ھىجرىيە: | مىلادىي: 13 Aralık 2018

چىكىنىڭ
مەھرەم ۋە ھېجابلىنىش توغرىسىدا

    1004- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكىسىنىڭ ئايالىغا يەنى يەڭگىسىگە مەھرەم بولالامدۇ؟، ئەگەر ئاكا-ئۇكا بىر ئۆيدە ياشايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى قانداق كىيىنىشى لازىم؟، ئۇلار ھېجابلانسا قانداق ھېجابلىنىدۇ؟، ھېجابلىنىشنىڭ قۇرئان-ھەدىستىكى دەلىللىرى بىلەن تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئايالىغا يەنى يەڭگىسىگە مەھرەم بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بىر ئائىلىدە ياشايدىكەن ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئاياللىرى تولۇق ئورۇنۇپ كىيىنىشى، يات ئەرلەردىن ھېجابلانغاندەك ھېجاب كىيىملىرىنى كىيىشى كېرەك.

 ھېجابلىنىشنىڭ دەلىلى: بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ ۖ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِ ۖ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ ۚ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ تەرجىمىسى: «مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار .» [نۇر سۈرىسى 31-ئايەت].

     يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان ئايال كىشىگە نامەھرەم بولمايدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1- ئېرى.

2- دادىسى.

3- قېيىن ئاتىسى.

4- ئوغۇللىرى.

5- ئۆگەي بالىسى.

6- ئىمىلداش قېرىندىشى ۋە ئىمىتكەن ئىمىلداش ئوغلى.

7- ئايالنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرى.

8- ئايالنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىنىڭ ئوغۇللىرى (يەنى جېيەنلىرى).

9- ئايالنىڭ ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ ئوغۇللىرى (يەنى جېيەنلىرى).

10-مۇسلىمە ئاياللار.

     11-خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (ئۆيدە خىزمەت قىلىدىغان قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوق ئەرلەر).

12-ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان كىچىك ئوغۇل بالىلار. 

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئاياللارنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئاشكارا قىلىش دۇرۇس بولىدىغان زىننەتلىرىنى يەنى زىننەتنىڭ ئورنىنى بايان قىلدى. ئايال كىشى ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىگە چېچى، يۈزى، قولى، جەينىكى، قەدىمى، پاچىقى قاتارلىق ئىچكى زىننەت ئورۇنلىرىنى ئاشكارا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما مەھرەم بولالمايدىغان يات كىشىلەرنىڭ بۇ جايلارغا قارىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

    ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى مەھرەم ئەمەس بەلكى يات كىشىلەردىن سانىلىدىغانلىقى ئوچۇق بىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشى چېچى، يۈزى، قولى، جەينىكى، قەدىمى، پاچىقى قاتارلىق ئىچكى زىننەت ئورۇنلىرىنى يولدىشىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئالدىدا ئاشكارا قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭمۇ يەڭگىسىنىڭ بۇ ئەزالىرىغا قارىشى دۇرۇس بولمايدۇ. 

    شۇنداقلا ئايال كىشىنىڭ مەھرەملىرىمۇ پەرقلىق بولۇپ، پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دادىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا ئاشكار قىلىشقا بولىدىغان جايلارنى ئۆگەي ئوغلىغا ئاشكارا قىلماسلىقى كېرەك.

    ئۇقبەتە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەھرەم بولمايدىغان ئاياللارنىڭ يېنىغا كېرىشتىن ھەزەر قىلىڭلار دېگەندە، ئەنسارىلاردىن بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى مەقسەت قىلاملا؟ دەپ سورىۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇلاردىن كېلىدىغان پىتنە ۋە يامانلىق كۆپ بولىدۇ، بۇ ئۆلۈمگە ئوخشايدۇ،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 4934-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2172-ھەدىس].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، ئەر كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دادىلىرىدىن باشقا تۇغقانلىرىنى يەنى ئاكا-ئۇكا، تاغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاتارلىق مەھرەم بولمايدىغان تۇغقانلىرىنى ئايالى ھېجابسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۆيگە كىرىشتىن، خالى جايدا بىرگە تۇرۇشتىن چەكلىگەن. چۈنكى ئۇلار  قېرىندىشىنىڭ ئايالىغا مەھرەم بولالمىغاندىن كېيىن، يات كىشىلەرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. يات كىشىلەرگە قارىغاندا، ئۇلاردىن كېلىدىغان پىتنە كۆپ بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەر بۇلاردىن قىلچە گۇمان قىلمايدۇ. خالىغان ۋاقىتتا يەڭگىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولىدۇ. كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. ئاقىۋەتتە  نۇرغۇن پاجىئەلەر كېلىپ چىقىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايالنىڭ ھەدە-سىڭىللىرىمۇ ئۇ ئايالنىڭ يولدىشىغا نىسبەتەن يات كىشىلەردىن بولۇپ ئۇ ئايالنىڭمۇ ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ يولدىشى بىلەن ھېجابسىز، خالى جايلاردا يالغۇز تۇرۇپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە قولى ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراش ئومۇملاشقان رايونلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەر كىشىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئايالى شۇ يۇرتتىكى مۇسلىمە ئاياللار قانداق شەكىلدە ھېجابلانغان بولسا، ئۇلارمۇ ئائىلىدە شۇ شەكىلدىكى ھېجاب بىلەن يولدىشىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن يالغۇز قالمىغان ھالەتتە قول ئىلىشىپ كۆرۈشمەستىن، ئادەتتىكى نورمال پاراڭلارنى قىلىشسا، چاي، يېمەكلىك تەييارلاپ بەرسە بولىدۇ. ئەمما ئائىلىدە ھېجابسىز ئادەتتىكى كىيىملەر بىلەن يۈرسە توغرا بولمايدۇ.

    قۇرئان كەرىمدە، "ھېجاب" ئاتالغۇسى ئومۇمى ھالدا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىملىرىگە ئىشلىتىلگەن. ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ ھاياتتىكى پائالىيەت ۋە ھالەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، "ھېجاب"- باش ۋە كۆكرەكنى يۆگەيدىغان ياغلىق ۋە چۈمبەلگە قارىتىلىدۇ.

   "ھېجاب"- ئەرەب تىلىدىكى "ھەجەبە" سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، "يوشۇرۇش ياكى كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش" دېگەن مەنىدە. شۇڭلاشقا، بەدەننى باشقىلارنىڭ كۆرۈشىدىن توسۇپ تۇرىدىغان، بەدەننى كۆرسىتىپ قويمايدىغان رەخت ھېجاب بولالايدۇ.

    ھېجاب ياكى ئۆلچەملىك ئىسلامى كىيىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

   1-ھېجاب- يۈز ۋە قولدىن باشقا بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى يۆگەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئەمما كوپلىگەن ئۆلىمالار  بۇگۈنكى پىتنە-پاساتچىلىق زاماندا يۈزنىڭمۇ ئورۇلىشىنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. (بۇلارنىڭ دەلىلى كۈچلۈكتۇر). ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا﴾ تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە ئەھزاب 59-ئايەت].

   2- ھېجاب- كەڭ كۇشادە بولۇش، تار بولماسلىقى كېرەك.

   3- ھېجاب- نىپىز ۋە بەدەننى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولماسلىقى كېرەك.

   4- ھېجاب- ئەرلەرگە خاس كىيىم بولماسلىقى كېرەك.

   5- ئەتىر ۋە خۇشبۇي پۇرىماسلىقى كېرەك.

   6- كاپىر ئاياللارنىڭ كىيىملىرىگە ئوخشىماسلىقى لازىم.

   7- ئورىنىدىغان تاش كىيىمى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كىيىم بولماسلىقى لازىم.

   8- ھېجابنىڭ ئۆزى زىننەتلەنگەن بولماسلىقى لازىم.

   ھېجابنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن بىرىنچى شەرتى سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىنچى شەرت بولسا، كىيگەن كىيىملىرىڭىز تار بولۇپ بەدەننىڭ شەكلى بىلىنىپ قالماسلىقى كېرەك دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا كىيگەن كىيىملىرىڭىز يۇپقىلىقىدىن بەدەننى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولماسلىقى لازىم. ئاخىرىدا ھېجاب ئەرلەرگە خاس كىيىملەر بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئەرلەرگە ئوخشىتىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشىتىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان.   

    ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن بولغان ئەۋرىتى، كىندىكىدىن تىزىغىچە بولغان ئارىلىق بولۇپ، مەيلى ئۇ ئايال، ئانىسى بولسۇن ياكى ھەدە-سىڭىللىرى بولغان ياكى يات ئايال بولسۇن ئوخشاش، ئۇلارنىڭمۇ ئايالنىڭ كىندىكىدىن تىزىغىچە بولغان ئارىلىققا قارىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما ھاجەت بولغاندا، داۋالىنىش ياكى تۇغۇت ئىشلىرىدا مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلارنىڭ قارىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان.

    بۇنىڭدىن ئايال كىشى ئاياللار سورۇنىدا مۇشۇنداق ئولتۇرسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بۇنداق قىلىش دېگەن پاسىق، پاجىر، دىنسىز، ئەخلاق دائىرسىدىن چىققان ئاياللارنىڭ ئىشىدۇر.

    قىز-خانىملار، ئاياللار بىلەن بولغان سورۇنلاردىمۇ تولۇق ئورۇنۇش، ھايالىق، ئىپپەتلىك بولىشى كېرەك، ئاياللار ئالدىدا بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئۆزىنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئاشكارا قىلىش دۇرۇس بولىدىغان، چېچى، يۈزى، بىلىكى پاچىقى قاتارلىق جايلارنى ئاشكارا قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا جايلىرىنى ئاشكارا قىلسا توغرا بولمايدۇ.

ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىمۇ بالاغەتكە يەتكەن ياكى ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى چۈشىنىدىغان پەرزەنتلىرى ئالدىدا، بىشى، چېچى، يۈزى، بىلىكى پاچىقى قاتارلىق جايلاردىن باشقا جايلىرىنى ئاشكارا قىلماسلىقى لازىم. پەقەت يولدىشى بىلەن يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمايدۇ.

    زامانىمىزدىكى ئاياللارنىڭ مەيلى ئەرەب ئەللىرىدە بولسۇن ياكى باشقا مەملىكەتلەردە بولسۇن، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاياللار سورۇنلىرىدا، ئەرلەر كۆرمەيدۇ دەپ، يىرىم-يالىڭاچ، كۆكسىلىرى، دۈمبىلىرى، قولتۇقلىرى، كىندىكلىرى ئوچۇق ھالەتتە كىيىملەرنى كىيىشى، ھەتتا كىيگەن كىيىملىرىنىڭ نىپىزلىكىدىن ئىچ كىيىملىرى ۋە بەدىنىنىڭ رەڭگى كىيىم كەيمىگەندەك ھالەتتە بولىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئەخلاقىغا يات بولۇپ، بۇلار توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار)، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2128-نومۇرلۇق ھەدىس].

    مۇسلىمە قىز-خانىملار كىيىم-كېچەك، ئىپپەت-ھايادا باشقىلارغا ئۈلگە بولىشى، سائادەت دەۋرىدىكى ئاياللارنى ئۆزىگە ئۆلگە قىلىشى كېرەك. غەرب ۋە شەرقنىڭ ئاياللارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىقى، ئۆزىنىڭ دىنى، ئەخلاقى، ئىپپىتىنى مۇھاپىزەت قىلىشى لازىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار)، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2128-نومۇرلۇق ھەدىس].      

    ئاللاھ تائالا ئىسلام ئاياللىرىنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ساقلىسۇن. ئامىن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتى