ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پەرۋەردىگارى ئالدىدا خار-زەبۇندۇر

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارى ئالدىدا قەدىرسىز، ئېتىبارسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: «ئاسىيلار ئاللاھقا پەرۋا قىلماستىن، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قلىدى، ناۋادا ئۇلار ئاللاھنى چوڭ بىلگەن بولسا، گۇناھ-مەئسىيەتتىن ساقلانغان بولاتتى. ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىئېتىبار، قەدىرسىز بولغان ئادەمنى كىممۇ ھۆرمەتلىسۇن!»

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ.»[1]

ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئېتىبارسىز، قەدىرسىز ئادەملەر قارىماققا باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلەنگەندەك، كىشىلەرنىڭ مەدھىيىسىگە سازاۋەر بولغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە باشقىلار ئۇنىڭغا ھاجەتمەن بولۇپ قالغاچقا ياكى ئۇنىڭ ئەسكىلىكىدىن قورقۇپ شۇنداق ھۆرمەتلىگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئۇلار كۆڭلىدە ئۇنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆچ كۆرىدۇ، پەس كۆرىدۇ.

 

گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارغا كىچىك تۇيۇلۇپ قالىدۇ

بىراۋ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرغانسېرى گۇناھنى چوڭ بىلمەيدىغان، كۆڭلىدە ئۇنى كىچىك ھېسابلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ھالاكەتكە يۈز تۇتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەت بىر ئادەمنىڭ كۆزىگە قانچىكى كىچىك كۆرۈنگەنسېرى، ئۇ گۇناھ ئاللاھنىڭ نەرزىدە شۇنچە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، مۇئمىن گۇناھقا خۇددى تاغ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۈستىگە تاغ دومىلاشتىن قورققان ئادەمدەك قارايدۇ. پاسىق گۇناھلىرىنى بۇرنىنىڭ ئۇچىغا قونۇۋالغان، قورۇۋەتسە ئۇچۇپ كېتىدىغان چېۋىندەك كۆرىدۇ.»

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە ھەج 18-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

باشقا خىزمەتلەر