقى ۋەتەن يولىدا جېنىنى بەرگەنلەرنى ناھايىتى بەك ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادىنى «شېھىتنىڭ تۇغقانلىرى» دەپ قەدىرلەيدۇ ۋە ئاسرايدۇ. قىسقىسى، تارىختىن بېرى ۋەتەن يولىدا جېنىنى بېرىش تۈرك ياشلىرىنىڭ ئارزۇ – ئارمىنى بولۇپ كەلگەن. چاناققەلە ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇرۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلغان ئەزىمەتلەر بۇنىڭ مىسالى.

تۈرك خەلقى يەنە ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئۆز دەۋاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا پىداكارلىق قىلىش، قىلغان ھەربىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش جەھەتلەردىمۇ بىزگە ئۈلگە بولالايدۇ. بولۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكتە بىزنىڭ ئىزچىل ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىشتا ئۇنىڭ قەلبىگە ۋەتىنىنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى سېلىۋەتكەن. بۇ تۇغما مۇھەببەت ئىنساننى ۋەتىنىگە باغلايدۇ. ئۇ مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە ۋەتىنىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋەتىنى بولغان مەككىدىن ئايرىلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ يولغا چىققاندا: «ئەي مەككە! سەن ئاللاھقا ۋە ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك شەھەرسەن، ئەگەر خەلقىڭ مېنى چىقارمىغان بولسا ئىدى، مەن ھەرگىز سەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتمەيتتىم»( ) دېگەن. ۋەتەندىن ئايرىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان، ناھايىتى قىيىن بىر ئىش بولغاچقا، مۇھاجىرلارنىڭ پەزىلىتى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، مەدىنىگە كۆچۈپ بارغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىر ساھابىلارنىڭ ئەنسار ساھابىلاردىن ئارتۇقچىلىقى ئۇلارنىڭ ۋەتەنلىرىنى تەرك ئەتكەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇھاجىرلارنى ئالاھىدە مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن: (ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىمانىدا) راستچىل كىشىلەردۇر( )

    ۋەتەندىن ئايرىلىش ئەڭ ئېغىر جازا ۋە ئەڭ قاتتىق ئازاپ بولغاچقا، ئىسلام جازا قانۇنىدا جىنايەتچىنى ۋەتەندىن پالاش، ئۆلۈم جازاسى بىلەن تەڭ تۇتۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك( ) يەنە قۇرئان كەرىمدە ۋەتەن سۆيگۈسى جان سۆيگۈسى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى( ).

ۋىجدانلىق ئىنسان ۋەتىنىنى  سۆيۈشنى  ئىنسانلىق بۇرچى دەپ بىلىدۇ. چۈنكى  ئىنسان خاراكنېرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى،  ياخشىلىق قىلغاننى سۆيۈشنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت دەپ تونۇيدۇ. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىللىق باغرىنى ئېچىپ، ئۇنى تۈرلۈك نېمەتلىرى بىلەن كۇتىۋالغان، ئۇنى بارچە ياخشىلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، كۆكسى كەڭ، قوينى ئىسسىق ئاشۇ ئانا ۋەتىنىدىنمۇ  سۆيۈملۈك بىرى بارمۇ؟!  ياخشىلىقىنى  ياخشىلىق قىلىش بىلەن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئەلا بىرى بارمۇ؟!

ۋاپادار ئىنسان چوقۇم ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ. چۈنكى، ھەركىمنىڭ ئۆز ۋەتىنى خۇددى ئانىسىنىڭ قوينىدەك ئىسسىق ۋە يۇمشاقتۇر. شۇڭا ئۇنى  «ئانا ۋەتەن» دەيمىز. ئانىمىز خەۋپكە ئۇچرىسا بىزنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي  ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىز تۇرغان يەردە، ۋەتەنمۇ شۇنداق قەدىرلىك ئانا!  بەلكى بۇ،  بىزنى تۇغقان ئانىمىزدىنمۇ قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك ئانىمىزدۇر. چۈنكى، ئانىلارنى ئۆستۈرگەن توپراقمۇ ئەنە ئاشۇ  ۋەتەن ئەمەسمۇ؟

 ھەركىمنىڭ ۋەتىنى ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىدۇر. ھەركىم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆيى ئىسسىق ۋە يېقىملىق بولغاندەك، ئۇنىڭ ئۆز ۋەتىنىمۇ شۇنداق ئىسسىق ۋە يېقىملىقتۇر. ئۆيىمىزنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى رېمونت قىلىش ياكى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن  قانچىلىك مەبلەغ، ۋاقىت، كۈچ  ۋە ئەقىل سەرپ قىلغىنىمىزدەك، ۋەتىنىمىزنىڭ  كېلىچەك قۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئاز دېگەندە شۇنچىلىك پىداكارلىق كېرەك.

ۋەتەن ئۆز ئۆيىمىز. چۈنكى ھەركىم ئۆز ئۆيىگە  ئۆزى خالىغانچە كىرىدۇ ۋە خالىغانچە ئولتۇرىدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئۆي ساھىبى رۇخسەت بەرگەندىلا كىرەلەيدۇ. باشقىلارنىڭ ۋەتىنىگىمۇ شۇنداق ۋاقىتلىق رۇخسەت بىلەن كىرىدۇ. ھەج، ئۆمرە، ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەتئەلگە چىققانلار ۋە چەتئەللەردە تۇرۇپ قالغانلار ئۆز ۋەتەننىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە قەدرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولماقتا.

ۋەتەن سۆيگۈسى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن، ياكى ئەدىبلەرنىڭ  قىسسىلىرى بىلەن، ياكى ئارتىستلارنىڭ ناخشىلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى  ۋەتەن سۆيگۈسى پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن مال ـ مۈلۈكنى، جاننى پىدا قىلىش تەبىئىي  بۇرچتۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ۋە ئەمەلىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ بىردىنبىر ئابىدىسىدۇر. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان مەككىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەرك ئەتكەن ئەمەس.  ئۇ مەدىنىگە بارغاندىن كېيىنمۇ، ھەمىشە مەككىنىڭ غېمىدە بولدى. ئاللاھتىن مەككىنىڭ بۇددىست ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن فەتھى قىلىنىشىنى  تىلەش بىلە بىرلىكتە ئەسكەر ۋە قورال كۈچى تەييارلىدى. بىر كۈنمۇ مەككىنى ئېسىدىن چىقارمىدى، بارلىق ھىممىتىنى ئانا يۇرتى مەككىنىڭ فەتھى ئۈچۈن ئاتىدى، ھەتتا چۈشىدىمۇ مەككىگە بېرىپ، ھەرەمنى تاۋاپ قىلىپ كۆرگەن ئىدى. ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىنىڭ غەيرىتى بىلەن ئاخىرى مەككىنى فەتھى قىلدى.

باشقا خىزمەتلەر