ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
مۇسۇلمان ئۆزىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ باغلاش بىلەن بىرگە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك

مۇسۇلمان ئۆزىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ باغلاش بىلەن بىرگە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك

شەيخ دوكتور/ سەئۇد ئىبن ئىبراھىم ئەششۇرەيم

(16-07-2010)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «مۇسۇلمان ئۆزىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ باغلاش بىلەن بىرگە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسىنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىشى، دىنىغا بولغان سەمىمىيلىكى، دىنىدا مۇستەھكەملىكى ۋە سۈننەت پىرىنسىپىغا ساداقەتمەنلىكىنى ئىزھار قىلىشى بولسا، پەرۋەردىگارىغا ۋە دىنىغا بولغان ئىشەنچىسىگە باغلىقتۇر. ئۆزىگە مۇكەممەل ئىشەنچ قىلغان مۇسۇلمان بوران-چاپقۇنلاردىمۇ تەۋرەنمەس تاغدەك مۇستەھكەم تۇرالايدۇ. ئۈممەتنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇپ قىلىنغان پىتنە-پاساتلاركەلكۈندىمۇ ئېقىپ كەتمەي پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. شەيتاننىڭ تۈرلۈك ئازدۇرۇشلىرىدىن ساقلىنالايدۇ. كىم ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىسا، شۇنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ قالىدىغانلاردىن بولماي، شەخسىيىتى كۈچلۈك، ئىرادىلىك بولىدۇ.

 گەرچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭىدىغانلار ئاز بولسىمۇ تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن ھەقنى ھەق، ناھەقنى ناھەق دەپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ پىرىنسىپتا ماڭغان مۇئمىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن كىشىدۇر:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ياخشى ئىش قىلسا بىزمۇ ياخشىلىق قىلىمىز، زۇلۇم قىلسا بىزمۇ زۇلۇم قىلىمىز، دەيدىغان مەيدانى يوق، ئەگەشمىچى بولماڭلار! لېكىن، ئۆزۈڭلارنى روھلۇق تۇتۇڭلار! كىشىلەر ياخشى ئىش قىلسا بىرگە قىلىڭلار، يامانلىق قىلسا سىلەرمۇ قوشۇلۇپ زۇلۇم قىلماڭلار»[1].

مەزكۇر ھەدىستە كەلگەن ئەرەبچىدىكى «ئىممەئە» كەلىمىسى: مۇستەقىل مەيدانى يوق، كىم نېمە دېسە سېنىڭ راست دەپ ئارقىسىدىن ماڭىدىغان، شەخسىيىتى ئاجىز، ئىرادىسىز ئادەمگە ئېيتىلىدۇ. ئىنسان دۇنيادا ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، ئىككى يۈزلىمە بولۇپ ياشاشتىن ساقلىنىشى لازىم. مۇسۇلماندا مۇستەقىل قاراش، مۇستەھكەم ئىرادە بولۇش كېرەك. بىر ئىشقا تەرەددۇت قىلىپ، ئىككىلىنىپ قالغان ئادەمنىڭ ئىشى بۇزىلىدۇ. بۇ ھەقىقەت ھۇدەيبىيە شەرتنامىسىدا ئىسپاتلانغان، كېلىشىم قارىماققا مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىسى كامىل بولغاچقا، قەتئىي ئىككىلەنمەستىن كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراز بىلدۈرىشىگە قارىماي مۇشرىكلار بىلەن سۈلھى (كېلىشىم) تۈزگەن.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ بايان قىلىشىچە: ئەلىي ئىبنى ئەبى تالىب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) خاۋارىجلارغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا بىر پالچى:

 ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاي ئەقرەب دە تۇرىدۇ، سەپەر قىلمىسىڭىز ياخشى بولاتتى، بۇنداق ۋاقىتتا سەپەر قىلسىڭىز ئەسكەرلىرىڭىز مەغلۇب بولۇپ كېتىدۇ، دېگەندە، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھقا ئىشەنچىمىز كامىل، سەن سالغان پالنى يالغان دەپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ مېڭىۋىرىمىز» دەپ سەپەرگە ئاتلاندى. ئىسلام خەلىپىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇ سەپىرىدە كۆپ بەرىكەت بېرىلدى، خاۋارىجلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىنتايىن خۇشال بولغان ئىدى.

بەزىلەر مۇنداق سۇئال قويىشى مۇمكىن: ھازىرقى زاماندا بۇنداق ئەگەشمىچىلىكتىن سۆز ئېچىش مۇناسىپمۇ؟ ئەگەشمىچىلەر شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشقا تېگىشلىك دەرىجىدە كۆپمۇ؟ بۇنىڭغا جاۋابەن دەيمىزكى: شۇنداق، بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندا ھەقىقىي ئالىملار ئۆلۈپ تۈگىگەن، خەلق ئاممىسى بىلىمسىز، جاھىل كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە پىشىۋا تىكلىۋالغان. جاھاننى بىلىمسىزلىك، جاھالەت قاپلاپ كەتكەن. ژورنالىست فىقھىدا ئالىم بولىۋېلىپ پەتىۋا بېرىشكە باشلىغان، تەشۋىقات ساھەسىگە ئەمدىلا كىرگەن بىرسى شەرىئەتشۇناسلىق دەۋاسىنى قىلىپ دىندىن، شەرىئەتتىن سۆزلەپ كۆرەڭلەشكە باشلىغان. دىننىڭ ئاساسىي مەنبىئى بولغان قۇرئان،  ھەدىسنى قايرىپ قويۇپ ئۆز خاھىشى بويىچە دىنى پىشىۋا بولىۋالغان، جامائەت ئىچىدە ھېچ قىممىتى يوق پەس ئىنسانلار ئاممىنىڭ ئىشلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان بولۇپ قالغان دەۋرىدە شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەك مۇھىم.

باشقىلارنى قارغۇلارچە تەقلىت قىلىش ۋە مەيدانسىزلىق دېگەن بۇ ئۇقۇملار ئىككى بىسلىق ئۇقۇم بولۇپ، بۇنداق ئۇقۇمنى ئىنسانلار ئىچىدىكى شەخسلەرگە قوللىنىش مۇمكىن بولغاندەك، جامائەت، مىللەت، دۆلەتلەرگە قوللىنىشمۇ مۇمكىن. بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشقا مۇشتۇمزور دۆلەتلەرگە بېقىندى بولۇپ ياشىشىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنە شۇ ھەدىسىگە ماس كېلىدۇ. بىر ئىنساننىڭ پەقەتلا ئالىم بولىشى، ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىرادىلىك، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كامىل بولىشىغا كاپالەتلىك قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزى «مەن ئالىم» دېگەنلەردىن تارقالغان شەرىئەتنىڭ جەۋھىرىگە زىت پەتىۋالار، ئەنە شۇ ئالىملارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەت شۇنداق بېقىندىلىقنى ئۆزىگە تاللايدىكەن، كۈنسىرى ئاجىزلىشىپ، ھېچكىم كۆزىگە ئىلمايدىغان، بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا مىللەتلەر قاچىدىغان، يەرشارىغا يۈك بولۇپ، ئۇنداق مىللەتنىڭ بار-يوقلىقى ئىنسانىيەت ئالىمىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

شەخسىيىتىنى يوقاتقان مىللەت باشقىلارغا موھتاج بولۇپ ياشىغاندىن باشقا ئۆرپ - ئادەت ۋە روھىي جەھەتتىمۇ ئەگەشمىچى ھالەتتە ياشايدۇ. باشقىلارغا قارغۇلارچە ئەگىشىپ، تەقلىد قىلىپ ياشايدىغان مىللەت، روھىي مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر. ئۆز شەخىسىيىتىنى يوقاتقان ئىنسان ياتلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، دىندا بولسۇن، ئۆرپ-ئادەتتە بولسۇن، ياتلارنى تەقلىت قىلىدۇ.

ئىنسان شۇ ھەقىقەتنى بىلىشى كېرەككى، ياتلارنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ. تەرەققىي قىلدۇرماستىن تېخىمۇ ئارقىغا چېكىندۈرىدۇ. بۇ دۇنيادا ئالغا ئىلگىرلەشنى، ئىنسانىي غۇرۇرى بىلەن ياشاشنى ۋە تەرەققىي قىلىشنى خالىغان ئىنسان ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە قايتىدۇ. ئىسلام ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەن ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە خورلانمايدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانىيەت ئالىمىدە مىللەتلەرنىڭ يەر شارىدىن يوقىلىشى ياكى گۈللىنىپ ياشىشىنى ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلاپ قويغانلىقىنى مونۇ ئايەتتە ئۇچۇق بايان قىلغان:

{... إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡۗ وَإِذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِقَوۡمٖ سُوٓءٗا فَلَا مَرَدَّ لَهُۥۚ وَمَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَالٍ} {(ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ}[2].

ئاللاھ بىزگە ھەقنى ھەق كۆرسىتىپ، ئۇ يولدا مېڭىشنى ۋە ناھەقنى ناھەق كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى نېسىپ قىلسۇن، ئامىين!

 

سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.



[1]   تىرمىزى رىۋايىتى

[2] رەئد سۈرىسى 11- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

 

باشقا خىزمەتلەر