ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
مەككىگە ئېھرامسىز كېرىش توغرىسىدا

1002- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىز مەككىگە زۇلقەئدە ئېيىنىڭ بېشىدا ئېھرام بىلەن كېرىپ ئۆمرە قىلىپ، ئېھرامدىن چىقىپ ھەجگە ساقلاۋاتىمىز. ئەگەر ھازىر بىز تائىفقا ياكى جىددىگە چىقىپ قالساق، يەنە ئېھرام باغلاپ كېرىش كېرەكمۇ؟ ياكى ئېھرام باغلىماي كىرسەكمۇ بولامدۇ؟. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.

    جاۋاپ:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ

    ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ سانالار بولسۇن. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدىن ماڭغانلارغا بولسۇن.

    ھەج ئايلىرىدا (شەۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججىنىڭ 10- كۈنىگىچە) بولغان ۋاقىتلاردا، ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن مىيقاتتىن ئېھرام بىلەن مەككىگە كىرىپ ئۆمرە قىلىپ، ئېھرامدىن چىقىپ (يەنى ھەج تەمەتتۇئ قىلغان كىشى) ھەجنى كۈتۈپ تۇرغان كىشى، مەككىگە قايتىپ كېرىش نىيىتى بىلەن تائىف، جىددە ۋە باشقا شەھەرلەرگە بارغان بولسا، مەككىگە قايتقاندا ئېھرامغا كېرىش ۋاجىپ ئەمەس. (يەنى ئېھرامسىز مەككىگە كىرەلەيدۇ). شۇنداقلا ئۇ كىشى زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنى ئۆزى تۇرغان جايدىن ھەج ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىدۇ. ئەمما ئۇ كىشى مەككىگە قايتىشتا تەكرار ئۆمرە قىلىشقا نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆمرە نىيتى بىلەن ئېھراملىق ھالەتتە مەككىگە كېرىدۇ. لېكىن ھەج تەمەتتۇئ نىيىتى بىلەن مەككىگە كىرىپ، ئۆمرىدىن كىيىن ئۆز دۆلىتىگە قايتقان كىشى، ھەج يىقىنلاشقاندا مەككىگە كېرمەكچى بولغان بولسا، ئېھرام بىلەن كېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتى