ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلغان ئايا سوفيانىڭ مەسجىد ھالىتىگە قايتقانلىقى خۇشاللىنارلىق بىر غەلىبىدۇر

مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلغان ئايا سوفيانىڭ مەسجىد ھالىتىگە قايتقانلىقى خۇشاللىنارلىق بىر غەلىبىدۇر

ئالدى بىلەن ئايا سوفيا مۇزېيىنىڭ قايتىدىن مەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. بۇنى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خۇشاللىق دەپ ھېسابلايمىز. 

ئايا سوفيا – مىلادىيە 532-537- يىللىرى ئارىسىدا ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى جاستىنيانۇس تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان چېركاۋ بولۇپ، بىناكارلىق تارىخىدا مۇھىم قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.

ئىستانبۇل 1453-يىلى ئوسمانىيلار تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغاندا، سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ئۇنى ئۆز خىراجىتى بىلەن سېتىۋېلىپ، ئاللاھ يولىدا ۋەقپە قىلىپ، مەسجىدكە ئۆزگەرتكەن. 1924 – يىلى ئوسمانىيلا خەلىپىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 1935- يىلىغا كەلگەندە، شۇ دەۋردىكى مەھكىمىنىڭ قارارىغا ئاساسەن مەسجىدتىن مۇزېيغا ئۆزگەرتىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئوچۇق ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان. 2020 – يىلىغا كەلگەندە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەب تاييىب ئەردۇغاننىڭ تەشەببۇسى ۋە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن قايتا مەسجىدگە ئۆزگەرتىلدى. 

تارىختا مۇسۇلمان ئەمەس ھاكىمىيەتلەر ئىشغال قىلغان مۇسۇلمانلارغا قانداق پوزىتسىيەدە بولغان؟

بىز مۇسۇلمان ئەمەس ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىسلام زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنكى قىلمىشلىرىغا بىر قاتار كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىدىغان بولساق، ئىسپانىيەدىكى خىرىستىيانلار تارىخىي مەسجىد ۋە جامەلەرنى زورلۇق بىلەن چېركاۋلارغا ۋە مۇزىخانىلارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن. مەسىلەن: غەرناتە شەھىرىدىكى «قىزىل قەسر مەسجىدى»نىڭ چېركاۋغا ئۆزگەرتىلىپ «سانتا مارىيا» دەپ ئاتالغانلىقى، «قۇرتۇبە مەسجىدى»نىڭ «مەريەم چېركاۋى»غا، تۇلەيتىلە شەھىرىدىكى «باب مەردۇم مەسجىدى»نىڭ «ئىيسا نۇرى چېركاۋى»غا، «ئىشبىلىيە مەسجىدى»نىڭ «مارىيا چېركاۋى»غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى. ئالجىرىيەدىكى بەزى مەسجىد، جامەلەرنىڭ چېركاۋغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىمۇ ھېچكىمگە سىر ئەمەس. دۇنيادا دىنسىزلار تەرىپىدىن ھەر خىل نەرسىلەرگە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەسجىد ۋە جامەلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بولسا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئونمىڭلىغان مەسچىتلىرىمىزنى يىقىپ تاشلىدى، مۇھىم تارىخىي مەسچىتلەرنى ئاياقئاستى قىلىپ تاڭسىخانا، ھاراق-شاراپ ئىچىدىغان مەيخانىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.  يۇقىرىقى بايانلاردىن مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ.

ئايا سوفيانىڭ جامەگە ئۆزگەرتىلىشى بەزىلەر دەۋا قىلغاندەك خىرىستىيانلارنىڭ ھېسسىياتىنى زېدىلىگەنلىك ھېسابلىنامدۇ؟

ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى، جۈملىدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىز ئۇيغۇرلارنى زور خۇشاللىققا چۆمدۈردى. لېكىن بۇ ئىش مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ ۋە بۇ دۆلەتلەرگە بېقىندى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ھەققى بولغان بۇ ئىشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەتتا پەتىۋا خاراكتېرلىك باياناتلارنى ئېلان قىلغانلارمۇ بولدى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ نارازى بولۇپ، قارشى چىقىش ھەققى يوق. چۈنكى ئايا سوفيا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇنى قانداق تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە خاستۇر.

بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىلەرنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرۈشىمىز مۇمكىن:

1-   ئايا سوفيا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر جاي بولۇپ، ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇنى قانداق تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە خاستۇر.

2-   ئايا سوفيا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك 1453-يىلدىن 1935-يىلغىچە مەسجىد، 1935- يىلدىن تاكى ھازىرغا قەدەر مۇزېي قىلىپ قوللىنىلغان. خىرىستىيانلارنىڭ ئالتە ئەسىرگە يېقىن زېدىلەنمىگەن ھېسسىياتى ئەمدى نېمە دەپ زېدىلەنگۈدەك؟

3-   ئايا سوفيا بۇرۇن چېركاۋ ئىدى، شۇڭا ھازىرمۇ چېركاۋ بولۇشى ياكى چېركاۋ بولمىغاندىمۇ مۇزېي پېتى قالدۇرۇلۇشى كېرەك دېگۈچىلەرنىڭ پىكىرنى ئېتىبارغا ئالغىنىمىزدىمۇ ئۇلارنىڭ نارازىلىقى يەنىلا ئورۇنسىز. چۈنكى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخان ئىستانبولنى پەتھى قىلغاندا ئايا سوفيانى شۇ زاماندىكى خىرىستىيانلاردىن ئۆز خىراجىتى بىلەن سېتىۋېلىپ ۋەقپە قىلىۋەتكەن. دېمەك، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايا سوفيا خىرىستىيانلارنىڭ مۈلكى ئەمەس، ئۇلارنىڭ بارلىق دەۋاسى ئورۇنسىزدۇر.

4-   قارشى چىققۇچىلار خىرىستىيانلارنى ئويلاپتۇ-يۇ، دۇنيادىكى بىر يېرىم مىلياردتىن كۆپرەك مۇسۇلماننىڭ، خۇسۇسەن تۈركىيەدەك 99% مۇسۇلمان ياشايدىغان بىر دۆلەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتىنى ھېچ ئويلىماپتۇ. بۇ تەرىپى ناھايىتى ھەيران قالارلىق!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئىنسانلار ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن مۇسۇلمانلار بولغاندەك، ئاقمايدىغان سەپسەتىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بۇ قارارغا قارشى چىققانلارمۇ ئاز بولمىدى. ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە ئۆزگەرتىلگەنلىكىگە قارشى چىققۇچىلار مۇزېينى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ياكى ئايا سوفيانى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئىسلامغا، ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نامايەندىلىرىدىن بولغان مەسجىدلەرنى يامان كۆرگەنلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭغۇ مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلامنى يامان كۆرۈشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىپ تۇرۇقلۇق، ئىسلامنى ياقتۇرمايدىغان، ئىسلامغا قارشى كۈچلەرنىڭ يېنىدا سەپ تۇتىدىغان، ئۆزلىرىدىكى ئىززەتنى سېتىپ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە كۈچۈكلىنىدىغانلارنىڭ بۇ قىلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

)يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ( «ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. ئاللاھ بولسا كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر».

ئايا سوفيانىڭ مەسجىدكە قايتۇرۇلغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان، ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان كاتتا ھادىسىدۇر. بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ غەلىبىسى دېيىشكە بولىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر