ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
مۇسۇلمانلار ھەر تۈرلۈك پىتنىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك

مۇسۇلمانلار ھەر تۈرلۈك پىتنىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات

 

 2011 – يىلى 9 – ئاينىڭ 3 - كۈنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «مۇسۇلمانلار ھەر تۈرلۈك پىتنىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدىغان تەقۋادارلار ئەتراپىدىكى پىتنىلەردىن ھەر زامان ئاگاھ بولىدۇ، پىتنىلەرنىڭ دىنىي، دۇنياۋىي ۋە شەھۋانىي بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاگاھلىق بىلەن ھەزەر ئەيلەيدۇ. بەندە ئەتراپىدىكى پىتنىلەردىن ساقلىنىش ۋە ئاگاھ بولۇشتا ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن يوليورۇقلارغا مۇكەممەل ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

{وَٱتَّقُواْ فِتۡنَةٗ لَّا تُصِيبَنَّ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنكُمۡ خَآصَّةٗۖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ} {سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا- قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر}[1].

پىتنە ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر زامانلار كەلگەندە پىتنىلەر يۈز بېرىدۇ، شۇنداق ۋاقىتتا ئولتۇرغۇچى ئۆرە تۇرغۇچىدىن ياخشى، ئۆرە تۇرغۇچى ماڭغۇچىدىن ياخشى ۋە ماڭغۇچى يۈگۈرگۈچىدىن ياخشىدۇر، پىتنىدىن ساقلىنىش شەرىپىگە ئىگە بولغانلار، ئۆزىنى شەرەپلەندۈرسۇن، پىتنىدىن قاچىدىغان پاناھلىق ئورنى تاپالىغانلار، ئۆزىنى  پاناھلاندۇرسۇن».

پىتنىنىڭ خەتىرى ئىنتايىن يامان ۋە زىيانلىرى ھەممىگە ئومۇمىيدۇر. ئىبنى قەييۇم جەۋزى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پىتنىنى ئىككى تۈرگە بۆلگەن. بىرى شۈبھىلەر پىتنىسى (ھەقىقەتنىڭ مۇجمەللىكى بولۇپ، بۇ پىتنىلەرنىڭ ئەڭ خەتەرلىكىدۇر. ئىككىنجىسى ھەۋەسنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كېتىش پىتنىسى بولۇپ، بەزى ئىنسانلاردا مەزكۇر ئىككى پىتنە بىرلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. شۈبھىلەر پىتنىسى يىراقنى كۆرۈش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، بىلىم سەۋىيەنىڭ ناقىسلىقىدىن بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋە خەتەرلىك پىتنە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىش، ئىنساننى كۇپرىغا ۋە مۇناپىقلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنداق خەتەرلىك پىتنىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىچىدە تەقۋادار كىشىلەرلا قۇتۇلۇپ قالالايدۇ.

ئىككىنجى پىتنە بولسا، ھەۋەسنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كېتىش پىتنىسى بولۇپ، خاھىشىغا ئەگىشىپ كەتكەنلەر شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى ئۆزىنىڭ خاھىشىغا بويسۇندۇرىدۇ، ئۆزىنى مەن ئالىم، ياكى تەقۋادار مۇسۇلمان دەپ قارىسىمۇ، شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خاھىشىغا كەلگەننى قىلىدۇ، ئۆزىنى ھەممىدىن بىلەرمەن، توغرا يولدا ماڭغۇچى ۋە قۇرئان-ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلغۇچى ھېسابلايدۇ، باشقىلارنى بىدئەتچى، ئازغۇن ۋە ئىسلامنىڭ روھىنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلار دەپ قارايدۇ.

ھەۋەسنىڭ پىتنىسىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ياخشى چارىسى، سەۋرچانلىق ۋە ئىزچىل ھالدا ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدېنىشتۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:

{وَجَعَلۡنَا مِنۡهُمۡ أَئِمَّةٗ يَهۡدُونَ بِأَمۡرِنَا لَمَّا صَبَرُواْۖ وَكَانُواْ بِ‍َٔايَٰتِنَا يُوقِنُونَ}

{ئۇلار كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشىۋالار قىلدۇق}[2].

ئۈممەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغانلارنىڭ ئاساسلىق شەرتى، ھېكمەتلىك بولۇش، داۋاملىق ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە پايدا-زىيىنى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە سەۋرچان بولۇشتۇر. ھاۋايى-ھەۋەس پىتنىسىدىن ساقلىنىشنىڭ ئاساسلىق چارىسى، ئەقىل ۋە بەسىرەتنى كامالەتكە يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى دىندا پىتنىگە سەۋەب بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە پىتنىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگەشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{لَّا تَجۡعَلُواْ دُعَآءَ ٱلرَّسُولِ بَيۡنَكُمۡ كَدُعَآءِ بَعۡضِكُم بَعۡضٗاۚ قَدۡ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنكُمۡ لِوَاذٗاۚ فَلۡيَحۡذَرِ ٱلَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنۡ أَمۡرِهِۦٓ أَن تُصِيبَهُمۡ فِتۡنَةٌ أَوۡ يُصِيبَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ} {ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرنى سىلەر بىر- بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، سىلەردىن(پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن)ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بېلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يۇلۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن}[3].

كىمكى سۆزى ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمىلى قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمكى دىنىمىزدا يوق ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ».

ئاللاھ ھەممىمىزنى دىن ۋە دۇنيا پىتنىلىرىدىن ساقلىسۇن، قۇرئان ۋە ھەدىس روھىغا مۇكەممەل ئەمەل قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن!

 

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى



[1]   سۈرە ئەنفال:  25- ئايەت

[2]   سۈرە سەجدە:  24- ئايەت

[3]   سۈرە نۇر:  63- ئايەت

باشقا خىزمەتلەر