ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ

  گۇناھ-مەئسىيەتلەر چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

«قۇرئان كەرىم»دە، «ھەدىس شەرىف»تە، ساھابە-تابىئىنلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پېشۋالارنىڭ ئىجمائلىرىدا گۇناھلارنىڭ چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈندىغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن دەلىللەر بار.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مەنئى قىلنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، (كەرىمىمىزگە ئېلىپ) كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز.»[1]

«ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ، كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغفىرىتى كەڭدۇر.»[2]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا (بەندە) چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا، (ئۇ ئۆتىگەن) بەش ۋاقىت ناماز، (ئۆتىگەن) جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، (تۇتقان) رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە ئارىلىقتىكى گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ.»[3]

ئەمەللەر تۆۋەندىكىدەك ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ:

  1. كاپارەت بولۇشقا يارىمايدىغان ئەمەللەر

 ئەمەللەر ئاجىز بولسا، ئىخلاس يېتەرلىك بولمىسا ياكى تېگىشلىك رەۋىشتە ئورۇندالمىسا گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە كاپارەت بولالمايدۇ. بۇ خىل ئەمەللەر گوياكى كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئېقتىدارى بولمىغان دورىلارغا ئوخشايدۇ.

  1. كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولالايدىغان ئەمەللەر

 بۇ خىلدىكى ئەمەللەر كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولالايدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلارغا كاپارەت بولۇشقا دەرىجىسى توشمايدۇ.

  1. كىچىك گۇناھلارغا پۈتۈنلەي كاپارەت بولالايدىغان ۋە قىسمەن چوڭ گۇناھلارغىمۇ كاپارەت بولالايدىغان ئەمەللەر

بۇ ھەقتە ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشىمىز لازىم. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئەمەللەر نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىمىزنى يوقىتالايدۇ.

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ھالاك قىلغۇچى يەتتە گۇناھتىن ساقلىنىڭلار. ساھابىلەر: ئۇ گۇناھلار قايسى يا رەسۇلۇللاھ، دەپ سورىۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھرىگەرلىك، ھەقسىز رەۋىشتە ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، جازانە يېىش، جەڭ كۈنى قېچىش، پاك، مەسۇم، مۇئمىنە ئاياللارغا بۆھتان چاپلاش، دەپ جاۋاب بەردى.»

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قايسى گۇناھ ئەڭ ئېغىر، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياراتقان ئاللاھقا بىر تەڭتۈشنى شېرىك قىلىۋېلىشىڭ ئەڭ ئېغىر گۇناھ، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭدىن قالسا ‹ئۆزۈڭ بىلەن بىللە تاماق يېيىشتىن ۋە ئېچىشتىن قورقۇپ بالاڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭ› دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئۇنىڭدىن قالسا قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ» دەپ جاۋاب بەردى.›[4] ئاللاھ تائالا بۇ ھەدىسنى تەستىق قىلىپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار)نى قىلىدىكەن، جازاغا ئۇچرايدۇ.»[5]

 

چوڭ گۇناھلارنىڭ سانى

ئۆلىمالار چوڭ گۇناھلارغا سان تۇرغۇزۇش، تۇرغۇزماسلىق توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى.

سان تۇرغۇزۇشقا قايىل بولغانلار چوڭ گۇناھلارنىڭ سانى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد چوڭ گۇناھلار تۆت دەپ قارىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر چوڭ گۇناھلار يەتتە دەپ قارىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس توققۇز دەپ قارىدى، بەزىلەر ئون بىر دەپ قارىدى، يەنە بەزىلەر يەتمىش دەپ قارىدى.

ئەبۇ تالىب مەككىي مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساھابىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى يىغىپ ئون يەتتىگە يەكۈنلىدىم. ئۇلارنىڭ تۆتى قەلبتە بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، گۇناھ-مەئسىيەتكە چىڭ يېپىشىۋېلىش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ قېلىش.

تۆتى تىلدا بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، پاك مۇئمىنە ئاياللارغا بۆھتان چاپلاش، يالغاندىن قەسەم قىلىش، سېھرىگەرلىك.

ئۈچى قورساققا ئالاقىدار بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ھاراق ئېچىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، جازانە يېيىش.

ئىككىسى جىنسىي ئەزاغا ئالاقىدار بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

زىنا ۋە بەچچىۋازلىق.

ئىككىسى قولغا ئالاقىدا بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئوغرىلىق.

بىرى پۇتقا ئالاقىدار بولىدۇ. ئۇ، جەڭ كۈنى مەيداندىن قېچىش.

بىرى بەدەنگە ئالاقىدار بولىدۇ. ئۇ، ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىش.

چوڭ گۇناھلارغا سان تۇرغۇزماسلىق تەرەپدارىدىكى ئۆلىمالارنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ‹«قۇرئان كەرىم»›دە ئېنىق چەكلىگەن ئىشلار چوڭ گۇناھلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلىگەن ئىشلار كىچىك گۇناھلار بولىدۇ.»

يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «لەنەت، غەزەب ياكى ئېغىر جازالارغا مەنسۇپ قىلىنغان چەكلىمىلەر چوڭ گۇناھلار، ئۇنداق بولمىسا كىچىك گۇناھلار ھېسابلىنىدۇ.»

يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «شەرئىي مەنبەلەر ھاراملىقىغا بىرلىككە كېلىنگەن گۇناھلار چوڭ گۇناھلار، ئۇنداق بولمىغانلىرى كىچىك گۇناھلار ھېسابلىندۇ.»

يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى لەنەت قىلغان گۇناھلار چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.»

يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «سۈرە نىسانىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئوتتۇز بىرىنچى ئايىتىگىچە تىلغا ئېلىنغان گۇناھلار چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.»

 

بىر قىسىم ئۆلىمالار: «گۇناھلار چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ» دەيدۇ

بىر قىسىم ئۆلىمالار «گۇناھلار چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھكارلار قىلغان گۇناھلىرىدا ئاللاھنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ۋە ئۆزى ئاسىيلىق قىلغان، ھۆرمىتىنى ساقلىمىغان زاتقا نىسبەتەن ۋە گۇناھلارنىڭ سەلبىي تەسىرى نۇقتىسىدىن بارلىق گۇناھلار چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالاغا بەندىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ئاللاھقا نىسبەتەن گۇناھنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ. بۇ يەردە پەقەت ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە خىلاپلىق قىلىشلا مەۋجۇت، خالاس!

ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: گۇناھلارنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى گۇناھكارنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىنى كۆزگە ئىلمىغانلىققا ئەگىشىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بىر ئادەم شەرىئەتتە ھاراملىقىنى بىلمەستىن ھاراق ئىچكەن ياكى زىنا قىلغان بولسا، بۇ ئادەمنىڭ قىلغىنى بىلىمسىزلىك قىلغان ۋە ھارام ئىش قىلغان بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ئادەم شەرئىي جەھەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولسا، ئۇ ئادەم ھارام ئىش قىلغان بولىدۇ. بۇ خىل ھاراق ۋە زىنانىڭ ھاراملىقىنى بىلمىگەن ئادەم جازالانمايدۇ. دېمەك، ھەر قانداق گۇناھتا ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە چېقىلىش بىرلەمچى ئورۇندا، گۇناھلار پەيدا قىلىدىغان سەلبىي تەسىرلەر ئىككىلەمچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق گۇناھ-مەئسىيەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى ۋە چەكلىمىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىقنى ھەمدە ئاللاھنىڭ ھەق-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن گۇناھلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ-كىچكىلىك پەرقى بولمايدۇ.

ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: بەندە ئۆزى قىلغان گۇناھنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئاسىيلىق قىلىۋاتقان، ھەق-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان زاتنىڭ قانچىلىك بۈيۈك ۋە ئەزەمەتلىك ئىكەنلىكىگە قارىسۇن. گۇناھلارنىڭ كىمگە قارىتىلىۋاتقانلىق ئېتىبارى بىلەن گۇناھلار بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولمايدۇ. ناۋادا بىر پادىشاھ بىر خىزمەتچىسىنى يىراق بىر ئەلگە مۇھىم ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتكەن بولسا، يەنە بىر خىزمەتچىسىنى ئۆز ئەتراپىدىكى مەھەللىلەرگە ۋەزىپىگە ئەۋەتكەن بولسا، ئۇ ئىككىسى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاسىيلىق قىلسا، ئۇ ئىككەيلەن پادىشاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراشتا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنمايدۇ.

ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەككىدە تۇرۇپ ھەجنى تەرك قىلغان، مەسچىتنىڭ قوشنىسى بولۇپ ئولتۇرۇپ، جۈمەنى تەرك ئەتكەن ئادەمنىڭ گۇناھى يىراقتىكى ئادەملەرنىڭ گۇناھىدىن ئىغىرراق بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ جازاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ناۋادا بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۈز تەڭگىسى بولسا، يەنە بىر ئادەمنىڭ ئىككى مىليۇن تەڭگىسى بولسا ئۇلار زاكات بەرمىگەن بولسا، ئۇلاردىن ھەربىرى زاكات بەرمىگەنلىك نۇقتىسىدا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا ئۇلارنىڭ ئېقتىسادىي ئاز بولسۇن ياكى جىق بولسۇن زاكات بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇۋالغانلا بولسا، ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭمۇ ئوخشاش بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس.

 

يۇقىرىقى مەسىلىدىكى توغرا قاراش

 

بىز ئەمدى يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغان مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېرىشىمىز.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، ئىبادەت قىلىنىشى، بىر دەپ ئېتىقاد قىلىنىشى ۋە دىن پۈتۈنلەي ئاللاھقا مەنسۇپ بولۇشى، بارلىق ئىتائەت ۋە دەۋەتلەر ئاللاھقىلا بولۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى نازىل قىلدى. ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.»[6]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن.»[7]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.»[8]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بەيتۇلھەرام بولغان كەبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجىدە قىلىندىغان قۇربانلىقنى، (قۇربانلىقنىڭ ئالامىتى سۈپتىدە) بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىلغان تۆگىلەرنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تۇتقىسى قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكنى سىلەرنىڭ بېلىشڭلار ئۈچۈندۇر.»[9]

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى يارىتىشتىن ۋە ئۇلارغا بۇيرۇق بېرىشتىن بولغان مەقسەت ئۆزىنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى تونۇتۇش، پەقەت ئۆزىگىغىنە ئىبادەت قىلدۇرۇش، ئاسمان ۋە زېمىنىڭ ئاساسى بولغان ئادالەتنى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق.»[10]

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش، كىتابلارنى نازىل قىلىشتىن بولغان مەقسەتنىڭ ئادالەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەڭ بۈيۈك ئادالەت تەۋھىدتۇر. تەۋھىد ئادالەتنىڭ جېنى ۋە ئاساسىدۇر. شۈبھىسىزكى، شېرىك ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر. تەۋھىد مۇكەممەل ئادالەتتۇر. دېمەك، بىر ئىش تەۋھىدكە قانچىكى زىت كەلگەن بولسا، ئۇ ئەڭ ئېغىر گۇناھ ھېسابلىندۇ. گۇناھلارنىڭ ئۆز ئارا پەرقلىق بولۇشى ئۇنىڭ تەۋھىدكە قانچىلىك زىت كەلگەنلىكىگە قاراشلىق بولىدۇ. تەۋھىدكە قانچىكى ئۇيغۇن بولغان ئىش شۇنچە زۆرۈر، شۇنچە مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ پرىنسىپنى ياخشىراق ئويلىنىپ باقىدىغان ۋە ئۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا چوڭقۇر نەزەر سېلىپ باقىدىغان بولساق ھەممىگە ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتنىڭ بەندىلىرىگە پەرز قىلغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا نەقەدەر ھېكمەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا قىلىنىدىغان ئىتائەت ۋە ئاسىيلىقلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىدىكى ھېكمەتلەرنى بىلىۋالالايمىز.

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش شەكسىزكى تۈپكى مۇددىئا بولغان ئادالەتكە زىت كېلىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن شېرىكنىڭ ئەڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكى بەرھەق. ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارغا جەننەتنى ھارام قىلدى. مۇشرىكلارنىڭ قېنىنى، مېلىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى تەۋھىد ئەھلىگە ھالال قىلدى. مۇشرىكلار ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتقاچقا، مۇۋەھھىدلەرنىڭ مۇشرىكلارنى قۇل قىلىشىغا رۇخسەت بەردى. ئاللاھ تائالا مۇشرىكنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھېچ كىشىگە مۇشرىكقا شاپائەت قىلىش ئېمتىيازىنى بەرمىدى. ئاخىرەتتە مۇشرىكنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ ياكى ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇشرىك ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئەڭ نادان ۋە غايەت دەرىجىدە زالىم ھېسابلىنىدۇ. گەرچە مۇشرىك ئۆزىنىڭ مۇشرىكلىق ئەقىدىسى بىلەن ئاللاھقا زۇلۇم قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىدۇ.

 
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

[1] سۈرە نىسا 31-ئايەت

[2] سۈرە نەجم 32-ئايەت

[3] مۇسلىم رىۋايىتى

[4] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[5] سۈرە فۇرقان 68-ئايەت

[6] سۈرە زارىيات 56-ئايەت

[7] سۈرە ھىجىر 85-ئايەت

[8] سۈرە تەلاق 12-ئايەت

[9] سۈرە مائىدە 97-ئايەت

[10] سۈرە ھەدىد 25-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

باشقا خىزمەتلەر