ھىجرىيە: | مىلادىي: 21 Şubat 2018

چىكىنىڭ
يۈزتۇرانە جاۋاپ ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلدى

 

ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ

  تۈركىيىدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەلقىمىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىدە دۈچ كېلىۋاتقان دىنى ھۆكۈملەرگە بولغان ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكى ئۇستازلار تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ۋە ئىجتىمائىي (يەنى ئىبادەت، مۇئامىلە، نىكاھ ۋە تالاق) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە ئالاقىدار بولغان سوئاللارغا ساغلام ئەقىدىنى چىقىش، شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلغان ئاساستا (يەنى قۇرئان+ سۈننەت+ قىياس+ ئىجمائ)، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەركىزىدە ھەر چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10دىن كەچ سائەت 18 گە قەدەر يۈزتۇرانە جاۋاب ۋە دىنى مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   ھۆرمەت بىلەن:

   شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

   پەتىۋا ھەيئىتى مەسئۇلى دوكتۇر/ ئالىمجان بۇغدا

    ئادرىسىمىز:                                                                       

Kartaltepe Mah. Geçit Sok. NO: 6 B/1 Sefaköy

 Küçükçekmece İstanbul / TÜRKİYE

      ئالاقىلىشىش نومۇرى: 5403113- 0212     

      يانفۇن نومۇرى: 05050235311

      يانفۇن نومۇرى: 05359342695

      يانفۇن نومۇرى: 05446820194

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر