ھىجرىيە: | مىلادىي: 13 Aralık 2018

چىكىنىڭ
‏ئىسلامدا سۆيگۈ-مۇھەببەت چۈشەنچىسى

 

ئىسلامدا سۆيگۈ-مۇھەببەت چۈشەنچىسى

 

مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ

 

     بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى بولسۇن.

     بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ئاساسى سۆيگۈ-مۇھەببەتتۇر. ئاللاھ سۆيگۈسى، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۈمىدۋارلىق ۋە ئەيمىنىشتىن ئىلگىرى كىلىدىغان مۇقەددەس تۈيغۈدۇر.

     بۇگۇن مەن ھەقىقى مۇھەببەتنى كۈيلىمەكچى، بۇگۇن مەن ھەقىقى مۇھەببەتنى مەدھىيىلىمەكچى، بۇگۇن مەن ساپ ۋە پاك بولغان، بارلىق غەشلىكلەردىن خالى بولغان مۇھەببەت ھەققىدە ئېغىز ئاچماقچىمەن. بۇگۇن مەن ئىسلام دىنمىزدىكى سۆيگۈ مۇھەببەت چۈشەنچىسىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىشقا تىرىشماقچىمەن. شۇنداق، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئىنسان ھاياتىنى ساپلاشتۇرىدىغان، ھاياتقا ھايات قوشىدىغان ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ناھايتى مۇھىم ئامىلدۇر. ئىنسان سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ياشنايدۇ ۋە ئۇ ئارقىلىق ھاياتى دۇنياسى زىننەتلىنىدۇ. سۇ قاغجىراپ كەتكەن ئىكىنلارنى ياشنىتىپ بوستانلىققا ئايلاندۇرغاندەك، سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىنسان مەنىۋىيىتىنى سۇغۇرۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا ئۆزگىچە زوق ۋە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى سۆيگۈ-مۇھەببەتكە چاقىرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ 80 قېتىمدىن كۆپراق تىلغا ئىلىنغانلىقىمۇ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ھاياتىدا نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

     دىنىمىزدا سۆيگۈ- مۇھەببەت تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۈرگە بولىنىدۇ:

‏  1-ئاللاھ سۆيگۈسى: بۇ سۆيگۈ بولسا، ئىنسان ئۆزىنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن، ھېسابسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، كائىناتنى ياراتقۇچى يەككە-يىگانە پەرۋەردىگارنىڭ تەسەررۇپىدا ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەيمىنىش نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتتىن، باشقا نەرسىلەرگە بولغان مۇھەببەتنى ئەۋزەل بىلىدىكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن قويىدىكەن، (يەنى مەيلى ئۇ پەيغەمبەر، ئاتا-ئانا ياكى پەرزەنت ۋە ھەرقانداق ماددى بويۇملار) بۇ خىل كۆزقاراش ساھىبىنى ئىسلام دىنى دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّـهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّـهِ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّـهِ ۗ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّـهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّـهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ﴾ تەرجىمىسى: «بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى مۆمىنلەر ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى، دۇنيادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى.» [سۈرە بەقەرە 165-ئايەت].

     ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەرۋەردىگارىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى مىنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن. بەندەمنىڭ مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئەمەل ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنى، مەن ئۈچۈن باشقا ھەر قانداق ئەمەللەر ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنىدىنمۇ سۆيۈملىكتۇر. بەندەم بۇيرۇلغان پەرز ئەمەللەردىن سىرت، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگۈچە قەدەر، ئۇ ماڭا قۇشۇمچە (يەنى نەپلە) ئەمەللەر بىلەن يېقىنلىشىدۇ. قاچانكى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭغا ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قۇلى، ماڭىدىغان پۇتى بۇلۇپ بىرىمەن، مەندىن ھاجىتىنى سورىسا شۇنى بىرىمەن، مەندىن پاناھلىق تىلىسە، ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].

     يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن بىرگە، پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى ھاسىل قىلىشقا ئاساس تۇرغۇزالايمىز.

‏  2-پەيغەمبەر سۆيگۈسى: بۇ بولسا ئاللاھ سۆيگۈسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانىيەتنى ئاللاھنىڭ -ئىزنى بىلەن- قاراڭغۇ زۇلمەتتىن نۇرلۇق ھەقىقەتكە يېتەكلىگۈچى يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىلەشتۇرۇش، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى بىجاندىل ئورۇنداش تۈرتكىسىدە مەزكۇر سۆيگۈ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، ئۆتكەنكى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە ئىمران 31-ئايەت].

‏    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بېرىڭلار مېنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن بەكراق ياخشى كۆرمىگىچە كامىل مۆمىن  بولالمايدۇ.» [بۇخارىي رىۋايىتى 15-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 44-ھەدىس].

     ئابدۇللاھ ئىبنى ھىشام مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىنى تۇتتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يا رەسۇلۇللاھ! سىلە ماڭا نەپسىمدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن بەكراق ياخشى كۆرۈنگۈچى دېۋىدى.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ياق، يا ئۆمەر، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مېنى ھەتتا نەپسىڭدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرمىسەڭ، ئىمان كامىل بولمايدۇ، دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھازىر مەن سىلىنى نەپسىمدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرىمەن، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئۆمەر! ھازىر ئىمان كامىل بولدى،» دېدى. [بۇخارىي رىۋايىتى 6257-ھەدىس].

     بىزنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىمىز پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىشىمىزگە تۈرتكە بولسا، پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىشىمىز ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى قازىنىشتىكى ۋاستىمىزدۇر. بۇنى رەببىمىزنىڭ سۆيگۈسىدىن باشقا ھەرقانداق سۆيگۈ ۋە جۇمىلىدىن نەپسىمىزدىنمۇ ئارتۇق كۆرەلىگىنىمىزدە ھاسىل قىلالايمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنفُسِهِمْ﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۆز نەپسىدىنمۇ چارىدۇر.» [سۈرە ئەھزاب 6-ئايەت].

    3-ئاتا-ئانا سۆيگۈسى: بۇ سۆيگۈ بولسا، بىزنىڭ ھاياتى دۇنياغا ئاپىرىدە بولشىمىزغا سەۋەب بولغان، جاپا-مۇشەققەتلىرىمىزنى تارتقان ۋە پەپىلەپ چوڭ قىلغان، بىز ئۇچۇن يۈرەك-باغرى ئوت بولۇپ كۆيگەن، جىسمى شام بولۇپ ئېرىگەن مىھرىبانلىرىمىزغا قىلىنغان ئېھسان سۆيگۈسىدۇر. بۇ سۆيگۈنى بولسا، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئاسراش، ئۇلارنى خۇشال قىلىش ۋە پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسىنى پەرزەنت سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن بىلىش (ئۇلار ئاللاھقا ئاسيلىق قىلىشقا، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قارشى چىقىشقا تەرغىپلا قىلمىسا) ئارقىلىق قازىنالايمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا ، وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: "ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن" دېگىن.» [سۇرە ئىسرا 23-24-ئايەتلەر].

‏    ئەبۇ ﮬۇرەيرە رەزىيەللاﮬۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاﮬۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بۇرنى توپىغا مىلەنسۇن! بۇرنى توپىغا مىلەنسۇن! بۇرنى توپىغا مىلەنسۇن! دېۋىدى، بۇنى ئاڭلىغان ساﮬابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ كىم؟، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاتاـ ئانىسىنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسى قېرىپ قالغاندا، (ئۇلار بىلەن) بىرگە ياشاپ تۇرۇپ (ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلمىغانلىقتىن) جەننەتكە كېرىشتىن مەﮬرۇم بولغان ئادەم، دەپ جاۋاب بەردى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

     4-ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت: بۇ سۆيگۈ ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدەپ، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلاپ، ئىپپەتلىنىش ۋە كائىناتتا ئىنسانلار نەسلىنىڭ راۋاجلىنىشى، ئىسلام ئۈممىتىنڭ كۆپىيىشىگە تۆھپە قوشۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پاك ھالال يول ئارقىلىق تۇرمۇش قۇرغان ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بولۇپ، بۇ بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشنىش، بىر-بىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تونۇش ۋە ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۈستىدە سىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىڭلار بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردىمۇ ئاياللىرىڭلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى باردۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِّتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى پەرۋەردىگارنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.» [سۈرە رۇم 21-ئايەت].

     يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مېھر-مۇھەببەت بولسا، مۇسۇلمان ئىسلامى نىكاھ پرىنسىپىغا ئۇيغۇن يول تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن ھاسىل بولىدۇ.      

     5-پەرزەنت سۆيگۈسى:‏‏ پەرزەنت ئاتا-ئانا ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ زىننىتى ۋە ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان كاتتا نېمىتى ۋە ئامانىتىدۇر. ئىنسان ھاياتى پەرزەنت بىلەن تاكامۇللىشىدۇ ۋە بەخت سائادەتكە چۆمىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا﴾ تەرجىمىسى: «مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر.» [سۈرە كەھف 46-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     پەرزەنت ئاتا-ئانا ئۈستىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئامانەتتۇر، ئەگەر ئاتا-ئانا پەرزەنتنى رەببىنى تونۇيدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت قىلىپ تەربىيەلىسە، ئۇ پەرزەنت ئاتا-ئانا ئۇچۇن دۇنيادا خاتىرجەملىككە سەۋەب بولسا، ئاخىرەتتە دوزاختىن قوغدىغۇچى قالقان بولۇشتەك بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. كىمكى ئوز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئامانەتنى زايا قىلىپ، ئۇلارنى دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان قىلىپ تەربىيەلىسە، بۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئاتا-ئانا ئۈچۈن دۇنيادا قايغۇ-ھەسرەتكە سەۋەب بولسا، ئاخىرەتتە ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقنڭ جازاسىغا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ اللَّـهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.» [سۈرە تەھريىم 6-ئايەت].

     شۇنىڭ ئۇچۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەر قەلبىنى ئىمان سۇيى بىلەن سۇغۇرۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ سۆيگۈسى، پەيغەمبەر سۆيگۈسى، ئۈممەت ‏سۆيگۈسى بىلەن تەربىيىلىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئىمانى مەجبۇرىيەتتۇر. پەرزەنتلىرىنى ساغلام ئېتىقاد ۋە ئىسلامى ئەخلاق  پرىنسىپىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا مىللى ئۆرپ-ئادەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلىپ تەربىيىلىگەن ئاتا-ئانىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش بىشارەت بولسۇن.

     6-قېرىنداشلىق سۆيگۈسى: بۇ بولسا ئۇرۇق تۇغقان، خۇلۇم-قوشنا، ئەھلى-ئىلىم، دوست-بۇرادەر ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان مۇھەببەت بولۇپ، (كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ يېقىن كىشىلەردىن باشلاپ) ئىسلامى پرىنسىپ كۆرسەتمىسى بويىچە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللارغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرسىدىكى كىشىلەرگە خەير-ئېھسان قىلىش، ئىناق-ئىتتىپاق ئىسلامى جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. مانا بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار بولسا، ساغلام ۋە بېغىشلاشقا لايىق بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت تۈرلىرىدىندۇر.

     جەمئىيىتىمىزدە قىز-يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىشتەك ئىسلامى ئەخلاق ۋە مىللى ئورپ-ئادەتلىرىمىزگە يات بولغان ئىشلار بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى نورمالسىز ئالاقە ۋە باغلىنىش سەبەۋىدىن بارلىققا كەلگەن ئاشىق-مەشۇقلىقنى رەت قىلىدۇ. خىيانەت ئاساسىغا قۇرۇلغان، شۇنداقلا غەرب مەدىنىيىتىنىڭ ئەخلاقنى چىرىكلەشتۈرۈش كوزۇرىغا ئايلانغان بۇ تۈردىكى مۇھەببەت دىنىمىزدا ئىنكار قىلىنىدۇ.

     ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان قىز يىگىتلەرنىڭ بىر ئۆمۈر باراۋەر ياشاش شەرتلىرى ھازىرلانغان بولسىمۇ، نىھايەتتە شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىنىڭ بۇرۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ".

     شەرئى سەۋەب بىلەن باغلانمىغان تويدىن بۇرۇنقى ھەرقانداق مۇناسىۋەت ئوپئوچۇق ھارامدۇر. جەمئىيىتىمىزدە ياشلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان، قىز-يىگىتنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئاي ۋە يىللارچە مۇھەببەتلىشىشىنى بەخت-سائادەتنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ چۈشەنگۈچىلەر، نىھايەتتە ئۆزى ۋە ئۆزگىنى ئالدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەقىقى بەخت ساغلام بولغان غۇبارسىز نىكاھتىن كىيىن بارلىققا كېلىدۇ. ئىسلامى ئەقىدە ۋە ئەخلاق بىزنىڭ خاسلىق ۋە كىملىكىمىزنى ھىمايە قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورغاندۇر.

     فرانسىيىلىك تەتقىقاتچى ئالىم (سول جوردۇن) توي قىلىشتىن ئىلگىرى مۇھەببەتلىشىپ تۇرمۇش قۇرغان 85 پىرسەنت ئائىلىنىڭ نىكاھ ھاياتى تالاق بىلەن مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى ئىلمى تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، مەھرىمى بولمىغان ئايال بىلەن خالى جايدا بىرگە تۇرمىسۇن، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 3006-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى زىناغا ئىلىپ بارىدىغان بارلىق ئامىللاردىن چەكلىنىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَقْرَبُوا الزِّنَىٰ إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَسَاءَ سَبِيلًا﴾ تەرجىمىسى: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.» [سۈرە ئىسرا 32-ئايەت].

     ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسانغا زىنادىن بولغان نېسىۋىسىنى پۈتۈۋەتكەن، بۇنى كۆرمەي چارە يوق، كۆزنىڭ زىناسى ھارامغا قارىماقتۇر، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى سۆزلىمەكتۇر. قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى گۇناھ تەرەپكە مېڭىشتۇر، دىل بولسا ھەۋەس قىلىدۇ ۋە خالايدۇ، ئەۋرەت بولسا ئۇنى روياپقا چىقىرىدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

     دېمەككى؛ ئەڭ بەختلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئائىلە تۇرمۇشى، شەرىئەت  يولى بىلەن قىلىنغان نىكاھلىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، بىر مەزگىللىك ئۆز-ئارا قىزىقىش ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئاتالمىش ئىشىق-مۇھەببەت ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ئەمما شەرئى ئۇسۇل بىلەن باغلانغان ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى قىسقىغىنا ۋاقىتتا بىر-بىرىگە تويۇنۇش، بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، بىر-بىرگە بولغان ئېھتىرامنى يوقۇتۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

مۇھەببەت داۋاسى قىلىپ ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ كۈندەشلىكىنى كەلتۈرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا كۈندەشلىك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ كۈندەشلىكى بولسا، ئۇ مەنئى قىلغان ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىننىڭ ئۈستىگىدۇر.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

      ئىشىق ئىنسان مەنىۋىيىتىنى چىرىتىدىغان بىرخىل كېسەللىكتۇر. مەنىۋىيەت چىرىغاندا، قەلب ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل قالىدۇ. قەلب ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل قالغاندا، ئۇ شەيتاننىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىمان ئەھلىنى شەيتاننىڭ يولىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ  مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ وَمَن يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ وَالْمُنكَرِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز - ھەرىكەتلەر) گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ.» [سۈرە نۇر 21-ئايەت].

     ھەقىقى مۇھەببەت ئاللاھ تەرىپىدىن كىلىدىغان رىزقتۇر. ئۇ بىرەرسىنىڭ چاققانلىقى ۋەياكى ھۇشيارلىقى سەۋەبلىك بارلىققا كەلمەيدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ رىزقنىڭ ئۆزىدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىشىنى خالىغان كىشى، بۇنى ھالال يول ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ-دە، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇيەسسەر قىلىدۇ.

     ئۈممەتنىڭ قوماندانى، يولباشچىسى سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ پەخىرلىنىپ، ھاياجان بىلەن ئۆزىنىڭ چىن مۇھەببىتىنى مەدھىيىلەپ تۇرۇپ ئېيتقان، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ساپ مۇھەببەتكە سىموۋول قىلىنغان بۇ سوز بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. پەيغەمبىرىمىز خەدىچە ئانىمىز ھەققىدە سورالغىنىدا: «مەن خەدىچىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن رىزىقلاندۇرۇلدۇم،» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

     نېمە دېگەن بۈيۈك مۇھەببەت بۇ؟!.

     مانا بۇ مەڭگۈلۈك مۇھەببەت!.

    جانابى ئاللاھ ھەممىمىزگە ئۆز سۆيگۈسىنى ئاتا قىلسۇن. ئامىن....