ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Nisan 2021

چىكىنىڭ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئاخىر زامان پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئاخىر زامان پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم شۇرەيم

 

2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئاخىر زامان پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلەرگە بولغان رەھىمدىللىقى ۋە مېھرىبانلىقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن، ھىدايەتكە يېتەكلىگۈچى، جەننىتى بىلەن بىشارەت بەرگۈچى، ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرغۇچى نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى بارلىق ياخشىلىقلارغا چاقىرىپ، يامانلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئۈممەتنى ئاخىر زامان پىتنىلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆپلىكىدىن ھەزەر قىلىشقا ئۈندىگەن.

بىز ئۈممەت ئۈچۈن بالايى-ئاپەتلەر ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر كۆز ئالدىمىزدا ۋە ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىمىز. ھادىسىلەرنىڭ چاقماق تېزلىكىدە يۈز بېرىشى، ئويلىمىغان ۋەقەلەر ۋە كىرىزىسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئىنساننى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. بىر قانچە ئايدىن بىرى ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن كائىناتتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتلەردىكى كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت ھەققىدىكى ھەدىسىنى ئەسلىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «قىيامەت قائىم بولغاندا شۇنداق تىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇكى، ئىككى ئادەم كىيىملىرىنى بازارغا سالىدۇ ۋە يايغان كىيىملىرىنى يىغىشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ. بىر ئادەم سۈتنى ساغىدۇ ۋە ئۇنى ئىچىشكە ئۈلگۈرەلمەيدۇ، بىر ئادەم چىلەككە سۇ توشقۇزىدۇ ۋە سۇنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ، بىر ئادەم بىر لوقما يىمەكنى ئېغىزىغا سېلىش ئۈچۈن كۆتۈرىدۇ – يۇ، يېيىشكە ئۈلگۈرەلمەيدۇ» بۇ ھەدىستىن شۇ ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇكى، ئىنسان ئەتراپىدا يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەرنىڭ تىزلىكىدىن، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردىن ھەيرانلىقتا قالىدۇ. قىسقىسى ئۆزىنىڭ ئەتە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى، قايسى زىمىندا، قاچان ۋە قانداق ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ چاقماق تېزلىكىدە يۈز بېرىشى ۋە تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ھادىسىلەر، بىز ياشاۋاتقان ھازىرقى زاماننىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر.

ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدە ماددىغا بېرىلىپ روھىيەتنى ئۇنتۇش ھۆكۈم سۈرمەكتە. بۇ زامان زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئۇچۇر زامانى بولۇپ، ئاللاھ سىلەر ۋە بىزلەر بىلمەيدىغان كۆپ نەرسىلەرنى ياراتقان. ھادىسىلەرنىڭ تىزلىكىدىن شۇ ۋەقەلەرنىڭ يالقۇنى تىزلا ئەتراپقا تۇتىشىپ كېتىدۇ. يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ھېچقاچان سەۋەبسىز ۋە مۇقەددىمىسىز يۈز بەرمەيدۇ، بىراق بىزلەر ئۇنى ھېس قىلمايمىز ياكى ھېس قىلىشنى خالىمايمىز. ئەمما دۇنيانىڭ شۇ ئۆزگىرىشلىرى ۋە ھادىسىلىرىدىن پەيدا بولغان بوران-چاپقۇندا ساق قالغان جەمئىيەت ۋە ئىنسانلار، ئاللاھتىن ئافىيەت ۋە سالامەتلىك تىلەشتىن بېخىللىق قىلماسلىقى كېرەك.

 ئەتراپتا يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئالماي ۋە دەرس ئالماي ئۆتۈش ئەقىلسىزلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي بەخىتلىك كىشى باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىدۇر، بەدبەخت كىشى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا بەختسىز بولغان كىشىدۇر».

يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەقىللىق بولۇش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. تىببى پىرىنسىپتا دېيىلىشىچە: «كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن ياخشى». بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

{وَأَنِيبُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّكُمۡ وَأَسۡلِمُواْ لَهُۥ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَكُمُ ٱلۡعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ} {سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمەسلىكىڭلار بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار}[1].

ئەسلىدە شەرىئەت ئىنسانلارنى ياخشى ئىشلارغا ئالدىراشقا چاقىرغان، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرمۇ خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە پاراۋانلىقىنى ھېچقاچان ئۇنۇتماسلىقى ھەمدە داۋاملىق خەلقىنىڭ غېمىنى يېيىشى كېرەك. «كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن ياخشى» دېگەن پىرىنسىپ، سالامەتلىك ساھەسىگىلا چەكلىنىپ قالماستىن، يىېمەك-ئىچمەك، ئىلمىي، پىكرىي، ئاخبارات-تەشۋىقات، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە گەۋدىلىنىشى كېرەك. ھەر بىر مۇسۇلمان ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۈستىدە ئويلىنىشى، تەدبىرىنى ئېلىشى ۋە سەۋەب-چارىلەرنى قىلىشى كېرەك.

ئىسلام شەرىئىتى ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراشقا چاقىرغان بولسا، ئۇ شەخسلەرگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى شەخس، ئائىلە، خەلق ئاممىسى، ئالىم، سىياسىيۇن، مۇتەپەككۇر، ھاكىم ۋە مەھكۇم ھەممىسىگە ئورتاق قىلىنغان خىتابتۇر.

 جەمئىيەتنىڭ بىرلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بارلىق ساھەنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ياخشىلىق ئۈستىدە بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش لازىم. ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە پاجىئەلەر، جەمئىيەتتىكى گالۋاڭلىقنىڭ سەزگۈرلىكنى بېسىۋالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى «كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن ياخشى» دېگەن پىرىنسىپقا سەل قاراپ كەلگەنلىكنىڭ نەتجىسىدۇر.

ئىسلام ئۈممىتى دۈشمەنلەرنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىگە ئالدانماسلىقى ۋە پىتنىلەرگە كىرمەسلىكى لازىم.

 ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى دۇنيانىڭ پىتنىسىگە ئالدىنىشتىن ساقلىسۇن، ئامىن!!.

 سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.



[1]   سۈرە زۇمەر: 54- ئايەت.

 

باشقا خىزمەتلەر