ھىجرىيە: | مىلادىي: 26 Kasım 2020

چىكىنىڭ
مۇڭغۇلىيەدە خىتاينىڭ مۇڭغۇل تىلىنى باستۇرۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇڭغۇلىيەدە خىتاينىڭ مۇڭغۇل تىلىنى باستۇرۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە، پايتەخت ئۇلانباتۇرغا جەم بولغان نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئىچكى مۇڭغۇل(جەنۇبىي مۇڭغۇلىيە)دا خىتاي تىلىنى كېڭەيتىش سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. 

خەۋەر قىلىنىشىچە، 15- سىنتەبىر سەيشەنبە كۈنى، بىر قىسىم نامايىشچىلار موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇرغا يىغىلىپ، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتىگە نارازلىق بىلدۈرگەن ۋە بېيجىڭنىڭ ئىچكى مۇڭغۇلدا يەرلىك تىل ۋە مەدەنىيەتنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن. 

100 دەك تىنچ نامايىشچى موڭغۇلىيە دۆلەت سارىيى ئالدىدىكى سۇخباتار مەيدانىغا يىغىلىپ، «ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى» ۋە «ۋاڭ يى يوقال» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. 

بۇ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنى قوللاش نامايىشى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قوش تىل مائارىپى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. كونكرېت مەزمۇنى بولسا موڭغۇل تىلىدا ئۆتىلىدىغان ئەدەبىيات، تارىخ ۋە سىياسەت دەرسلىرى خىتاي تىلىدا ئۆتىلىدىغان قىلىپ بەلگىلەنگەن. 

خىتاي بۇ سىياسەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، باشقا پەن ۋە سىنىپلاردا موڭغۇل تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ يەنىلا بوشلۇقى بارلىقىنى تەكىتلىدى. لېكىن، بۇ سىياسەت يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، موڭغۇلىيە ئىقتىسادى خىتايغا زور دەرىجىدە تايىنىدۇ. خىتاي مۇڭغۇلىيە كۆمۈرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى. ۋاڭ يىنىڭ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ موڭغۇلىيەنى 700 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 103 مىليون 150 مىڭ دوللار) ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. 

دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چاي ۋېنرۇي ئۇلانباتۇر «كۈندىلىك دۆلەت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى توغرىسىدىكى «يالغان خەۋەرلەر»نىڭ ئىچكى موڭغۇلدا توقۇنۇش پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. 

http://turkistantimes.com/uy/news-13557.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر