ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
ياپونىيەدە شىنزو ئابىنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان كىشى ئېنىق بولدى

ياپونىيەدە شىنزو ئابىنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان كىشى ئېنىق بولدى

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ئىستىپاسىدىن كېيىن، يوشىخىدې سۇگا لېبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇنىڭ چارشەنبە كۈنى باش مىنىستىرلىققا سايلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

سالامەتلىكى سەۋەبلىك باش مىنىستىرلىق ۋە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىسىتىپا بەرگەن شىنزو ئابېنىڭ ئورنىغا مەزكۇر پارتىيەنىڭ باش كاتىپى سۇگا رەئىسلىككە سايلاندى. 71 ياشلىق سۇگانىڭ چارشەنبە كۈنى پارلامېىنتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى مەلۇم. 

ياپونىيە پارلامېنتىدا 14- سىنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا سۇگا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ 534 پارلامېنت ئەزاسىدىن 377 نەپىرىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ رەئىسلىككە سايلاندى. رەئىسلىك سايلىمىدا سۇگا سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى شىگېرۇ ئىشىدا ۋە لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فۇمىئو كىشىدا بىلەن رىقابەتلەشكەن. 

ياپونىيە تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن 65 ياشلىق شىنزو ئابې ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىردا سالامەتلىكى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنىكىنى ئىلان قىلغان ۋە يېڭى باش مىنىستىر سايلانغىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

ئىگىلىنىشىچە، يوشىخىدې سۇگا 2012- يىلىدىن بۇيان شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 

http://turkistantimes.com/uy/news-13538.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر