ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېيكو مائاس 1- سىنتەبىر سەيشەنبە كۈنى بېرلىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېرلىندىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. 

گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس بېرلىندا خىتاي دۆلەت كومىسسارى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، ئەمما بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قانۇن كېڭىشى سايلىمىنى تېزدىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىمۇ كۈنتەرتىپكە قويغانلىقىنى ئېيتقان مائاس، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ لاگېرلارغا كىرىشىگە يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مائاس يەنە، كېلەر ھەپتە گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى» يىغىنىدا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى، چەتئەللىكلەرنىڭ بۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتى.

118678844_3513251815376284_9140150719369362333_n

118761876_3512302392137893_9041031809102997253_n

يەنە بىر تەرەپتىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىغا يىغىلغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار ۋاڭ يىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە تىبەتتە يۈز بەرگەن ئىشلارغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» ۋە «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك» دېگەن مەزمۇنلاردىكى شوئارلار يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ، گىرمانىيە ئەمەلدارلىرىدىن خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشقا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشتى. 

http://turkistantimes.com/uy/news-13469.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر