ھىجرىيە: | مىلادىي: 8 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
ياخشى گۇمان ۋە ئۆزىنى ئالداش ئوتتۇرىسىكى پەرقلەر

ياخشى گۇمان ۋە ئۆزىنى ئالداش ئوتتۇرىسىكى پەرقلەر 

ياخشى گۇمان ۋە ئۆزىنى ئالداش ئۆزئارا تامامەن پەرقلىنىدۇ. ئەمەل-ئىبادەتكە ئۈندەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان ياخشى گۇمان يوللۇق ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بىكار-تەلەتلىككە، ئىزچىل گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزۈشكە سەۋەب بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇ، ئۆزىنى ئالداش ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بىراۋنىڭ ئۈمىدى ئۇنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ئۈندىسە، گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۈزۈشكە ئۈندىيەلىسە يوللۇق ئۈمىد بولىدۇ. ئەكسىچە، بىكار-تەلەتلىككە، ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا، لايغەزەللىككە ئۈندىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈمىدى ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بىر ئادەمنىڭ تىرىلغۇ يېرى بولسا، ئۇ ئادەم يەردىن مول-ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلسا-يۇ، لېكىن ئاغدۇرۇپ، ئۇرۇق سالماستىن، ئېتىزىم ئاغدۇرۇپ، ئۇرۇق سېلىنغان، سۇغىرىلغان يەردەكلا مول-ھوسۇل بېرىدۇ، دەپ ياخشى گۇمان قىلغان بولسا؛ يەنە شۇنىڭدەك، بىرەيلەن توي قىلماستىن، ئايالغا يېقىن كەلمەستىن پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسا ياكى ئۆگەنمەستىنلا، ئىلىم يولىغا پۈتۈن زىھنى بىلەن بېرىلمەستىنلا كاتتا ئالىم بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلغان بولسا، ئېنىقكى، بۇ ئۇچىغا چىققان ھاماقەت ئادەمدۇر.

خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھقا يېقىنلاشماستىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنماستىن، چەكلىمىلىرىدىن قول ئۈزمەستىن كاتتا دەرىجىلەرگە ئىرىشىش، مەڭگۈلۈك ھوزۇر-ھالاۋەتكە ئىرىشىش ئۈمىدىدە بولغان، بۇ ھەقتە ئاللاھتىن ياخشى گۇماندا بولغانلارمۇ ئاجايىپ ئەقىلسىز ئادەملەردۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار-ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.»[1]

بۇ ئايەت ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى! بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغانلار ئاللاھقا شۇنداق ئىتائەت قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان ئىكەنغۇ؟!

ئۆزىنى ئالداپ ياشايدىغان مەغرۇر ئادەملەر «ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى زايا قىلىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا پىسەنت قىلمىغان، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغان، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى دەپسەندە قىلغان ئادەملەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدىغانلار» دەپ قارايدۇ.

بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ تۈپ نىگىزى شۇكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇش ۋە ياخشى گۇماندا بولۇش پەقەت شەرىئەت، تەقدىر، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ۋە مەرھەمىتى قاتارلىق ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ھېكمىتى تەلەپ قىلغان سەۋەبلەرنى ئورۇنداش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

بەندە سەۋەبلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن ياخشى گۇماندا بولسا؛ ئاللاھنىڭ ياردەمسىز تاشلاپ قويماسلىقىدىن، مەنپەئەتلىك ئىشلارنى مۇيەسسەر قىلىشىدىن، ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن ساقلاپ قېلىشىدىن ئۈمىدۋار بولسا بولىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] سۈرە بەقەرە 218-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر