ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Nisan 2021

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئەقىلگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئەقىلگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

 

شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئەقىلنى بۇزۇپ قويىدۇ. ئەقىلدە بىر خىل نۇر بولۇپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەر نۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. ئەقىلنىڭ نۇرى ئۆچسە، ئەقىل ئاجىزلىشىشقا، كېمىيىشكە باشلايدۇ.

 

بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: «ئەقلى-ھوشى جايىدا ئادەم ھېچقاچان ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمايدۇ. بۇ ناھايىتى ئېنىق بىر مەسىلە. ناۋادا ئۇنىڭ ئەقلى جايىدا بولسا ئىدى، ئەقلى ئۇنى گۇناھ-مەئسىيەتتىن توسۇپ قالغان بولاتتى. ئەقلى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئېلكىدە، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى؛ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇنى گۇناھلاردىن توسۇۋاتقانلىقىنى؛ ئىماننىڭ نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى؛ ئۆلۈمنىڭ ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، دوزاخنىڭ ئۇنىڭغا: مەن خەتەرلىك، كەينىڭگە يان، دەپ خىتاب قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولاتتى. گۇناھ-مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ھېسابسىز ياخشىلىقلىرى ۋە راھەت-پاراغەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتقان ئادەمنىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا بولسا، شۇنداق مىسلىسىز ياخشىلىقلارنى تاشلاپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تاللارمىدى! بۇ تاللاش نورمال ئەقلى بار، ھوش-كاللىسى جايىدا ئادەمگە نىسبەتەن ئادەتتىكىچە بىر تاللاشمىدى؟!

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 

باشقا خىزمەتلەر