ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
ھاجىلارنىڭ ھەج قىلىش ئارزۇسىنى سۈيئېستىمال قىلىش ھارامدۇر

    1001-نومۇرلۇق سوئال

     سوئال:

   ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بولغان ھاجىلارنىڭ ھەج قىلىش ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ھەرخىل شەكىلدە ئالداپ قاقتى-سوقتى قىلىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟ ھەج قىلىمىز دەپ ئالدامچىلارغا ئالدىنىپ كېلىۋاتقان ھاجىلارغا قانداق نەسىھەتلەرنى قىلىسىلەر؟.

   جاۋاب:

   بارلىق كائىناتلارنى ياراتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ-سانا ئېيتىمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّـهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرزز قىلىندى،» [سۈرە ئال-ئىمران977-ئايەت] دېگەن ئايىتى ئارقىلىق ھەج ئىبادىتىنىڭ پەرزلىكىنى بايان قىلدى.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق مەئبۇد بەرھەق يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، رامىزاندا روزا تۇتۇش ۋە ھەج قىلىشتىن ئىبارەت بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلدى.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

   يۇقىرىقى ھەدىستە ھەج ئىبادىتىنىڭ ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا قۇدرىتى يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ بۇ پەرزنى ئادا قىلىشى لازىم.

   ھەج پەرزىنى ئادا قىلىمەن دەپ چىققان ھاجىلارغا باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، ياردەم قىلىشى، ئاسانلىق يارىتىپ بىرىشى ئىسلامدا قىلىشقا بۇيرۇلغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ﴾ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   ئالدامچىلىق قىلىش، يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ھاجىتى چۈشكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ،  ھەددىدىن ئارتۇق پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش نىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر. مۇسۇلمانلارغا يالغان ئېيتىپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىش، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قاتارلىقلار دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ تۈرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئالدامچىلىق قىلغان ئادەم بىزدىن ئەمەس.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

   ھەج پەرزىنى ئادا قىلىمەن دەپ چىققان ئاق كۆڭۈل ھاجىلارنىڭ پاسپورت ۋە ۋىزا ئىشلىرى، ئايرۇپىلان بېلىتى، ياتاققا ئورۇنلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ھەرقانداق كىشى، ئۇلارنىڭ تىل ئۇقمىغانلىقى ۋە مەزكۇر دۆلەتنىڭ شارائىتىنى بىلمىگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئارتۇق چىقىمغا ئۇچرىتىشتىن، يالغان ۋەدىلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇشى لازىم. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى، ھۆرمەتلىنىشكە ۋە ئىززەت ئېكرامغا لايىق كىشىلەردۇر، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بەندىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كىمكى ئۇلارنى نارازى قىلسا، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق گەپ قىلالمىغان بىلەن، ئاللاھقا دەردىنى تۆكۈپ بەددۇئا قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ھامان بىر كۈنى ۋەيران بولىدۇ، چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەردە يوق. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەزلۇمنىڭ دۇئاسىدىن ھەزەر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەردە يوق.» [بۇخارى رىۋايىتى].

   ھاجىلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇلغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ تۈرىدىندۇر. ھەج يولىغا ئاتلانغانلارنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىۋاتقان كىشىلەر، ئۇلارغا يالغان ۋەدە بەرمەسلىكى، ئۆزى ئالىدىغان ئازغىنا پايدىنى كۆزلەپ بېجىرەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلالايمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى، ئىش بېجىرىپ بېرىش بەدىلىگە ھەق ئالماقچى بولسا ئىنساپلىق بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشكەن ئېھتىياجىنى سۈيئېستىمال قىلىپ يولسىز پۇل ئۈندۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىش-ئوقىتىگە بەرىكەت بېرىدۇ ۋە ھاجىلارمۇ ئۇلارغا خەيرلىك دۇئالارنى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەج - ئۆمرە ياكى ۋىزا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ، ھاجىلارنى قويۇش ۋە ئالداش قاتارلىق يالغانلىچىققا ئىلىپ بارىدىغان، ئاخىرىدا چەكسىز نادامەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يېراق تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇ قېرىندىشىغا خىيانەت قىلمايدۇ، يالغانچىلىق قىلمايدۇ. ئۇنى ياردەمسىز قالدۇرمايدۇ.» [تىرمىزىي رىۋايىتى].

   شەرقىي تۈركىستاندىن ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن يول ئىزدەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەلگەن ئاق كۆڭۈل ھاجىلارغا قىلىدىغان ئىككى ئېغىز نەسىھىتىمىز شۇكى؛ ئالدى بىلەن ئۇلار ئادا قىلماقچى بولغان ھەج ئىبادىتىنىڭ قائىدە-ئەھكاملىرىنى ياخشى ئۆگىنىشى لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ساھەدىكى ئالدامچىلارنىڭ ياغلىما سۆزلىرىگە مەستخۇش بولماستىن، تونىمىغان كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلماستىن، ئىشەنچىلىك كىشىلەرنى ئىزدەپ سوراپ ھوشيارلىق بىلەن ئىش بېجىرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلسۇن. ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن يولغا ئاتلانغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا، جانابى ئاللاھدىن ئۇلارنى پەرز ھەجگە مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتى