ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Nisan 2021

چىكىنىڭ
يانفون ۋە غەيۋەتچى ئاياللار

يانفون ۋە غەيۋەتچى ئاياللار
مۇھەممەد يۈسۈپ
يانفون ۋە باشقا ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەت بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ  ھاياتىدا كۆپلىگەن قولايلىقلارغا ۋەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. يانفوننى ئىنسانىي ئېھتىياجلار ۋە يوللۇق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىش نېمەت بولسا، ئۇنى غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش، پىتنە تېرىش، چېقىمچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئاپەتتۇر.
ئىنسانلارنىڭ يانفون ئىشلىتىشى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاياللارنىڭ يانفون ئىشلىتىش نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. جەنۇبى كۇرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۈنلۈكى ئالتە سائەت يانفون ئىشلىتىدىغان ئاياللارنىڭ نىسبىتى 22.9% بولۇپ، ئەرلەرنىڭ نىسبىتى 10.8% چىققان. دېمەك، ئاياللارنىڭ يانفون ئىشلىتىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك چىققان. تەتقىقاتلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۆپ ئىكەنلىكى، ھەتتا بەزى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش، ئەقلىنى زەئىپلەشتۈرۈش دەرىجىسىدە كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى.
  رەسمىي بولمىغان تەتقىقاتلار، ئاياللارنىڭ يانفوننى غەيۋەت، شىكايەت ۋە سۇخەنچىلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئىشلىتىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى. بىزدە «ئايالنىڭ مەزھىپى يوق» دەيدىغان گەپ بار. ئىسلام دىنىمىزدا قىزلارنى دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق كىشىلەرگە ياتلىق قىلىش قاتتىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ئەر ئايالىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتى ئۈچۈن ياردەمچى بولىدۇ، ئۇنى ياخشى ئەمەللەرنى، پايدىلىق سۆزلەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يامان ئىشلاردىن، ناچار ئەخلاقتىن تۇسىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر-بىرىنى تولۇقلىغان ھالدا سائادەت ئىچىدە ھايات كەچۈرىدۇ. شۇڭا، ئەر دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولسا، ئايالىنى ئۇنىڭ دىيانىتىگە ۋە ئەخلاقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان غەيۋەت، شىكايەت، سۇخەنچىلىك قاتارلىق ئىللەتلەردىن يىراق تۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش كۆرۈشىگە ياردەمچى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئايالىنى توغرا يولغا سالالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە ۋە ئەخلاقىغا ياردەم قىلالمايدۇ.
  ئايالىنىڭ سائەتلەرچە غەيۋەت قىلىشىغا، سۇخەنچىلىك قىلىشقا قاراپ ئولتۇرىدىغان، ئۇنى توسمايدىغان ئەر ھەرگىز ياخشى ئەر ئەمەس. بۇنداق ئەر مۇكەممەل ئەر دېيىلمەيدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ جامائەت توپى ئىچىدىكى بىر ئادەمگە قاراپ، «بۇ ئادەم ھەجەپ پاكاركىنە» دېگەن سۆزىگە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ: «سىز ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىڭىز، سىز شۇنداق بىر يامان گەپنى قىلدىڭىزكى، ئۇ گەپنى دېڭىزغا تاشلىسا، دېڭىزنى بۇلغىۋەتكەن بولاتتى» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمانى بار ھەرقانداق ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆگىنىشى، ئۆزىنىڭ ئىبادەتلىرى، ئەخلاقى ۋە ئىستىقامىتى بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماي، ئايالىنىڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ گەپ- سۆزلىرىگە، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا، ئىبادەتلىرىگە دىققەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلىشى، كەمچىلىكلىرىگە تۈزىتىش بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن مەسئۇل بولۇشى لازىم.
ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھېسابى بار. بەزىدە بىر كەلىمە سۆز جەننەتكە كىرىشكە ۋەسىلە بولۇپ قالسا، بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز دوزاخ ئەھلى بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سورىقى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان ھېچ ۋەقەسى يوق دەپ ئويلاپ بىرەر سۆزنى قىلىپ تاشلايدۇ، ئەمما بۇ سۆز ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ»  دېگەن.
 ئەرنىڭ ئايالىنى توغرا ئىشلارغا ۋە گۈزەل ئەخلاققا يېتەكلەش ۋەزىپىسى بار، ئۇنى غەيۋەت ۋە سۇخەنچىلىكتىن توسۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئەر ئەگەر ئۆزىنىڭ ئەرلىك ۋەزىپىسىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، بۇنىڭ زىيىنى ئەر-ئايال بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، بەلكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەخلاقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ بىپەرۋا، مەسئۇلىيەتسىز، غەيۋەتچى ۋە شىكايەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىنىڭ سۆز بىلەن قىلغان تەربىيەسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىنى، گەپ-سۆزلىرىنى ۋە مۇئامىلىسىنى ئۆگىنىدۇ. 
غەيۋەت قىلىش بىراۋنىڭ گۆشىنى يېگەندىنمۇ بەك يىرگىنىشلىك، ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان، خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئېغىر گۇناھتۇر. نۇرغۇن ئاياللار، ھەتتا ئەرلەرمۇ غەيۋەتنىڭ بۇ قەدەر خەتەرلىك ئىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن. گەپ قىلىماق ئوڭاي، ئەمما ئۇنىڭ ھېسابىنى بەرمەك قىيىن. سۆز ئېغىزدىن چىقماستا ئادەم ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. جۈملىدىن غەيۋەت، شىكايەتمۇ ئېغىز ياكى يېزىق ئارقىلىق تارايدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆز – چۆچەك، ئىغۋا، پىتنە – پاسات بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇلغاپ، مەنىۋىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئالۋاستى ماھىيەتلىك كېسەل __ مەنىۋى راكتۇر.
غەيۋەت دېگەن نېمە؟
  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيۋەتنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بىر كۈنى ساھابىلەردىن: «غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشىراق بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر» دەيدۇ. ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، «بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن»( ) دەيدۇ.
بىراۋنىڭ چىراي – شەكلى، قىياپىتى، نەسەبى، مىللىتى، ئەخلاقى، يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق نەرسە ھەققىدە ئېيتىلغان يامان سۆزلەر غەيۋەت كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ.
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿وَلَا يَغْتَبْ بَّعْضُكُمْ بَعْضًا أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيْهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوْهُ وَاتَّقُوْا اللَّهَ﴾ يەنى «بىر – بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ئەلۋەتتە يامان كۆرىسىلەر. ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار»( ) دەپ تەۋسىيە قىلغان. بۇ ئايەتتە غەيۋەت قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى بىراۋنىڭ گۆشىنى يېگەنگە ئوخشىتىلغان. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىنسان پايدىسىز گەپ – سۆزدىن، خۇسۇسەن غەيۋەت – شىكايەتتىن ساقلىنىشى، سۆز قىلىشتا سەمىمىي، ئېھتىياتچان بولۇپ، ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆزنىڭ ئەدەپلىك، ئىلمىي يوسۇندا بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشى، قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇق سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم.
بىر ھەدىستە: «كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ. ئاللاھ ئەيىبىنى ئاچقان ئادەمنى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ» دېيىلگەن.

باشقا خىزمەتلەر