ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
(1)بىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى خەلقتىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

بىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى خەلقتىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟  

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر خىل مىللەت، قەبىلە ۋە ئىرق قىلىپ ياراتقان بولۇپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇپ بىر - بىرىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ «ئى ئىنسانلار! شەكسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق» دېگەن. ئىنسانلارنىڭ تىلى، رەڭگى، مىجەز - خۇلقى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىر خىل بولمىغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە تەڭداشسىز ئىلمىنى نامايان قىلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. «ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنىڭ، رەڭگىڭلارنىڭ ھەر خىل بولغانلىقىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن دەلىللەر بار. »

دۇنيادا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك پەزىلەتلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بولغاندەك، تۈزىتىشكە ياكى يىراق تۇرۇشقا تېگىشلىك ناچار تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ. ھېچقانداق بىر مىللەتنى مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق يامان دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە ياخشىلار بولغىنىدەك، يامانلارمۇ بار. شۇڭا دەيمىزكى، دۇنيادا يامان مىللەت يوق، ئەمما يامان ئادەملەر بار. ھەممە مىللەتنى ئاللاھ تائالا ياراتقانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەممە مىللەت ئوخشاشتۇر، ھېچقانداق بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتتىن ئەۋزەل ياكى ھۆرمەتلىك ئەمەس، ئەۋزەللىك ۋە ھۆرمەت پەقەتلا ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋالىقتا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، قايسى دۆلەتتىن بولسۇن ۋە قايسى جەمەتتىن بولسۇن، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەقۋالىق دائىرىسىدە ھايات كەچۈرگەن ئادەم ياكى مىللەت ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ۋە ئەڭ ئەۋزەلدۇر. «شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر». ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، بىز  ھەرقانداق بىر دۆلەتتە تۇرساق ۋە ھەرقانداق بىر مىللەت بىلەن ياشىساق، چوقۇم شۇ دۆلەتنىڭ، شۇ مۇھىتنىڭ ۋە شۇ مىللەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايمىز.  ئەقلى جايىدا بولغان ھەرقانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى، ئالىيجانابلىقىنى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، ھېچكىم باشقىلارنىڭ يامان قىلىقلىرىنى ۋە ئەخلاقسىزلىقىنى دوراشنى خالىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىنسان ئىسلامىي تەربىيەدىن نېسىۋە ئالالمىغان، ئائىلە تەربىيەسى يېتەرسىز بولسا، ئاسانلا باشقىلارنىڭ يامان ئادەتلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ئىسلام ئەخلاقى، ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيەسى بۇنداق بەختسىزلىكلەردىن قوغداپ تۇرىدىغان قالقاندۇر. شۇڭا ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆگىنىش ۋە ئائىلە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ناھايىتى زۆرۈردۇر.

بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەقىللىق، تىرىشچان ۋە ئەخلاق - پەزىلەتلىك بىر خەلقمىز. ئەجدادلىرىمىز ئۆز زامانىسىدا ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئىلىم - مەرىپەتلىك خەلق بولغانلىقتىن، بارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەننىڭ سىرتىدا، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىكەن. بىز ئەۋلادلىرىمىزغا ياخشى بىر كېلەچەك ھازىرلاشنى ۋە ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى خەلقنىڭ قوللىشىغا، مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى خالىساق، چوقۇم ئۆزىمىزدىكى ئېسىل جەۋھەرلەرنى چىقىرىشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا، ئەتراپىمىزدىكى خەلققە ياخشى تەسىر بېرىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى ۋە ياخشى تەرەپلىرىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.

  بىز قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش قابىلىيىتىمىز ئالاھىدە يۇقىرى بولغان بىر خەلقمىز. شۇڭا، بىز مەيلى ياخشىلىق بولسۇن ياكى يامانلىق بولسۇن، ھەرقانداق بىر يېڭىلىقنى ناھايىتى تېز قوبۇل قىلىپ كېتەلەيمىز. ئەگەر بىز بۇ قابىلىيىتىمىز بىلەن ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى، ياخشى ئادىتىنى ۋە گۈزەل تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغان بولساق، بۇ ئىشتا چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

بىز ئۇيغۇرلار قانداقلا بىر دۆلەتتە تۇرساق ۋە قانداقلا بىر مىللەت بىلەن ياشىساق، چوقۇم شۇ دۆلەتكە ۋە شۇ خەلققە ئۆزىمىزدىكى پەزىلەتلەرنى ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلالىغاندەك، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىپ ئۆزىمىزگە يەرلەشتۈرۈرەلەيمىز. مەسىلەن:  ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا قاتارلىق خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىر تەرەپتىن يەرلىك خەلققە ئۆزلىرىنىڭ ئىمان - ئېتىقادلىق، ھالال - ھارام مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاتا - ئانىسىغا كۆيۈمچان، ئائىلىسىگە مېھرىبان بولۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى بويىچە تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك خەلقنىڭ  ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ۋە كەسپى مۇئامىلىدە دۇرۇسلۇق قاتارلىق ياخشى تەرەپلىرىنى ئۆگىنىپ ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىز بىر تەرەپتىن ئەرەبلەرگە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، مېھماندوستلۇق، كەمتەرلىك قاتارلىق ئېسىل – پەزىلەتلىرى بىلەن تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ياردەمسۆيەرلىك، سېخىيلىق قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆگىنىپ ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ. چۈنكى بىز قانداقلا بىر دۆلەتكە بارساق، ئۇ دۆلەتتە بىزدە بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى بايقىغاندەك، بىزدە بولۇپ ئۇلاردا بولمىغان كەمچىلىكلەرنىمۇ بايقايمىز. شۇڭا، بىزدىكى پەزىلەتلەرنى ئۇلارغا يۇقتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلاردىكى پەزىلەتلەرنى قوبۇل قىلساق ئەڭ پايدىلىق ئىش قىلغان بولىمىز.

ئەمدى تۈركىيەگە كەلسەك، تۈركىيە بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىككىنچى ۋەتىنىمىز بولۇپ قالدى. تۈركلەر بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە ئەڭ يېقىن خەلقتۇر. تۈركلەر بىلەن بىزنىڭ ئەسلىمىز بىر، دىنىمىز بىردۇر. تۈركىيەدىن ۋە تۈرك خەلقىدىن بىزنىڭ ئۆگىنىدىغانلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ بولغىنىدەك، ئۇلارغا يۇقتۇرىدىغانلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن: ئەگەر بىز تىرىشساق، ئىنتىزامچانلىق، راستچىللىق، پاكىزلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىپچىلىق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەخلاق _ پەزىلەتلەرنى ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، ئۇلارغا مېھماندوستلۇق، سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، ئاددىي _ ساددىلىق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەخلاق _ پەزىلەتلىرىمىزنى يۇقتۇرالايمىز.

بۇ يەردە يۇقتۇرۇشتىن مەقسەت ئۆز تەسىرىمىزنى كۆرسىتىش ۋە ئۆزىمىزدىكى جەۋھەرلەرنى قېزىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتۇر. چۈنكى بىز  ياشاۋاتقان بۇ ئەركىن دۆلەتلەردە  ھەممە ئىشتا خەلققە تايىنىمىز. مەلۇمكى، بۇنداق دۆلەتلەردە خەلق ھۆكۈمەتتىن كۈچلۈك بولىدۇ ۋە خەلقنىڭ دېگىنى دېگەن بولىدۇ. بىز يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىغا، ھىمايىسىگە ۋە سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولالىساق، ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيمىز. بۇ چاغدا ھۆكۈمەت بىزنى مەنپەئەتلىرىنىڭ قۇربانى قىلىۋەتمەكچى بولسىمۇ خەلق بۇنىڭغا يول قويمايدۇ ۋە بىزنى قوغدايدۇ.

ناۋادا بىز يەرلىك خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتسەك، ئۇلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ قالساق ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي قالساق، ئىشىمىز چاتاق بولىدۇ. ئۇ چاغدا بىزنى ھېچكىم قوغدىمايدۇ. شۇڭا بىز قايسى دۆلەتتە تۇرساق شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز شەرت.

تۈركىيەنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ۋە ھەر قايسى مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىدە، ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئاۋۋال مەدەنىيەت ياراتقان ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ ئىلىم - مەرىپەتلىك خەلق دەپ يازىدۇ. شۇڭا، تۈركلەر بىزنى ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئىلىم - مەرىپەتلىك خەلقنىڭ ئەۋلادى دەپ بىلىدۇ. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز تۈركلەرگە شۇ گۈزەل تەسىراتنى بېرەلەيدىغان سەۋىيەدە ئەمەس. چۈنكى بىز بىر قانچە يۈز يىلدىن بېرى مەدەنىيەتتىن ۋە ئىلىم - مەرىپەتتىن يىراقلاشتۇرۇلدۇق، ئەجدادلىرىمىزدا بولغان پەزىلەتلەرنىڭ كۆپلىرىدىن مەھرۇم قىلىندۇق.  شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىز ئۇيغۇرلاردا باشقا مىللەتلەردە بولمىغان بىر قىسىم گۈزەل ئەخلاق ۋە ئالىيجانابلىقلار ھېلىھەم بار.

تازىلىق

تۈركلەردىن بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك مۇھىم بولغان ئەخلاق - پەزىلەتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقىلىرىدىن بىرى پاكىزلىق بولسا كېرەك. پاكىزلىق دېگىنىمىز: ئۆي ئىچىمىزنىڭ، ئىش ئورنىمىزنىڭ، كىيىم - كېچەكلىرىمىزنىڭ ۋە بەدىنىمىزنىڭ ھەمىشە پاكىز، رەتلىك، چىرايلىق بولۇشى دېگەنلىكتۇر.

ھازىرقى تۈركىيەدىكى تۈركلەر پۈتكۈل مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىچىدە، ھەتتا بارلىق ئىنسانىيەت ئىچىدە تازىلىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بىلىدىغان، تولىمۇ پاكىز، مەدەنىيەتلىك بىر خەلقتۇر. بۇ خەلق ئۆزىنىڭ پاكىزلىقى، ئىنتىزامچانلىقى بىلەن ھەر يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىدىغان دۇنيا ھاجىلىرى ئىچىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلمەكتە. تۈركلەرنىڭ پاكىزلىقىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى ماختايدۇ. تۈركلەر ھەر تەرەپتىن پاكىز بولغان، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرگەن كىشىلەرنى ياقتۇرىدۇ، ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، تازىلىق قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئىنتايىن  يامان كۆرىدۇ.

بۇ خەلق بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇرلىرىمىزدەك ئەخلەتنى بالكوندىن يەرگە ئاتمايدۇ، ئۆيىنىڭ ئالدىغا دۆۋلەپ قويمايدۇ، ئۆي ئىچىنى رەتسىز، پاسكىنا تۇتمايدۇ، ئاشخانىسىنى مايلىشىپ كەتكەن ھالدا قويمايدۇ، ھاجەتخانىسىنى خۇشپۇراقسىز تۇتمايدۇ، ھاۋانىڭ ئىسسىق كۈنلىرى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنماي تۇرالمايدۇ، كىيىم _ كېچەكلىرىنى پاك – پاكىز تۇتىدۇ ۋە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، قوللىرىنى ۋە يۈزىنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ تۇرىدۇ، مەسجىدكە كىرسە چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ كىرىدۇ ۋە پۇتىغا پايپاق كىيمەي كىرمەيدۇ. 

ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئاچىدىغان تۈركىيەدەك بىر دۆلەت يوق، ئۇلارغا تۈركلەردەك يېقىن خەلقمۇ يوق. بىز تۈركىيەدە ياشىماقچى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى مۇشۇ دۆلەتتە يېتىشتۈرمەكچى بولساق، چوقۇم مۇشۇ دۆلەت خەلقىنىڭ قوللىشىنى، سۆيگۈسىنى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە موھتاجمىز. بىز بۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەلۋەتتە پىداكارلىق قىلىشىمىز، يامان مىجەز - خۇلقىمىزنى ئۆزگەرتىپ، مۇشۇ خەلقنىڭ ئەخلاقىنى ئۆگىنىشىمىز، بۇ خەلقنىڭ ئەيبىنى ئەمەس، ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئىزدىشىمىز،  بولۇپمۇ بۇ خەلقنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش روھىنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئابرۇيىنى قوغدىغان، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يۈزىنى ئاق قىلغان ۋە بىزگە جاي بەرگەن خەلقنى مەمنۇن قىلغان بولىمىز.

پاكىزلىق ۋە تازىلىق ئەڭ ئاۋۋال  ئىسلام  مەدەنىيىتى، ئاندىن قالسا بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىزدۇر. چۈنكى بىز ئەڭ پاكىز، ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلقنىڭ ئەۋلادلىرىمىز. بىز ئۇيغۇرلاردا: «تەن ساقلىق - زور بايلىق، ساغلام تەندە ساپ ئەقىل» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. بۇ سۆز جەۋھەرلىرىنىڭ بىباھا  قىممىتى ۋە ئىلمىي ئاساسىي بار. چۈنكى تەن ساغلام بولغاندىلا ھەر قانداق ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇندىغىلى بولىدۇ. پاكلىق، پاكىزلىققا ھەر دائىم ئەھمىيەت بېرىش - ساغلام بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تازىلىققا رىئايە قىلىشنى ئادەت قىلغاندىلا ساغلام، زېرەك، چېچەن ۋە قاۋۇل بولغىلى بولىدۇ.

تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش - بىر مىللەتنىڭ ساپاسى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ئېسىل پەزىلىتىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسىدۇر. مۇسۇلمانلار تازىلىق ئادىتىنى ئەڭ ئاۋۋال يېتىلدۈرگەن خەلقتۇر. چۈنكى پاك ۋە پاكىز بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسىدۇر. دۇنيادا ھېچقانداق دىن، ھېچقانداق پەلسەپە ۋە ھېچقانداق قانۇن كىشىلەرنى مۇسۇلمانلار تاھارەت ئېلىپ پاكلانغاندەك  كۈندە بەش قېتىم پاكلىنىشقا بۇيرۇمايدۇ. شۇڭا پاكىزلىققا بۇيرۇلۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان ھېچقانداق خەلق يوق. ئەمما ئەپسۇسكى، تازىلىققا رىئايە قىلمايدىغان مۇسۇلمانلار بار.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان ياخشى تازىلىق ئادەتلىرىمىز بار. مەسىلەن:

بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار مۇھىت تازىلىقىغا، جۈملىدىن ھويلا- ئارام، مەسجىد، ساراي، ئۆي-ماكانلارنىڭ تازىلىقىغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. ۋەتىنىمىزندىكى مۇسۇلمانلارلا ياشايدىغان رايونلاردا بۇ ئادەتنىڭ نەقەدەر گۈللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانلار مۇھىت تازىلىقىنى دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنە ھەم مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئۇلار ئورمان ئۆستۈرۈپ، باغۋاران بىنا قىلىپ، گۈل-گىياھ تېرىپ مۇھىتنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خەلقىمىزدىمۇ «بېغى يوقنىڭ نېنى يوق» دەيدىغان ماقال بار. 

ئۈچىنچىدىن، ئۇلار ھويلا، يوللارغا سۇ سېپىپ پاكىز سۈپۈرۈش مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك سەھەر تۇرۇپ پۈتتۈرىدىغان بىرىنچى ئىشىدۇر. مۇسۇلمانلار بامدات نامىزىدىن پارىغ بولغاندا، ئۆي ئىچىنى پاك پاكىز تازىلاپ بولۇپ ئاندىن ناشتا قىلىدۇ. ئەخلەتنى، يۇندىنى ھەرگىز يول بويلىرىغا، سۇ قاناللىرىغا تۆكمەيدۇ. شۇنداقلا يولدىكى توسقۇنلارنى ئېلىۋېتىش، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، قۇدۇق قېزىش قاتارلىقلارنى چوڭ ساۋابلىق ئىش دەپ بىلىدۇ. زىرائەتلەرنى، گۈل-گىياھلارنى نابۇت قىلمايدۇ.

تۆتىنچىدىن، ئۇلار شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناماز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى بولۇپ، پاكلىق، پاكىزلىق ۋە تاھارەت بولمىسا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار شەخسىي تازىلىقنى قانداقلا شارائىتتا بولسۇن، ھەر دائىم ئۆز ۋاقتى سائىتىدە مۇنتىزىم ئورۇندايدۇ.

بەشىنچىدىن، ئۇلار يېمەك - ئىچمەكنىڭ پاكلىقىغا ۋە تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاچ قالسا قالىدۇكى، ھارام يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ.

پاكىزلىق ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغىلىرىدىن بىرىدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ھەر ۋاقىت تازىلىققا، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ كىيىمى، بەدىنى ھەمىشە پاكىز، خۇشپۇراق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر»()  دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلار 6- ئەسىردىن بېرى، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليۇرۇقلىرىغا ئاساسەن، ھەر ۋاقىت تازىلىق قىلىپ، پاكىز، ئېسىل، خۇشپۇراق يۈرۈشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ كەلگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭغا بۇيرۇشىدا، ئۇلارنىڭ تەن ساقلىقى، ئەخلاقى، دىيانىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان كۆپلىگەن ئالىي ھېكمەتلەر بار. قىسقىسى،  تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىسپاتلىغىنىدەك  يۇيۇنۇشتا تەرلەشتىن كېلىپ چىققان مايلىق تۇز ماددىلىرى بىلەن بەدەننىڭ يېپىلىپ قالغان تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ، ئىنساننىڭ نەپەس ئېلىشىنىڭ ئوڭايلىشىشىغا، بەدەننىڭ راھەتلىنىشىگە، روھنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولغان ئىجابىي نەتىجىلەر باردۇر. مۇندىن باشقا بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى يېقىمسىز پۇراقلار يوقىلىدۇ، ۋۇجۇدنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاشىدۇ. پائالىيەتچانلىقى ئاشقان ئادەم مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى روھلۇق، جوشقۇنلۇق بىلەن كامىل ئورۇنداش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىدە روھ بىلەن بەدەن ئوتتۇرىسىدا پاكىزلىق تەرەپتىن باغلىنىش بولۇپ، بەدەن كىرلەشكەن ۋاقىتتا روھ چۈشكۈنلىشىدۇ، بەدەن پاكىز بولغان ۋاقىتتا روھمۇ جانلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھازىرمۇ سۇ قىس. بۇ جاينىڭ مۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرىكى ھالىغا قارايدىغان بولساق، شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەبىستاننىڭ سۇ قىس، قۇرغاقچىلىق چۆللىرىدە، تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قوللارنى يۇيۇشقا، كۈندە ئاز دېگەندە بەش قېتىم تاھارەت ئېلىپ، قول _ پۇتلارنى، يۈزنى، گاھ پۈتۈن بەدەننى يۇيۇشقا، جۈمە، ھېيت ۋە مېيىت نامازلىرىغا، ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە ۋە توي - تۆكۈنلەرگە بېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، خۇشپۇراق بۇيۇملىرىنى ئۆزىگە، كىيىمىگە چېچىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئـۆگەتكەن ئىسلام دىنىنىڭ نەقەدەر مەدەنىيەتلىك ئىلغار بىر دىن ئىكەنلىكى شەكسىز ھەقىقەتتۇر.

مۇشۇنداق بىر ئىلغار، مەدەنىيەتلىك بىر دىنغا مەنسۇپ بولغان مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەربىر ئوقۇرمەن ئۆزى قارار قىلسۇن!

باشقا خىزمەتلەر