ھىجرىيە: | مىلادىي: 26 Haziran 2019

چىكىنىڭ
مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە نامە

 مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە نامە

  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قوغدىغۇچىسى، ئۆمرىنى جىھاد مەيدانلىرىدا، سىياسەت سەھنىلىرىدە، قىلىچى بىلەن، قەلىمى بىلەن، تىلى بىلەن، چىن دىلى بىلەن مۇجادىلە قىلغان، پۈتكۈل ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئاتىغان، مەرھۇم مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى، فاتىمە بۇغرا خېنىم 30-8-2018 پەيشەنبە كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.

فاتىمە خېنىم بولسا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا دادىسىغا ھەمدەم بولۇپ، يېنىدىن ئايرىلماي بىرگە خىزمەت قىلغان؛ ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان يوللىرىدا دادىسى بىلەن قىش-ياز جاپانى تەڭ تارتقان، كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئەنقەرەگە يەرلەشكەن. ھەزرىتىم 1965- يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇجادىلىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلمىي مىراسىنى ياخشى ئاسراپ كەلگەن. ھەزرىتىم يازغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»نىڭ قول يازمىسىنى زايا قىلىۋەتمەي ساقلاپ، 1986- يىلى مەزكۇر تارىخنى ماشىنكىدا بېسىپ، ئەنقەرەدە نەشىر قىلدۇرغان. فاتىمە خېنىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاجىئەلىك تارىخىنىڭ بىر ئەسىرلىك جانلىق شاھىدى ئىدى.

 فاتىمە بۇغرا خېنىمنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقۇتۇش ھېسابلىنىدۇ.

 ئاللاھ تائالادىن مەرھۇمە ئۈچۈن رەھمەت ۋە مەغپىرەت، بۇغرا ئائىلىسىگە سەبىر تىلەيمىز..

ئىننا لىللاھ ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

2018-يىلى8-ئاينىڭ31-كۈنى

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر