ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر كۆپەيگەنسېرى گۇناھكارنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر كۆپەيگەنسېرى گۇناھكارنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

 

گۇناھ-مەئسىيەتلەر كۆپەيگەنسېرى گۇناھكارنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، ئۇ، غاپىللارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالىرى ئاللاھ تائالانىڭ «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن» دېگەن ئايىتىدىكى «گۇناھلىرى» دېگەن سۆزنى قاتمۇ-قات گۇناھ قىلىش دەپ چۈشەندۈرگەن.

 

ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: قەلبىنى قارايتىدىغان گۇناھ، قەلبى كور بولغانغا قەدەر قاتمۇ-قات گۇناھ قىلىشتۇر.

 

بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: گۇناھ-مەئسىيەت كۆپەيگەنسېرى گۇناھكارلارنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالىدۇ.

 

يۇقىرىقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان (دىلى قارىيىش) گۇناھ-مەئسىيەتلەر تۈپەيلىدىن دىلنىڭ داتلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر زورايغانسېرى دات قارىلىققا ئايلىنىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ قەلبلەرنىڭ خاراكتېرىگە ياكى قۇلۇپ ۋە مۆھۈرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. قەلبلەر پەردە ۋە قاپ ئىچىگە قامىلىپ قالىدۇ. ھىدايەت ۋە ئاڭدىن كېيىن قەلبى قارىداپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ قەلبى نورمال تەبىئىتىنى يوقىتىدۇ-دە، دۈشمەنلىرى پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالىدۇ ۋە ئۇنى قەيەرگە يېتىلىسە شۇ يەرگە سوكۇلدايغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 

 

باشقا خىزمەتلەر