ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكاردا يېتىرقاش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكاردا يېتىرقاش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارنىڭ قەلبىدە مىسلىسىز دەرىجىدە قورۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەر دائىم يالغۇز ھېس قىلىدۇ.

گۇناھكار ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا، ۋە باشقا مەخلۇقاتلار ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ياتسېراش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلىرى قانچىكى ئېغىرلاشقانسېرى ياتسېراش، يېتىرقاش تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلىنىپ كېتىدۇ. ھاياتتىكى ئەڭ ئېغىر كۈن دائىم خەۋپسېرەپ، ھەممە نەرسىگە يات نەزەر بىلەن قاراپ يۈرىدىغان ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدۇر. ئەڭ ئېسىل تۇرمۇش چىقىشىپ، كۆنۈشۈپ ئۆتىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشىدۇر. ئەقىللىق ئادەم گۇناھ-مەئسىيەت قىلغاندىكى لەززەت بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان، خەۋپ، ئەنسىزچلىك، يېتىرقاش تۇيغۇلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولسا، گۇناھكارنىڭ قانچىلىك ئېغىر كۈنگە قالىدىغانلىقىنى، قانچىلىك ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. چۈنكى، گۇناھكار ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان ئازادىچىلىك، خاتىرجەملىك ۋە ھالاۋەتنى گۇناھ مەئسىيەت ئارقىلىق دۇچار بولىدىغان ياتسېراش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان قورقۇنچ ۋە زىيانلارغا تىگىشىۋەتكەن ئادەمدۇر.

 

گۇناھلار يېتىرقاش ئىلكىگە ئالسا،

تەرك ئەت گۇناھنى، ئازادە ياشا.

 

گەپنىڭ پوسكاللىسى شۇكى، تائەت-ئىبادەت ئاللاھ تائالاغا يىقىنلاشتۇرىدۇ. ئىنسان ئاللاھقا قانچە يىقىنلاشقانسېرى ئازادىلىك تۇيغۇسى شۇنچە كۈچىيىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئىنسان ئاللاھتىن قانچە يىراقلاشقانسېرى ياتسېراش، يېتىمىسېراش تۇيغۇسى شۇنچە كۈچىيىدۇ.

بىراۋ دۈشمىنى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسدا ئېغىر يېتىرقاشنى ھېس قىلىدۇ. بۇ، دەل ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ يىراقلىقىدىن پەيدا بولغان تۇيغۇدۇر. ناۋادا بىراۋ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ، مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈپ ياشىسا، گەرچە ئارىلىق يىراق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يىقىنلىقنى، ئۈلپەتداشلىقنى ھېس قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدا شەكىللىنىپ قالغان ھاڭ ياتسېراش ۋە يالغۇزسېراش تۇيغۇسىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىدۇر. بۇ ھاڭ قانچىكى كېڭەيگەنسېرى ياتسېراش ۋە يېتىمسېراش تۇيغۇسى شۇنچە كۈچىيىپ كېتىدۇ. دېمەك، غەپلەت ياتسېراش، يالغۇزسېراش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن شەكىللەنگەن ياتسېراش، يالغۇزسېراش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شېرىك ۋە كۇپرىلىقتىن شەكىللەنگەن ياتسېراش، يالغۇزسېراش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ. بىراۋ گۇناھ-مەئسىيەت، شېرىك ۋە كۇپرىغا قانچىلىك ئارىلىشىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭدىكى ياتسېراش ۋە يېتىمسېراش تۇيغۇلىرى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. گۇناھكار ئادەملەردىكى يېتمسىراش، ياتسېراش، ئۈركۈش، قورۇنۇش تۇيغۇلىرى قەلبىنى چىرمىۋالىدۇ ۋە چىرايىغىمۇ چىقىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم باشقىلاردىن قورنۇپ، ئۈركۈپلا ياشايدىغان باشقىلارمۇ ئۇنىڭدىن ئۈركىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم 

باشقا خىزمەتلەر